جەمئىيەت بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، جەمئىيەت بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «ماناس» ئېپوسىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىلەن ئاكادېمىيە ـ ئاپتونوم رايون ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق رايونلار، نۇقتىلىق خادىملار ۋە ئاجىز ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپ ـ خەتەرنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈگىتىپ، نۆۋەتتىكى جەمئىيەت بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىق خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى جەمئىيەتتىكى زىددىيەت، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتىكى ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەت قىلىپ، جەمئىيەت پىسخىكىلىق مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىنى ئىپادىلەش، مەنپەئىتىنى ماسلاشتۇرۇش، ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى زىددىيەت، ماجىرالارنىڭ كۆپ تەرەپتىن ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش، تۈگىتىش كېرەك. كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يول قاتنىشى، كان، ساياھەت، ئوت ئۆچۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، قار ـ شىۋىرغان، مۇز تۇتۇش ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى يۈز بېرىشنى قەتئىي توسۇش كېرەك. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملەپ، مەكتەپلەردە يېمەكلىك، گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار بويىچە مەخسۇس تۈزەشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە پۈتۈن كۈچ بىلەن زەربە بېرىش كېرەك. مەكتەپ بىخەتەرلىكىنى ياخشى تۇتۇپ، ياتاق بىخەتەرلىكى، ئوت مۇداپىئەسى بىخەتەرلىكى، قىشلىق ئىسسىنىش بىخەتەرلىكى ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ كېلىشىدىكى يول قاتناش بىخەتەرلىكى قاتارلىقلارغا قارىتا، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈپ، كۈندىلىك مانېۋىرنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ بىخەتەرلىكى تەشۋىقاتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «ماناس» ئېپوسى قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، «ماناس» ئېپوسىنى تەكشۈرۈش، خاتىرىلەش، رەتلەش، تەتقىق قىلىش، نامايان قىلىش، تارقىتىش، ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، «ماناس» ئېپوسى ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىجادىيىتى بويىچە يۆلەشنى كۈچەيتىپ، «ماناس» ئېپوسى ئىختىساسلىقلار زاپىسى، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، «ماناس» ئېپوسىنى ئېيتىش، كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەركىزى، قوغداش تەتقىقات ئاپپاراتى، ۋەكىللىك ۋارىسى بىلەن ساياھەت مەنزىرە رايون (نۇقتا)لىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش كېرەك. خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياخشى ئىشلىتىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىلەن ئاكادېمىيە ـ ئاپتونوم رايون ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، تارىختىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ شىنجاڭنى باشقۇرغانلىقى، ئىدارە قىلغانلىقىنى تارىخ ئارقىلىق ئىسپاتلاش ھەمدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش، سىرتقا ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقى ساھەسىدىكى نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم چوڭ ـ چوڭ تېمىلارنى تاللاپ پىلانلاپ، بىر تۈركۈم چوڭ ـ چوڭ تۈرلەرگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپ مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشىنى قوللاش كېرەك. ئىجتىمائىي پەنلەر ئىختىساسلىقلىرىنى بىرلىشىپ تەربىيەلەپ، ئىلىم ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش، تەتقىق قىلىشنى ھەمكارلىشىپ قانات يايدۇرۇپ، ئاقىللار ئامبىرىنىڭ مەسلىھەتچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.