− تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇش ئىلھامى (2)
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي
«نەق مەيداندىكى كىشىلەرنىڭ تەنتەنە قىلىپ تەبرىكلەۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، بىز بىرنەچچىمىز يىغلاپ كەتتۇق.» 12 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، پاتىگۈل ياسىن ئۈچ كۈن ئىلگىرىكى تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قاشالاپ تۇتاشتۇرۇش مەنزىرىسىنى ئەسلىگىنىدە، يەنىلا ئىنتايىن ھاياجانلاندى.
پاتىگۈل ياسىن چەرچەن ناھىيەسىدىكى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئورمىنىنىڭ مۇھاپىزەتچىسى. چەرچەن ناھىيەسىنىڭ خېدۇڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش بازىسىدا، ئۇ 19 يىلدىن بۇيان ياشلىق باھارىنى بېغىشلاپ، 170 مىڭ تۈپ كۆچەت تىكىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئىشلىرىغا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىدى.
تەكلىماكان قۇملۇقى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ، دۇنيا بويىچە 2 ـ چوڭ كۆچمە قۇملۇق بولۇپ، كۆلىمى 337 مىڭ 600 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، قۇملۇق گىرۋىكىدە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىش سىجىل قانات يايدۇرۇلدى. 2023 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، تەكلىماكان قۇملۇقى ئەتراپىدا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2761 كىلومېتىر كېلىدىغان قۇم توسىدىغان يېشىل مۇداپىئە بەلبېغى شەكىللەنگەن. قۇملۇقنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكى بىلەن شەرقىي جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى بوستانلىقلار ئارىسىدا يەنە 285 كىلومېتىر «يوچۇق» قالغان بولۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنى قاشالاش ۋەزىپىسىدىكى ئەڭ مۈشكۈل رايونلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
2023 ـ يىلى 11 ـ ئايدا، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى باشلاندى. بىر يىلدىن كۆپرەك جاسارەت بىلەن جاپالىق جەڭ قىلىش ئارقىلىق، 11 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كېرىيە ناھىيەسى تەۋەسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر بۆلەك بوش رايون قاشالاپ تۇتاشتۇرۇلدى، بۇ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ 3046 كىلومېتىرلىق يېشىل قۇم توسۇش مۇداپىئە بەلبېغىنىڭ پۈتۈنلەي تۇتاشتۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ قېتىمقى قۇم توسۇش مۇداپىئە بەلبېغىدا ئومۇميۈزلۈك قاشالاپ تۇتاشتۇرۇلۇشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئېكولوگىيە ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيە توسۇقىنى كۈچەيتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكەش روھى ئارقىلىق ياراتقان بۇ يېڭى دەۋر مۆجىزىسىگە گۇۋاھ بولدى.
بوشاشماي كۈرەش قىلىش
چىدامچانلىق ئارقىلىق تارىخ يارىتىش
جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا ماڭغاندا، پارچە ـ پارچە بوستانلىقلار مارجاندەك قاتار ـ قاتار تىزىلغان. ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۆكيار چۆللۈكىنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى ۋەكىللىكىدىكى نەچچە ئون يىلنى باشتىن كەچۈرگەن، كىشىلەرنىڭ «بوستانلىق ئىلگىرىلەپ، قۇم چېكىنىش» گۈزەل ئۈمىدى يۈكلەنگەن تۈرلۈك كۆكەرتىش قۇرۇلۇشلىرى قۇملۇق گىرۋىكىدىكى شەھەر ـ بازار ۋە يېزا ـ كەنتلەرنى قوغدىماقتا. بۇ يەردە يېڭى يېشىللىق كېڭەيمەكتە، يېڭى ئۈمىد يېتىلمەكتە.
1978 ـ يىلى، دۆلىتىمىز «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى باشلىدى. بۇ قۇرۇلۇش شەرقىي شىمال، خۇابېيدىن غەربىي شىمالدىكى شىنجاڭغىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ، تۈمەن چاقىرىملىق قۇم ـ بوران لىنىيەسىدە يېشىل توسۇق بەرپا قىلدى.
40 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت باشتىن ـ ئاخىر «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىغا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، بېيىشقا ئىنتىلىشتىن ئىبارەت يۈز يىللىق تۈپ زور پىلان سۈپىتىدە تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.
ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2023 ـ يىلىغىچە، شىنجاڭنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 1978 ـ يىلىدىكى %1.03تىن%5تىن كۆپرەككە ئۆسكەن، سۈنئىي بوستانلىق كۆلىمى 65 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن 100 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا كۆپەيگەن.
«ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىنىڭ پايدىسى بىلەن، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى تۈپتىن ياخشىلاندى.
2022 ـ يىلى ئېلان قىلىنغان 6 ـ قېتىملىق مەملىكەت بويىچە چۆللىشىش ۋە قۇملىشىشنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدا چۆللىشىپ كەتكەن يەر 1956 كىۋادرات كىلومېتىر ئازىيىپ، قۇملىشىپ كەتكەن يەر 242.82 كىۋادرات كىلومېتىر ئازىيىپ، تۇنجى قېتىم «قوش ئازىيىش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بويىچە قۇملىشىپ كەتكەن يېرى كېڭەيگەن بىردىنبىر ئۆلكە بولۇش تارىخىغا خاتىمە بېرىلگەن.
تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى شىنجاڭنىڭ «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ يادروسى بولۇپ، يەتتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى 46 ناھىيە، شەھەر، رايونغا چېتىلىدۇ، جەمئىي يەتتە نۇقتىلىق تۈزەش تۈرى، 13 تارماق تۈر ئورۇنلاشتۇرۇلغان، نۇقتىلىق رايون خوتەن شەھىرى − چاقىلىق ناھىيەسى لىنىيەسى بولۇپ، خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسى، نىيە ناھىيەسى، چەرچەن ناھىيەسى، چاقىلىق ناھىيەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۆلەتنىڭ قوللىشىدا، شىنجاڭ ئومۇمىي لايىھەدە توققۇز ماددىلىق تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى تولۇق ئامىل كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ، قۇمنى دائىرىلەپ ئورمان يېتىشتۈرۈش، ئورمان بىنا قىلىش، ئوت ـ چۆپ ئۆستۈرۈش، قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، قۇم ـ بوران ئېقىمى كۆپ يۈزبېرىدىغان قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدە ئىھاتە ئورمان ئوت ـ چۆپ بەلبېغى بەرپا قىلىپ، قۇملۇقنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى توستى؛ بوستانلىق ئوراپ تۇرغان قۇم ـ بوران مەنبەسىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، قۇم ـ بوران زىيىنىنىڭ تەسىرىنى ئازايتتى؛ بوستانلىقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سالا ئېتىز ئورمان تورى كەمچىل جايلار ۋە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۈزەشتە بوش قالغان رايونلاردا يوقىتىش جېڭىنى يولغا قويۇپ، بىر پۈتۈن ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى ياخشىلاشنى ئالغا سىلجىتتى...
تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇش بەلگە قىلىنىپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ «بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى توسۇش، چاڭ ـ توزاننى تىزگىنلەش»تىن ئىبارەت تۈزەش نىشانى يېڭى تارىخىي تۈگۈنگە قەدەم قويدى.
ئاجىز نۇردىن مەشئەل ھاسىل قىلىش
جان تىكىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق مۆجىزە يارىتىش
تارىخ يارىتىش جەريانىدا، ئاممىنىڭ كۈچى غايەت زور رول ئوينىماقتا.
پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ چاقىرىقى بىلەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى، بولۇپمۇ تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىگە پائال ئاتلىنىپ، جاپا ـ مۇشەققەتتىن قورقماي، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ ئارقا ـ ئارقىدىن مۆجىزىلەرنى ياراتتى.
− يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلىدى، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئۇلاپ ئىشلىدى. ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كۆكيار بۆلەك رايونىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، كۆچەت تىكىپ يېشىللىق بەرپا قىلىپ، بۇ تۇپراقنى كۆز يەتكۈسىز قاقاسلىقتىن كەڭ كەتكەن ياپيېشىل بوستانلىققا ئايلاندۇردى. كۆكيار ئورمان باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ 1 ـ قارار پونكىت باشلىقى ئىمام مەمەت مۇنداق دېدى: «مەندە بۇ دەرەخلەرنى قۇرۇتۇپ قويسام بولمايدۇ، دېگەن بىرلا ئوي بار.» نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن ئورمان بىنا قىلىش ئىش ئورنىدا يېتىپ ـ قوپۇپ، قۇرۇلۇش خەرىتىسى، قولچىراغ ۋە نانلارنى سومكىسىغا سېلىۋېلىپ، ھەر كۈنى ئورمانلىقنى سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، پەرۋىش قىلىش بىلەن ئالدىراش بولدى، قورسىقى ئاچسا قۇرۇق نان يېدى، ئۇيقۇسى كەلسە جۇۋىسى بىلەنلا قىر ئۈستىدە بىردەم ئۇخلىۋالدى.
− تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ، تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان مەكىت ناھىيەسىدە قۇملۇق كۆلىمى ناھىيە ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %90ىنى ئىگىلەيدۇ. 2012 ـ يىلى، مەكىت ناھىيەسى مىليون مولۇق بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئېكولوگىيە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى باشلىدى. 12 يىلدىن بۇيان، ھەر يىلى ئەتىياز، كۈز پەسىللىرىدە، پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما قەدىمىي قۇملۇقتا تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، خالىسانە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىپ، جەمئىي 460 مىڭ مو بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئورمىنى بىنا قىلدى، 260 مىليون تۈپتىن ئارتۇق ئېكولوگىيە ۋە ئىقتىسادىي دەل ـ دەرەخنى كۆچۈرۈپ تىكتى. 2015 ـ يىلىدىن باشلاپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى لى دېرېن ھەم خوتۇنى پىروفېسسور جۇ يىشۈەننىڭ چاقىرىقىدا، ھەر يىلى بېيجىڭ، سىچۇەن، گۇاڭدۇڭ، چۇڭچىڭ، خۇبېي، شېنجېن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 100دىن ئارتۇق پىدائىي مەكىت ناھىيەسىدىكى ئامما بىلەن بىللە كۆچەت تىكتى.
− قەسىمىنى ئۇنتۇماي، قۇملۇقتا كۆچەت تىكىپ ۋەتەننىڭ مۇنبەت تۇپرىقىنى قوغدىدى. چەرچەن ناھىيەسىدىكى «پېشقەدەم ئەسكەرلەر قۇم تىزگىنلەش ئەترىتى»نىڭ سەككىز ئەترەت ئەزاسى ئىلگىرى قىسىمدا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەپ، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشقانىدى. 2018 ـ يىلى، ئۇلار چەرچەنگە كېلىپ، قۇملۇقتا سۆكسۆك تىكىپ، توشقانزەدىكى ئۇلاپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. قۇملۇق گىرۋىكىدە، بىر يىلدا 100 نەچچە كۈن قۇم ـ بورانلىق كۈن بولىدۇ، پېشقەدەم ئەسكەرلەر قۇم ـ بوران بىلەن ئېلىشىشنى قانات يايدۇردى: كۆچەت قۇرۇپ قالسا، داۋاملىق تىكتى؛ بىر يىلدا ئەي بولمىسا، يەنە بىر يىل تىكتى...
ئاجىز نۇردىن مەشئەل ھاسىل بولدى. ھەر مىللەت ئامما جاسارەت بىلەن جان تىكىپ كۈرەش قىلغاچقا، تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى يېشىللىق يىلدىن ـ يىلغا كېڭەيدى. پېشقەدەم ئەسكەرلەر قۇم تىزگىنلەش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى تيەن يې مۇنداق دېدى: «قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى، بىزنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ».
كۈچنى مۇجەسسەملەش
قان ـ تەر ئارقىلىق يۇرت ـ ماكاننى قۇرۇپ چىقىش
باش قىش مەزگىلىدە، شايار ناھىيەسىنىڭ گەزقۇم يېزىسىدىكى قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ 250 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرىدە، قاتار ـ قاتار كەتكەن كۆك رەڭلىك يورۇقلۇق ۋولت تاختىلىرى قۇياش نۇرىدا كۆزنى چاقنىتاتتى. يورۇقلۇق ۋولت تاختىسىنىڭ ئاستىدا، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئوت ـ چۆپ كاتەكچىلىرى قاتار ـ قاتار تىزىلغان بولۇپ، ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئەتراپىدا كەڭ كەتكەن سۆكسۆك ئورمىنى بەرپا قىلىنغانىدى.
«<يورۇقلۇق ۋولت + قۇم تىزگىنلەش> بىزنىڭ ئېكولوگىيە مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ <ئۈچ شىمال> قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىشىغا كۈچ قوشۇشتىكى يېڭى ئەندىزىمىز» دېدى بۇ تۈرنىڭ مەسئۇلى خاۋ زېچۈەن.
ھۆكۈمەت ـ كارخانا ھەمكارلىقى، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېڭى ئەندىزە ئۈستىدە ئىزدىنىش، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشكە قاتنىشىشقا ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغاش شىنجاڭنىڭ «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، بولۇپمۇ تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتىكى مۇھىم تەجرىبىسى.
