11-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىخو فوشەن دۆلەت ئورمان باغچىسىدا بۇلۇت ۋە تۇمانلار لەيلەپ يۈرگەن بولۇپ، گاھ يېنىك شايىغا ئوخشاش لەرزان ئۇسسۇل چۈشسە، گاھ دولقۇندەك مەۋج ئۇراتتى. بۇلۇت ۋە تۇمانلار «فوشەن»نىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى گەۋدىلەندۈرگەنىدى.
شاۋقۇن-سۈرەندىن يىراق تۇرۇپ، بۇ جىمجىت تاغ ئارىسىغا كىرسىڭىز، خۇددى بىر پارچە كۆچمە سىياھ يۆگىمە رەسىم ئىچىدە تۇرغاندەك ھېس قىلىسىز. تاغلار بىر-بىرى بىلەن بوي تالاشقان بولۇپ، ھاۋانى توپا ۋە دەرەخ يوپۇرماقلىرىنىڭ ساپ ھىدى قاپلاپ، ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، خۇددى بارلىق غەملىرىڭىز تۇمانغا ئەگىشىپ تارقىلىپ كېتىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ.
بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ قارىسىڭىز، تاغ چوققىسىدا بۇلۇت ۋە تۇمانلار لەيلەپ يۈرگەن بولۇپ، خۇددى گۈزەل ماكاننىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئوخشاش باتۇرلارنىڭ ئىزدىنىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى. بۇ يەردە ئازادە ھالدا قەلبىڭىزنى ئەركىن پەرۋاز قىلدۇرۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى جىمجىتلىق ۋە گۈزەللىكنى ھېس قىلالايسىز.
ئىگىلىنىشىچە، شىخو فوشەن دۆلەت ئورمان باغچىسى تىيانشان تاغ تىزمىسىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 53 كىلومېتىر كېلىدىكەن، دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ئىكەن. باغچىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 39 مىڭ گېكتار بولۇپ، قارلىق تاغ، ئورمان، دەريا، مۇزلۇق، جىلغا قاتارلىق تۈرلۈك مەنزىرىلەر بار ئىكەن.
(شىخو شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ما شىنليەن، ئىختىيارىي مۇخبىر خوۋ خۇڭلىن)