تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەنت ئاھالىلىرىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش

شا شياۋيۈن:

كەنت ئاھالىلىرىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي

11 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى ئۇخاۋچۈ يېزىسى ئارۇنچۈ كەنتىنىڭ كەنت يولىدا، كەنت پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شا شياۋيۈن كەنت كادىرلىرىنى باشلاپ يۈك ئاپتوموبىلىدىن ئەمدىلا يۆتكەپ كېلىنگەن كۆچەتلەرنى چۈشۈرۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى. «ھاۋا بارغانسېرى سوۋۇپ كەتتى، دەرھال بوش قالغان يەرلەرگە تولۇقلاپ تىكىشىمىز كېرەك» دېدى شا شياۋيۈن.

2019 ـ يىلى ئارۇنچۈ كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلانغاندىن بۇيان، شا شياۋيۈن ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك يۇغۇرۇپ، ئىناق كەنت ئاھالىلىرى مۇناسىۋىتى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، كەنت ئىستىلىنىڭ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، يېزا ـ كەنت ساياھەتچىلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. قىسقىغىنا نەچچە يىل ۋاقىتتا، ئارۇنچۈ كەنتى ئانچە نەزەرگە ئېلىنىپ كەتمەيدىغان ئارقىدا قالغان كەنتتىن يىراق ـ يېقىنغا داڭلىق چولپان كەنتكە ئايلاندى، بۇلتۇر «ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك كەنت» بولۇپ باھالاندى.

ئەمەلىي ئىشلەپ ئىشەنچكە ئېرىشتى

ئارۇنچۈ كەنتىدە، مەيلى دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدىكى لازا يىغىۋاتقان ئېتىز باشلىرىدا بولسۇن ياكى كەنتنىڭ يول ياساش قۇرۇلۇش مەيدانىدا بولسۇن، ھەممىلا يەردە شا شياۋيۈننىڭ ئالدىراش سىيماسىنى كۆرگىلى بولاتتى. «شا شۇجىنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ھەممىمىزنى تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن خىزمەتكە ئاتلىنىشقا ئىلھاملاندۇردى» دېدى كەنت كادىرى دىڭ چۇنلى.

52 ياشلىق شا شياۋيۈن ئارۇنچۈ كەنتىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان. 1994 ـ يىلى خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان، ئۇ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ كەنت ئاھالە كومىتېتىدىكى ئوخشاش بولمىغان ئىش ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىپ، كەنتتىكى ھەرقانداق ئادەم ۋە ئىشنى بەش قولدەك بىلىپ كەتتى. «ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ئامما بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىدۇ، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەت ـ تەدبىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ» دېدى شا شياۋيۈن.

«كەنت كادىرلىرى چوقۇم ئىش قىلىشنى ئويلىشى كېرەك، پەقەت كەنت ئاھالىلىرىنى كۆڭلىگە پۈككەندىلا، ئاندىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىدە ئورنى بولىدۇ.» شا شياۋيۈن دائىم شۇنداق دەيتتى. كەنت كادىرى نۇربىيە ئابدۇرېھىم ئائىلىلەرگە كىرگەندە، كەنت ئاھالىسى قادىر يۈسۈپ ئەر ـ خوتۇن ئىككىيلەننىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىپ قالغانلىقىنى، ئوغلىنىڭ مېيىپ بولغاچقا ئەمگەك ئىقتىدارى يوقلۇقىنى، ئائىلە تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىق بارلىقىنى ئىگىلىدى. نۇربىيە بۇ ئىشنى ئىنكاس قىلغاندىن كېيىن، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىرىنچى ۋاقىتتا يىغىن ئېچىپ، ياشانغان بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۈچۈن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئىلتىماس قىلىپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.

قارىماققا ئانچە چوڭ كۆرۈنمەيدىغان بۇ ئىشلار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، شۇنداقلا كەنت كادىرلىرىنى ئىشەنچ ۋە ھۆرمەتكە ئېرىشتۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، شا شياۋيۈننىڭ تەسىرىدە، ئارۇنچۈ كەنتىدىكى كەنت كادىرلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇپ تاشقان ئىش قىلىش قىزغىنلىقى ۋە ھاياتىي كۈچكە تولدى.

قوشنىلار ئىناق ئۆتۈپ پۇل تېپىش بىلەن ئالدىراش بولدى

«گەپنى چىرايلىق قىلىڭ، داۋلى بولسا ئالدىرىماي سۆزلەڭ.» ئارۇنچۈ كەنتى مۇرەسسە خىزمىتى پونكىتىنىڭ تېمىغا كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان بىر قۇر خەت چاپلانغان. «ھازىر قوشنىلار ماجىراسى ئازايدى، خىزمەت پونكىتىدىكىلەرمۇ ئازادە بولۇپ قالدى» دېدى شا شياۋيۈن كۈلۈپ تۇرۇپ.

ئارۇنچۈ كەنتى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى شەھەر بىلەن يېزا تۇتاشقان جايغا جايلاشقان بولۇپ، تېرىقچىلىق بىلەن باقمىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈش، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى سودىسى قاتارلىقلارنى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت شەكلى قىلغان. ئىلگىرى، قوشنىلار ئارىسىدا پۇل قەرز ئېلىپ قايتۇرماسلىق، سۇ ئىشلىتىش، يەر ئىشلىتىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ماجىرالار بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، شۇ جاينىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى قىيىن مەسىلە ئىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئارۇنچۈ كەنتى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىزدىنىپ، «ئۈچنى كۈچەيتىش، ئۈچنى تىزىمغا ئالدۇرۇش، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش»تىن ئىبارەت قوشنىلار ماجىرالىرىنى مەنبەدىن ھەل قىلىش خىزمەت ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈپ، قوشنىلار ماجىرالىرىنى بالدۇر ھەل قىلدى. ئارۇنچۈ كەنتى ھۆرمەتكە سازاۋەر كەنت ئاھالىلىرىنى لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىپ، ئەخلاق دەرسخانىسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئۇلار قوشنىلار ئىناق ئۆتۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، مەدەنىي قائىدە ـ يوسۇننىڭ كونكرېت ئىپادىسى ھەمدە ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى جانلىق مىساللار ئارقىلىق چوڭقۇر چۈشەندۈردى. بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرى ئارىسىدىكى زىددىيەت كۈنسېرى ئازىيىپ، قوشنىلار مۇناسىۋىتى بارغانسېرى ئىناق بولدى. ئارۇنچۈ كەنتى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بويىچە «دەۋا يوق كەنت»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلدى، بۇ خىزمەت ئۇسۇلى 2023 ـ يىلى مەملىكەت بويىچە «فېڭچياۋچە خىزمەت ئۇسۇلى»غا تاللىنىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ئۈلگە تىكلىدى.

«كەنتنىڭ مۇھىتى گۈزەللەشتى، سېمونت يوللار ئىشىك ئالدىمىزغىچە تۇتاشتۇرۇلدى، كۆپچىلىك پۇل تېپىش بىلەن ئالدىراش تۇرسا، كىممۇ ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن تالاش ـ تارتىش قىلسۇن» دېدى لى مىڭخاڭ پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈش بازىسىدا كۆكتات ئۈزۈشكە ياردەملىشىۋاتقان كەنت ئاھالىسى جاڭ جۇەنلىڭ.

2023 ـ يىلى ئارۇنچۈ كەنتىنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 24 مىڭ 82 يۈەنگە يەتتى، كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمى 500 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

كەنت ئاھالىلىرى ساياھەتچىلىكتىن مەنپەئەتلەندى

قاتار ـ قاتار كوچىلار كەڭ، پاكىز ئىدى، كىچىك ھويلىلار رەتلىك سېلىنغانىدى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەيدانى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى، خەلق ئۆرپ ـ ئادىتى سارىيى، ۋاسكېتبول مەيدانى قاتارلىق پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىدى.

تۇرالغۇ مۇھىتى ياخشىلاندى، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميېنىنى تومپايتىپ، مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۆز رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، شا شياۋيۈن ۋە كەنت كادىرلىرى «كەنت كۈچلۈك، خەلق باي، مەنزىرىسى گۈزەل، كىشىلەر ئىناق» بولۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات نىشانىنى بېكىتتى. يېزا ـ كەنت ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پىيادە مېڭىپ داكا قىلىش ساياھىتى، دېھقانلار ئارامگاھى ئاتا ـ ئانىلار، بالىلار ساياھىتى، ئېكولوگىيە سەيلە ـ ساياھىتى بويىچە مېۋە ـ كۆكتات ئۈزۈش، ئائىلىۋى مېھمانخانا رايونى، كەچلىك بازار قاتارلىقلارنى بەرپا قىلدى، 30 نەچچە ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى ئىشىك ئالدىدا ساياھەتچىلىكتىن مەنپەئەتلەندى.

ئارۇنچۈ كەنتىدىكى فېنفاڭ مەززىلىك تائاملار دېھقانلار ئارامگاھىغا كىرگەندە، تىجارەتچى ما گۇيفاڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر گۈل ـ گىياھلارغا توڭلاشتىن ساقلاش پالىزى يېپىۋاتاتتى. 2020 ـ يىلى كەنتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، ما گۇيفاڭ 1 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۆز ھويلىسىنى دېھقانلار ئارامگاھى قىلىپ ئۆزگەرتتى. ئەلا مۇلازىمىتى ۋە تەملىك قورۇمىلىرىغا تايىنىپ، ما گۇيفاڭ ئۈچ يىلدىلا دەسمايىسىنى قايتۇرۇپ كەلدى، يەنە تۆت كەنت ئاھالىسىنىڭ بۇ يەردە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئارۇنچۈ كەنتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا قارىتا، شا شياۋيۈننىڭ ئېنىق پىكىر يولى ۋە كونكرېت تەدبىرى بار: ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، يېزا ـ كەنت ساياھەتچىلىكى يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئارۇنچۈ كەنتىگە خاس كېچىلىك ئىقتىساد داڭلىق ماركىسى بەرپا قىلىپ، يېزا ـ كەنت ساياھەتچىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى خاس يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، يېشىل ئورگانىك كۆكتات ۋە مېۋە ـ چېۋە ئۆستۈرۈشنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۈزۈشنى ھېس قىلىش تۈرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.