قۇملۇق كەسپى تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش داۋامىدا كۆپ جەھەتتە پايدا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. سىياسەت قورالىدىن پايدىلىنىپ كارخانىلارنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىشقا يېتەكلىگەندىن باشقا، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلار يەنە بىر قاتار ئېتىبار سىياسەتلەرنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، كارخانىلارنى «قۇم دېڭىزىدا ئالتۇن قېزىش»قا جەلپ قىلىپ، ئالقات، جىغان، لوپنۇر كەندىرى، توشقانزەدىكى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان قۇملۇق رايونى خاسلىقىغا ئىگە سۇ تېجەش تىپىدىكى ئورمان، ئوتلاق تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، دۆلەت ئەھۋالى، رايون ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش يولىنى تېپىپ چىقتى. كېرىيە ناھىيەسىدە، قۇملۇقتا قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش كۆلىمى 50 مىڭ مودىن ئاشتى، ئىلگىرىكى بىپايان سېرىق قۇملۇقنىڭ ئورنىنى خۇش پۇرىقى كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان قىزىلگۈللەر ئالدى. قۇم ـ بوراننىڭ زىيىنى ئېغىر بولغان چەرچەن ناھىيەسىدە، سۆكسۆككە توشقانزەدىكى ئۇلاش ئەندىزىسى بارغانسېرى كۆپ كىشىنى نەپكە ئېرىشتۈردى، توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈش كۆلىمى 80 مىڭ مودىن ئېشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ سۆكسۆككە توشقانزەدىكى ئۇلاپ ئۆستۈرۈش بازىسى بولۇپ قالدى.
ئىقتىسادىي ئورمان بەرپا قىلىش كېڭەيتىلدى. ھەرقايسى جايلار سۇ ئەھۋالىغا قاراپ يەرنى بېكىتىپ، يەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى بىلەن ئىقتىسادىي ئورمان قۇرۇلۇشىنى ئورگانىك بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارىم ئويمانلىقى ئەتراپى ۋە تۇرپان ـ قومۇل ئويمانلىقى، ئىلى دەرياسى ۋادىسى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى قاتارلىق «بىر رايون، ئۈچ بەلباغ» باغ ـ ئورمان ئەۋزەل رايونىنى شەكىللەندۈردى. بىر تۈركۈم ئەمەلىي كۈچى بار باشلامچى كارخانىلار باغ ـ ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۆلەملەشتۈرۈپ مەبلەغ سېلىپ، قۇملۇق يېشىللىققا پۈركەنگەن، ئورمان باراقسان بولغان، دېھقانلار بېيىغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىنى ئاچتى.
«قابىللار باشلامچى بولدى»، بىر تۈركۈم قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش بويىچە پەن ـ تېخنىكا پىلانى تۈرلىرىدە ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، بىر تۈركۈم ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، سۇ سەرپىياتى تۆۋەن، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئۈنۈمى ياخشى بولغان دەرەخ سورتى، ئوت ـ چۆپ سورتلىرى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا كېڭەيتىلدى؛ تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدىكى نۇقتىلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە قۇربانتۇڭغۇت قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى نۇقتىلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە زىچلىقى تۆۋەن، ئاز سۇغىرىلىدىغان، تەبىئەتكە يېقىن چاتقال ئورمىنى بەرپا قىلىش سىنىقى قانات يايدۇرۇلۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلدى ھەم ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىلدى؛ «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى، قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش بويىچە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، دۆلەت دەرىجىلىك ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئورمىنىنى قوغداش قۇرۇلۇشى، دۆلەت قۇملۇق باغچىسى قاتارلىق ئەندىزىلەرگە تايىنىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش تورى بەرپا قىلىنىپ، چۆللىشىپ كەتكەن ۋە قۇملىشىپ كەتكەن تۇپراق كۆلىمىنىڭ «قوش ئازىيىش»ى، تەبىئىي ۋە سۈنئىي بوستانلىق كۆلىمىنىڭ «قوش ئېشىش»ى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش، بىيوقۇم تىزگىنلەش قاتارلىق قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشتىكى يەتتە خىل ئەندىزىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، بەلگە خاراكتېرلىك، ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرلىك ئەلا سۈپەتلىك تۈرلەرنى بەرپا قىلىش؛ ئېتىز ـ ئېرىق ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش؛ خاس ئورمان، ئوتلاق، قۇملۇق كەسپىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش... تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تارىخىي تۈگۈننى چىقىش قىلىپ، بىر پارچە يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان شىنجاڭ تۇپرىقىدا يېيىلدى.