تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

13-قېتىملىق «مەملىكەتلىك قاتناش بىخەتەرلىكى كۈنى»نىڭ شىنجاڭدىكى باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

 تىيانشان تورى ـ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گۇەن مېڭيىڭ، چىن مېيخۇا خەۋىرى) 12-ئاينىڭ 2-كۈنى، 13-قېتىملىق «مەملىكەتلىك قاتناش بىخەتەرلىكى كۈنى»نىڭ شىنجاڭدىكى باشلىنىش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

12-ئاينىڭ 2-كۈنى، «مەملىكەتلىك قاتناش بىخەتەرلىكى كۈنى»نىڭ شىنجاڭدىكى باشلىنىش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، بۇ يىللىق باش تېما «مەدەنىي قاتناش قول تۇتۇشۇپ ئورتاق بەرپا قىلىش». سۈرەتتە باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانى. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى 

   بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. 

  بۇ يىلقى «مەملىكەتلىك قاتناش بىخەتەرلىكى كۈنى»نىڭ باش تېمىسى «مەدەنىي قاتناش قول تۇتۇشۇپ ئورتاق بەرپا قىلىش». نەق مەيداندا، بايىنغولىن ئوبلاستلىق گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى كۆرۈنۈشلۈك ئورۇنلاش شەكلى ۋە ھەقىقىي ھادىسە مىساللىرى ئارقىلىق، كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم كۆرۈلىدىغان قاتناش ناچار ئادەتلىرى ۋە ئۇنىڭ زىيىنىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، كۆرگۈچىلەرنى قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ رېئال زىيىنىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش بىلەن بىللە، يېنىك قاتناش ھادىسىلىرىنى تېز بىر تەرەپ قىلىش، تېز تۆلەم بېرىشتىكى قولاي، تېز بولۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى چۈشەندۈردى. 

سۈرەتتە: باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا، قاتناش بىخەتەرلىكى بىلىملىرى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەنمەكتە. تىيانشان تورى ـ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى 

خېجىڭ ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى كۈنەس ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ جياۋداۋيۈەنى ناباتۇر (ئوڭدىن بىرىنچى كىشى) ۋە خوتۇن-بالىلىرى بىرلىكتە رىياسەتچى بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرماقتا. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى 

  شۇ كۈندىكى پائالىيەت ئانار بۇلۇت تېرمىنالى، تىيانشان تورى، شىنجاڭ قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ھەرقايسى يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرى ئارقىلىق، ئۈرۈمچى شەھىرى، بايىنغولىن ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، ئىلى ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق كۆپلىگەن جايلاردا ماس قەدەمدە بىۋاسىتە كۆرسىتىلدى. بۇ مەزگىلدە، بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرگەنلەر جەمئىي 360 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.