− «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشتا يېڭى ھالقىش، يېڭى تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋېي يۈكۈن، جوۋ يۈەن
يىراقلارغا سوزۇلغان، ئۇزاق يىللار داۋاملاشقان قەدىمىي يىپەك يولىغا تىنچلىق ئاساسىدا ھەمكارلىشىش، ئوچۇق ـ سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش ـ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى يادرو قىلغان يىپەك يولى روھى مۇجەسسەملەنگەن.
2013 ـ يىلى كۈزدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىش بولۇپ قالدى.
11 يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ئىدىيەدىن ھەرىكەتكە ئايلىنىپ، ئارزۇدىن رېئاللىققا ئۆزگىرىپ، «چوڭ سىزما»دىن «نەپىس سىزما»غا ئۆزگىرىپ، دۇنيا بويىچە دائىرىسى ئەڭ كەڭ، كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلىنىپ، ئەمەلىي، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
قەدىمىي يىپەك يولىدا يېڭى ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇماقتا. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ چوڭقۇر، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل كەلگۈسىگە تۇتىشىدىغان پارلاق داغدام يولنى بەرپا قىلدى.
دۇنياغا بەخت يارىتىدىغان «تەرەققىيات بەلبېغى»
«قەدىمىي يىپەك يولىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن سىياسەتتە پىكىرلىشىش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن يېڭى قۇۋۋەت قوشتۇق، يەرشارىۋى تەرەققىيات ئۈچۈن يېڭى بوشلۇق ئاچتۇق، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئۈچۈن يېڭى سۇپا بەرپا قىلدۇق».
2023 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى مۇشۇنداق چوڭقۇر چۈشەندۈردى.
ئۇلۇغ ئىدىيە تارىخنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى مۇجەسسەملىمەكتە، كەلگۈسى يۆنىلىشكە يول كۆرسەتمەكتە.
سىياسەت جەھەتتە پىكىرلىشىش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ھەمكارلىق ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈشتىن ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە؛ ئوچۇق، يېشىل، پاك بولۇش ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىشتىن يۇقىرى ئۆلچەملىك بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە... رەئىس شى جىنپىڭ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ بۇ ئىجادىي ئىشنى ئالغا سىلجىتىشىغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
11 يىلدا مول مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش مول مېۋە بەردى:
− دۆلىتىمىز «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى ئۈچ نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، 150 نەچچە دۆلەت، 30 نەچچە خەلقئارا تەشكىلات بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى؛
− «ئالتە كارىدور، ئالتە يول، كۆپ دۆلەت، كۆپ پورت»تىن ئىبارەت ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى، جۇڭگو ـ لائوس تۆمۈريولى، جاكارتا ـ ۋەنلۇڭ گاۋتيېسى، ۋېنگىرىيە ـ سېربىيە تۆمۈريولى، پىرائېئۇس پورتى قاتارلىق بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك تۈرلەر قۇرۇلۇپ پۈتتى؛
− دۆلىتىمىز كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات بانكىسى بىلەن بىرلىشىپ كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھەمكارلىق مەركىزى قۇردى، تەرەققىيات بانكىسى، ئىمپورت ـ ئېكسپورت بانكىسى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 350 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، كۆپ خىللىق، مۇقىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلدى؛
− بۇ يىل 9 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىز بىلەن ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مال سودا سوممىسى جەمئىي 160 تىرىليون يۈەنگە يەتتى. «ئېتىراپ قىلىنغان تىجارەتچىلەر» (AEO)نى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش كېلىشىمى ئىمزالاش سانى ۋە ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى بىردەك دۇنيا بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى، سودا، مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى...
11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، چۇڭچىڭ تۇەنجيې كەنتى مەركىزىي بېكىتى. X8083 قېتىملىق جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (چۇڭچىڭ ـ دۇيىسبۇرگ)نىڭ ۋوگزال سۇپىسىدىن ئاستا ـ ئاستا يولغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ جەمئىي قاتناش سانى 100 مىڭ قېتىمدىن ئاشتى.
