تۇڭ لىيا
«مەن شىنجاڭلىق، شىبە مىللىتىدىن. مۇشۇ جايدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇم، يۇرتۇمدىكىلەر قىزغىن، جۇشقۇن، ئاددىي ـ ساددا، مەردانە، ھويلىلاردىن مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى تارىلىپ تۇرىدۇ، تاغلاردا يەنە قويلار ئوتلاپ يۈرىدۇ، سىلەرنىڭ ئۆيۈمگە كېلىپ مېھمان بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن يۇرتۇمنى سۆيىمەن.» بۇ، 11 يىل ئىلگىرى مەن ۋېيبودا يۇرتۇمنى تەشۋىق قىلىپ يازغان بىر بۆلەك سۆز. بۇلار ھېلىھەم مېنىڭ قەلب سۆزلىرىم.
1999 ـ يىلى، 16 يېشىمدا قەلبىمگە «چوڭ شەھەر»لەرگە بېرىپ كۆرۈپ بېقىش ئويىنى پۈكۈپ، ئۇسسۇلچى بولۇش ئارزۇسىدا يۇرتۇمدىن چىقتىم، بەختىمگە يارىشا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ بېزەكلىك ئاپتوموبىلىدا ئويۇن قويۇشقا قاتناشتىم. ئۇ چاغدا، بېيجىڭ قەلبىمدىكى ئەڭ چوڭ سەھنە ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ماڭا ئائىت خەۋەرلەر يۇرتۇمدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق تاراتقۇلاردا ئارقا ـ ئارقىدىن ئېلان قىلىندى... بۇ خەۋەرلەر شۇ ۋاقىتتا ماڭا يۇرتۇمدىن كەلگەن ئىللىقلىق ۋە ئىلھامنى ھېس قىلدۇرۇپ، قەلبىمگە چەكسىز كۈچ ـ قۇۋۋەت بېغىشلىغانىدى. كېيىن، سەنئەت كەسپىمنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، مەن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭلىق ياشنى سىرتلارغا چىقىپ سىرتتىكى دۇنيانى كۆرۈپ بېقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى، ئۇلارنىڭ ئارزۇسىنى يالقۇنجىتىشنى بارغانسېرى ئويلايدىغان بولدۇم.
2019 ـ يىلى، مەن شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر مەدەنىيىتى، ئۆرپ ـ ئادىتىدىن ماتېرىيال تاللانغان، كۆپ مىللەت ئۇسسۇلى يۇغۇرۇلغان سەھنە تىياتىرى «يىراق جايدا . مۇشۇ جايدا»نى پىلانلىدىم ھەم بۇنىڭدا ئاساسلىق باش رول ئالدىم، ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەييارلىغان بۇ سەھنە تىياتىرى مېنىڭ يۇرتۇمغا يازغان مېھىر ـ مۇھەببەتلىك خېتىم، شۇنداقلا تۇغۇلغان كۈنۈمگە تەقدىم قىلغان سوۋغىتىم ئىدى.
مەن ناخشا ـ ئۇسسۇل ماكانىدا تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم، قانداق قىلىپ تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بۇ جاينىڭ جۇلالىق، رەڭدار مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش، شۇنداقلا شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىدىكى مەكتەپداش ئىنى ـ سىڭىللىرىمنى تېخىمۇ چوڭ سەھنىگە يۈزلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش مېنىڭ بۇ تىياتىرنى تەييارلاشتىكى ئەسلىي مەقسىتىم. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۇسسۇل خام ماتېرىياللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش مەقسىتىدە، كوللېكتىپىمىزدىكى ئاساسلىق ئىجادىيەتچىلەر زور مىقداردىكى تارىخىي ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چىقتۇق، شۇنداقلا نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت ئائىلىلىرىنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلدۇق، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ ـ ئادىتى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى تولۇق ئىگىلەش بىلەن بىللە، ئۇسسۇل تىلى بىلەن مەن ئىپادىلىمەكچى بولغان ھېسسىيات بۆلىكىنى مۇكەممەل ماسلاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا ئۆزگىچە شىنجاڭ ناخشا ـ ئۇسسۇللىرىنى نامايان قىلدۇق. ئويۇنغا بېرىلگەن ياخشى باھالار ئۈزۈلمىدى، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ يۇرتۇمغا قايتۇرغان جاۋابىمنىڭ گۈزەل ھاسىلاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن مەمنۇن بولدۇم.
ھەر قېتىم يۇرتۇمدىكى شىنجاڭ گېزىتى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغاندا، مەن ھەممىسىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىم، چۈنكى بۇ مېنىڭ يۇرتۇمغا قىيالماسلىق ھېسسىياتىمنى يەتكۈزۈشۈمدىكى ئەڭ ياخشى سۇپا، شۇنداقلا ئۇ مېنى «رول ئېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئادەم بولۇش، تىرىشىپ تاماشىبىنلار ياخشى كۆرىدىغان بىر لاياقەتلىك ئارتىس بولۇش» تىن ئىبارەت ئىشەنچ، ئىنتىلىشتە چىڭ تۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. ھازىر، يۇغۇرما تاراتقۇ دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، مېنىڭ قار تېيىلىش، ئۇسسۇل ئويناش، دېكلاماتسىيە قىلىش، مەززىلىك تائاملارنى تونۇشتۇرۇش، ناخشا ئېيتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭنى تەشۋىق قىلغان سىنلىرىم ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى سۇپىسىدا تارقىتىلماقتا ۋە خاتىرىلەنمەكتە، مەن بۇ سۇپا ئارقىلىق يۇرتۇمغا، يۇرتداشلىرىمغا بەخت تىلىدىم، شۇنداقلا ئۆزۈممۇ تېخىمۇ كۆپ ياخشى تىلەكلەرگە ئېرىشتىم، بۇ ئىللىقلىق ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا.
2022 ـ يىلى 10 ـ ئايدا، مەن ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى تەشكىللىگەن «قالتىس ئون يىل . تىيانشاندىكى دېكلاماتسىيە» پائالىيىتىگە قاتناشتىم، ئەينى چاغدا مۇخبىر مەندىن ئەسلىي مەقسىتىڭىز نېمە؟ دەپ سورىغاندا، مەن: «ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەققىياتى كۈندىن ـ كۈنگە يېڭىلانماقتا، مەنمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىۋاتىمەن، بىراق مېنىڭ ئەسلىي مەقسىتىم ئۆزگەرمەيدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئارزۇ ئىزنالىرىنى بويلاپ يۇرتۇمغا قايتىش» دەپ جاۋاب بەردىم.
مۇشۇ پەيتتە، مەن شىنجاڭ گېزىتىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەيمەن! كەلگۈسىدە بىز قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەيمىز.