ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر تاڭ يۇڭ فوتوسى، خەۋىرى) «قۇملۇقتىكى سۇدا مېنىرال ماددا ئېلېمېنتى مول، بىز ئۇنىڭدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، قىسقۇچپاقا باقساق، شۇ جاينىڭ سۇچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە ئاممىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرەلەيمىز». 11-ئاينىڭ 30-كۈنى، چىرا ناھىيەسىدىكى شاخەييۈ كۆلىنىڭ سۈپسۈزۈك كۆل يۈزىدە، شىنجاڭ خۇڭخۇي يېزا ئىگىلىك باقمىچىلىق شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ليۇ يۇڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە كىچىك قولۋاقنى ھەيدەپ، بۇ يىل ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈمدە بازارغا سېلىنىدىغان قىسقۇچپاقىنى تۇتۇۋاتاتتى.
11-ئاينىڭ 30-كۈنى، ليۇ يۇڭ تۇتقان قىسقۇچپاقىلارنى تۆكمەكتە.
شاخەييۈ كۆلى تۈزلەڭلىكتىكى سۇ ئامبىرى، سۇ ئامبىرىنىڭ تۆت ئەتراپى كەڭ كەتكەن قۇملۇق بولۇپ، سۇ مەنبەسى ئاساسلىقى كوئېنلۇن قارلىق تېغىدىن ئېرىگەن سۇدىن كېلىدۇ، ئۇزاقتىن بۇيان شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىكىنى قىممەتلىك سۇغىرىش سۇ مەنبەسى بىلەن تەمىنلەپ كەلدى. بۇ يىل شىنجاڭ خۇڭخۇي يېزا ئىگىلىك باقمىچىلىق شىركىتى سۇ ئامبىرىدا قىسقۇچپاقا بېقىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. بۇ تەدبىر سۇ ئامبىرى بايلىقىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئېكولوگىيە-مۇھىت بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا قوش پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
11-ئاينىڭ 30-كۈنى، چىرا ناھىيەسىدىكى شاخەييۈ كۆلىگە ئېگىزدىن نەزەر(تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).
11-ئاينىڭ 30-كۈنى، ليۇ يۇڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن شاخەييۈ كۆلىدە تور تاشلاپ قىسقۇچپاقا تۇتماقتا.
11-ئاينىڭ 30-كۈنى، ليۇ يۇڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن كۆلدە تورنى يىغماقتا.
11-ئاينىڭ 30-كۈنى، ليۇ يۇڭ كىچىك قىسقۇچپاقىنى قايتىدىن كۆلگە قويۇپ بەردى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى