تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

شىنجاڭ 33 مېدالنى قولغا كەلتۈردى

12 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى

شىنجاڭ 33 مېدالنى قولغا كەلتۈردى

شىنجاڭ گېزىتى، سەنيا، 11 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، 12 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خەينەن ئۆلكىسىنىڭ سەنيا شەھىرىدە ئاياغلاشتى. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 7نى، 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 11نى، 3 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 15نى قولغا كەلتۈردى ھەم پۈتۈن مەملىكەتكە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جان تىكىپ ئېلىشىدىغان، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن گۈزەل نامنى قەلبلەردىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇردى.

بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 11 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنىدىن 30 ـ كۈنىگىچە خەينەن ئۆلكىسىنىڭ سەنيا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش كۆلىمى ئالدىنقى نۆۋەتلىكتىكىدىن ئېشىپ، جەمئىي 14 تۈر بويىچە مۇسابىقىگە قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، مىللىيچە چېلىشىش، مىللىيچە چەۋەندازلىق، دارۋازلىق، سارغايدى، ئوغلاق تارتىشىش، قىز قۇۋار، ئات ئۈستىدە كۈچ سىنىشىش مۇسابىقىلىرىدە 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئېرىشكەن 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپات سانىمۇ ئالدىنقى نۆۋەتلىكتىكىدىن ئاشتى.

تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ئادىل ھوشۇر دارۋازلىق كوللېكتىپىنى باشلاپ 20 مىنۇت داۋاملاشقان بوشلۇقتىكى كۆرۈش سېزىمى كاتتا زىياپىتىنى ئېلىپ كەلدى. ماھارەت كۆرسەتكۈچىلەر كۆركەم ۋە چىرايلىق مىللىيچە كىيىم ـ كېچەكلەرنى كىيىپ، زىبۇ ـ زىننەتلەرنى تاقاپ، يېنىك قەدەم ئېلىپ، 21 مېتىر ئېگىزلىككە تارتىلغان، ئۇزۇنلۇقى 80 مېتىر كېلىدىغان پولات ئارغامچا ئۈستىدە سەكرەپ، موللاق ئېتىپ، خۇددى بۇلۇتلار ئارىسىدا سەيلە قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېغىشلىدى. «بىز دۇنياغا دارۋازلىقنى نامايان قىلىدىغان ھەر قېتىملىق پۇرسەتنى قەدىرلەيمىز، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئۇزاق يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بۇ سېرك سەنئىتى ماھارەت كۆرسىتىش شەكلىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.» شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى دارۋازلىق كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى ئادىل ھوشۇر مۇنداق دېدى: بىز ئۇدا 11 نۆۋەت 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتىۇق، «بۇنىڭدىن كېيىن يەنە داۋاملىق تىرىشىپ، تېخىمۇ كۆپ تېخنىكىلىق ھەرىكەتلەردە يېڭىلىق يارىتىمىز».

مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دۆلىتىمىز ئەڭ بالدۇر ئۆتكۈزگەن پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى. 1953 ـ يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلگەندىن باشلاپ، مۇسابىقىگە قاتناشقان مىللەتلەر خەنزۇ، موڭغۇل، خۇيزۇ قاتارلىق 13 مىللەتتىن بۈگۈنكى كۈندە 56 مىللەتكە كېڭەيدى؛ مۇسابىقىگە قاتناشقانلار سانى 400گە يېقىن ئادەمدىن كۆپىيىپ 10 مىڭغا يېقىن ئادەمگە يەتتى؛ مۇسابىقە تۈرى بەشتىن 18گە كۆپەيدى، ماھارەت كۆرسىتىش تۈرى ئۈچتىن 160 نەچچىگە كۆپەيدى. مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەر مىللەت تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم سۇپا بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا گۇۋاھ بولدى ۋە تۈرتكە بولدى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ رەڭدارلىقىنى جۇلالاندۇرىدىغان سەھنە بولۇپ قالدى.

«بۇ قېتىم 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ كۆپچىلىك ناھايىتى خۇشال بولدۇق. تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت بۇ ياخشى سەھنىدىن پايدىلىنىپ، سارغايدىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى سارغايدى كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى ئايگۈل.

شۇ كۈندىكى يېپىلىش مۇراسىمىدا، يەنە مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە بايرىقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ـ ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2027 ـ يىلى خۇنەن ئۆلكىسىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.