توختىماي ئىلگىرىلەپ، ياۋروپا − ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا قاتنايدىغان بۇ «پولات كارۋان» يېڭى مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، يول بويى ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىق يېڭى سۇپىسى بەرپا قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ياۋروپادىكى 25 دۆلەتنىڭ 227 شەھىرى ھەمدە ئاسىيادىكى 11 دۆلەتنىڭ 100دىن ئارتۇق شەھىرىگە قاتناپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى بولۇپ قالدى.
كۆپنىڭ كۈچى كۆپ، ئۆزئارا ياردەم بەرسە ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.
«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش» «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش» «قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش» سىمفونىيەسىنى ياڭرىتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقە يېڭى يولىنى ئېچىپ، خەلقئارا ھەمكارلىق يېڭى رامكىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقنى مۇجەسسەملەپ، دۇنياغا بەخت يارىتىدىغان «تەرەققىيات بەلبېغى»غا ئايلاندى.
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ خەلققە بەخت يارىتىش
بۇ يىل 10 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتىكى قىرغىزىستان دۆلەتلىك تېخنىكا داشۆسىدە، جېجياڭ قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان قىرغىزىستان لۇبەن ھۈنەرخانىسىغا رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىلدى.
لۇبەن ھۈنەرخانىسى جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى داڭلىق ھۈنەرۋەن لۇبەننىڭ نامى بىلەن ئاتالغان كەسپىي مائارىپ خەلقئارا ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بولۇپ، ئاساسلىقى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ تېخنىكا ـ ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدىغان بولغاچقا، «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى «تېخنىكا ئۆتىڭى» دەپ ئاتالدى.
لۇبەن ھۈنەرخانىسىنى ئورتاق قۇرۇش رەئىس شى جىنپىڭ ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن، تۈرتكە بولغان مۇھىم تۈر. 2023 ـ يىلى 5 ـ ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە تېخىمۇ كۆپ لۇبەن ھۈنەرخانىسى تەسىس قىلىمىز».
2016 ـ يىلى، تۇنجى لۇبەن ھۈنەرخانىسى − تايلاند لۇبەن ھۈنەرخانىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. سەككىز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قىتئەدە 30دىن ئارتۇق لۇبەن ھۈنەرخانىسىنى ھەمكارلىشىپ قۇرۇپ، ئوقۇش تارىخى مائارىپى بويىچە جەمئىي 10 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچىنى تەربىيەلىدى، 31 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق كەسپىي تەربىيەلەشنى يولغا قويۇپ، جۇڭگو ـ چەت ئەل ئادىمىيەت جەھەتتە ئالماشتۇرۇش كۆۋرۈكى سالدى.
دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشىگە باغلىق، خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشى خەلق رىشتىنىڭ تۇتىشىشىغا باغلىق.
«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ، خەلققە بەخت يارىتىش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس نىشانى بولدى. 11 يىلدىن بۇيان، «ئاددىي ھەم گۈزەل» «نەپ يەتكۈزىدىغان ھەم ئەمەلىي بولغان» خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى، خەلق رىشتى قۇرۇلۇشلىرى بىر ـ بىرلەپ جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى:
2014 ـ يىلى 12 ـ ئايدا، جۇڭگو كارخانىسى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان، سېربىيە پايتەختى بېلگرادقا جايلاشقان زېمون ـ بورچا چوڭ كۆۋرۈكى پۈتۈپ قاتناش باشلىنىپ، 70 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان بېلگراد شەھىرىنىڭ دوناي دەرياسىدا پەقەت بىرلا چوڭ كۆۋرۈك بولۇش تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى؛
2021 ـ يىلى 12 ـ ئايدا، جۇڭگو ـ لائوس تۆمۈريولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈپ، لائوسنىڭ «قۇرۇقلۇق بېكىنمە دۆلىتى»دىن «قۇرۇقلۇق تۇتاشتۇرغۇچى دۆلەت»كە ئۆزگىرىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتىنى تېزلەتتى ۋە تەننەرخنى كونترول قىلدى؛
2022 ـ يىلى 3 ـ ئايدا، جۇڭگو ياردەم قىلىپ قۇرۇپ بەرگەن تېبوڭ كېموم جۇڭگو ـ كامبودژا دوستلۇق دوختۇرخانىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، كامبودژانىڭ داۋالىنىش شارائىتىنى ياخشىلاپ، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ كېسەل كۆرسىتىش چىقىمىنى تۆۋەنلەتتى؛
2024 ـ يىلى 8 ـ ئايدا، جۇڭگو كارخانىسى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان ناۋرۇ ئاۋا پورتى پىرىستانىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش تۈرىنىڭ سۇ سىڭىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش پومپا ئۆيىگە رەسمىي سۇ يەتكۈزۈلۈپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈپ، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ نورمال سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇردى...
