ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدىن ئىبارەت مۇھىم ئىدىيەنى ئەمەلدە كۆرسىتىش توغرىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى پۇختا تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدىن ئىبارەت مۇھىم ئىدىيەنى ئەمەلدە كۆرسىتىش توغرىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيە بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدا پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىدىغان ۋە راۋاجلاندۇرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى پۇختا تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ دېموكراتىك سىياسىينىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدىن ئىبارەت مۇھىم ئىدىيەنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ دېموكراتىك سىياسىينىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدىن ئىبارەت مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيىتى ۋە مول ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر تونۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسى بولۇشتەك مەسئۇلىيەت ئورۇن بېكىتمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشنى شىنجاڭنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى ۋە جەمئىيەت تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە كونكرېت، رېئال نامايان قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ روشەن سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىيات ئىشلىرى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشى، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ۋە قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيە تۈزۈمى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيى ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. نەزەرىيەنى تەتقىق قىلىش ۋە تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ ئاساسىي يوللۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدىن ئىبارەت مۇھىم ئىدىيە ۋە ئۇنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى كونكرېت ئەمەلىيىتىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش كېرەك.
لى نىڭپىڭ، دىلشات قىدىرخان، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، كۆكدالا شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
توختى ياقۇپ، مەمتىمىن قادىر يىغىنغا قاتناشتى.