تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئالدىنقى 10 ئايدا دۆلىتىمىزنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇرغا دائىر ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.6 ئاشتى

    مۇخبىرنىڭ 11-ئاينىڭ 30-كۈنى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇرغا دائىر ياسىمىچىلىق كەسپىدە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىرقەدەر تېز بولۇپ، ئېكسپورت جەھەتتە ئېشىش ھالىتى ساقلانغان، ئۈنۈمى مۇقىم ياخشىلانغان، كەسىپلەرنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولغان. 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، كۆلەمدىن يۇقىرى ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇرغا دائىر ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوخشاش مەزگىلدىكى سانائەت، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق كەسپىدىن 6.8 ۋە 3.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. 

    تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، ساھەدىكى ئاساسلىق مەھسۇلاتلار ئىچىدە، يان تېلېفون مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليارد 339 مىليون بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.5 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون مەھسۇلات مىقدارى 990 مىليون بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشقان. 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، كۆلەمدىن يۇقىرى ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ياسىمىچىلىقىنىڭ ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 12 تىرىليون 960 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.2 ئاشقان؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 514 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.4 ئاشقان.


شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.