رەت ـ رەت تاشيول، تۆمۈريوللار، قاتار ـ قاتار كەتكەن مەكتەپ، دوختۇرخانىلار پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىش تۈرلىرى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەردىكى خەلق ئاممىسىنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئېلىپ كەلدى.
تەرەققىيات ھېكايىلىرىدە، ئادەم مەڭگۈ ئەڭ جانلىق باش پېرسوناژ. ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەردىكى خەلقنىڭ نەزەرىدە، «بىر بەلباغ، بىر يول» بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقان تۇرمۇش، شۇنداقلا ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتىدىغان نۇرلۇق چىراغ.
فىجى نەندى، جۇڭگو − تىنچ ئوكيان ئارال دۆلىتى زەمبۇرۇغ ئوتى تېخنىكىسى ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزىدە، چوڭ زەمبۇرۇغ ئوتىنىڭ ئۆسۈشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بولۇپ، 11 ـ ئايدا بىر كۈندىلا بەش سانتىمېتىردىن سەككىز سانتىمېتىرغىچە ئۆسەلەيدۇ.
2012 ـ يىلى، فىجى يېزا ئىگىلىكى ۋە سۇ يولى مىنىستىرلىقىنىڭ نەندىدىكى كېڭەيتىش ئەمەلدارى ئاتلېنى ئۇئىناكالو جۇڭگو مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، زەمبۇرۇغ ئوتى تېخنىكىسىنى فىجىغا كىرگۈزدى. «زەمبۇرۇغ ئوتىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك يېمەكلىك، دورىغا ئىشلىتىلىدىغان زەمبۇرۇغ يېتىشتۈرگىلى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنى ئەلا سۈپەتلىك يەم ـ خەشەك قىلىپ، چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ، ئۇ فىجى خەلقىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى <ئالتۇن ئاچقۇچ>» دېدى ئۇ.
زەمبۇرۇغ ئوتى تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىش، زەمبۇرۇغ تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇش قاتارلىق ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش شەكلى ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندە، زەمبۇرۇغ ئوتى تۈرى 100دىن ئارتۇق دۆلەتتە ماكانلىشىپ يىلتىز تارتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قۇم تىزگىنلەش، توك تارقىتىش قاتارلىق ساھەلەردە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنياغا بەخت يارىتىدىغان «بەخت ئوتى»غا ئايلاندى.
«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى قۇرۇق شوئار ئەمەس، بەلكى كۆرگىلى بولىدىغان، تۇتقىلى بولىدىغان ئەمەلىي تەدبىر بولۇپ، رايون دۆلەتلىرىگە ئەمەلىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ھۆكۈمى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى قىممىتىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.
چوڭ ئوكيان، چوڭ قۇرۇقلۇقتىن ھالقىپ، خەلقلەر قەلبداش بولدى. مائارىپ، ئىلىم ـ پەن، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساياھەت، ئارخېئولوگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى؛ لۇبەن ھۈنەرخانىسى، «يورۇقلۇق سەپىرى» ۋە زەمبۇرۇغ ئوتى قاتارلىق بىر تۈركۈم «ئاددىي ھەم گۈزەل» يارقىن نۇقتا، داڭلىق ماركىلار ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇردى... ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزىدىغان بۇ تەرەققىيات يولى ماڭغانسېرى كېڭەيدى.
قول تۇتۇشۇپ يىپەك يولىنىڭ دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش
شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، جۇڭگو ۋە پېرۇ ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق گۇۋاھلىقىدا، ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق يىرىك پىلانىنى ئىمزالىدى، جۇڭگو بىلەن پېرۇ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئەشيا ئوبوروتى، سودىغا مەبلەغ سېلىش، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.
«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويۇشىغا ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپ ھەمراھ دۆلەتلەر جۇڭگو بىلەن قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىق يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.
5 ـ ئايدا، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ يوپۇقى ئېچىلىپ، كاتىبات باشقارمىسىنىڭ خىزمىتى رەسمىي باشلاندى؛
9 ـ ئايدا، 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا، پاتېنتنى تېز تەكشۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش، جۇغراپىيەلىك بەلگىلەرنى قوغداش ۋە ھەمكارلىشىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قاتارلىق بىر تۈركۈم يېڭى ئەمەلىي ھەمكارلىق تۈرلىرىنى يولغا قويۇش جاكارلاندى؛
10 ـ ئايدا، 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا «<بىر بەلباغ، بىر يول> يېشىل ئېنېرگىيە ھەمكارلىق ھەرىكەت پىلانى (2024 ـ يىلىدىن 2029 ـ يىلىغىچە)» ئېلان قىلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يېشىل ئېنېرگىيە ھەمكارلىق ھەرىكەت يولى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى...
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»ىن يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.
ھازىر، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى مىسلىسىز شەكىلدە نامايان بولماقتا. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىختىلاپلارنى سۆھبەت ئارقىلىق تۈگىتىش، ھەمكارلىق ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە جىددىي ئېھتىياجلىق، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى بارغانسېرى نامايان بولماقتا، كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق.
«بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشتا، جۇڭگونىڭ ئىرادىسى بار، سەمىمىيىتى بار، تېخىمۇ مۇھىمى ھەرىكىتى بار:
2023 ـ يىلى 10 ـ ئايدا، 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىكى ئاساسىي مەقسەت نۇتقىدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى قوللايدىغان سەككىز تۈرلۈك ھەرىكىتىنى جاكارلىدى.
بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى 19 ـ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنىڭ 1 ـ باسقۇچلۇق يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگونىڭ يەرشارىۋى تەرەققىياتنى قوللايدىغان سەككىز تۈرلۈك ھەرىكىتىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، «قول تۇتۇشۇپ <بىر بەلباغ، بىر يول>نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش» سەككىز تۈرلۈك ھەرىكەت ئىچىدە باش ئورۇنغا قويۇلدى.
تەقدىرداش بولۇپ، ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتا سەپەرداش بولدى.
بۇ بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان «ھەمكارلىق يولى» − دۆلىتىمىز جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، «يىپەك يولى دېڭىز تىرانسپورتى»دا پورت، توشۇش، سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى، مەبلەغ سېلىشنى قوغداش كېلىشىمىنى كېڭىشىپ ئىمزالايدۇ.
بۇ پۇرسەتكە تولغان «تەرەققىيات يولى» − دۆلىتىمىز يېشىل ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېشىل ئېنېرگىيە، يېشىل قاتناش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەت پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ياش ئالىملارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ قىسقا مەزگىللىك خىزمەت قىلىشىنى قوللايدۇ.
بۇ ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان «ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق يولى» − دۆلىتىمىز يېزا ـ كەنتلەردە نامراتلارنى ئازايتىشنى ئالغا سىلجىتىش پىلانى ۋە نامراتلارنى ئازايتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، ھەمكارلىشىش، تېخنىكا ياردىمى بېرىش تۈرىنى داۋاملىق يولغا قويىدىغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، 2030 ـ يىلىغا بارغاندا ئالاقىدار ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەردىكى 7 مىليون 600 مىڭ كىشىنى مۇتلەق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغىلى، 32 مىليون كىشىنى ئوتتۇراھال نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 ـ يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى بىلەن ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇش، ماسلىشىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدۇ...
يول ئايىغىمىز ئاستىدا، ئارزۇ ئالدىمىزدا. جۇڭگو دۇنيا بىلەن قول تۇتۇشۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ئورتاق سىزىپ چىقىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)