2024-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ دافېڭ بازىرى ليەنفېڭ كەنتىدىكى پاختىكارلار ھاۋا ئوچۇق بولغان پەيتنى چىڭ تۇتۇپ، پاختا يىغىش ماشىنىسىدىن پايدىلىنىپ پاختا يىغماقتا.
تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى
شىنجاڭ پاختىسى
يۇمشاق
قاردەك ئاپئاق
پاختىكارلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنىڭ جەۋھىرى
2024-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ تيەنئې زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ماشىنا ـ جابدۇقلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار پاختا يىغىش ماشىنىسى ئىشلەپچىقارماقتا.
لى خۇابېي فوتوسى
كۆپ يىللاردىن بۇيان
«شىنجاڭ پاختىسى»
ئۆزىنىڭ ئەلا سۈپىتى بىلەن دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى
پۈتۈن يەرشارى توقۇمچىلىق كەسىپلىرىگە غايەت زور تۆھپە قوشتى
2024-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ دافېڭ بازىرى ليەنفېڭ كەنتىدىكى كېۋەزلىكتە، پاختا يىغىش ماشىنىسى پاختا يىغماقتا.
تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى
پاختىچىلىق ساھەسىدە مۇنداق بىر جۈملە سۆز تارقالغان
«دۇنيا پاختىسىغا نەزەر سالغاندا جۇڭگوغا قاراش، جۇڭگو پاختىسىغا نەزەر سالغاندا شىنجاڭغا قاراش»
شىنجاڭ ئۇزۇن تالالىق پاختىسى
يۇمشاق، سىلىق، پارقىراقلىقى ياخشى بولغاچقا
پاختىچىلىق ساھەسىدە چولپان كەبى مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ
2021-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى، سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى باغچە رايونى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا، مودېللار پاختا رەختتىن تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيىپ كېۋەزلىكتە مودېل ماڭماقتا.
خې لۇڭ فوتوسى
شىنجاڭ پاختىسىنىڭ
ئومۇمىي ھوسۇلى، بىرلىك ھوسۇلى، تېرىلغۇ كۆلىمى، تاۋار يۆتكەش مىقدارى
مەملىكەت بويىچە بىردەك 1-ئورۇندا تۇرىدۇ
2024-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى، جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىيات-تارقىتىش ئىدارىسى ياۋروپا - ئاسىيا مەركىزىدىكى رۇسىيەلىك مۇخبىر ئېلكىس بوزىدايېۋا (ئوتتۇرىدا) پاختىكارلار بىلەن سۈرەتكە چۈشمەكتە.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى
سىز بەلكىم ئويلاپ باقمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن
بۇ تۆت «1-»لىككە
شىنجاڭ پاختىسى ئۇدا 20 نەچچە يىل ئېرىشكەن
2024-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شى 10-تۇەن 12-ليەنىنىڭ بىر كېۋەزلىكىدە، پاختا يىغىش ماشىنىسى پاختا يىغماقتا. بۇ يىل، بىڭتۇەن 1-شىسىدا 2 مىليون 37 مىڭ مو يەرگە كېۋەز تېرىلغان بولۇپ، مۆلچەرلىنشىچە مو بېشى ھوسۇلى 470 كىلوگىرام، ماشىنىدا يىغىش نىسبىتى %100 بولىدىكەن.
سۈن گوچۈەن فوتوسى
كېۋەز
ئىللىقلىقنى، يورۇقلۇقنى ياخشى كۆرىدىغان، چەكسىز ئۆسۈش ئادىتىگە ئىگە بىر خىل ئىقتىسادىي زىرائەت
شىنجاڭ دۆلەت ئىچىدىكى باشقا پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا سېلىشتۇرغاندا
تېخىمۇ كۆپ پايدىلىق كىلىمات شارائىتىغا ئىگە
2024-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى، پاختىكارلار تىراكتور ھەيدەپ قاراماي شەھىرىنىڭ قاراماي رايونى شوگەي يېزىسىدىكى كېۋەزلىككە دېھقانچىلىق دورىسى چېچىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارماقتا.
تيەن گوجيەن فوتوسى
شىنجاڭنىڭ ھاۋاسى قۇرغاق، بۇلۇت مىقدارى ئاز، ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى كۆپ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى يېتەرلىك
بۇ
پاختا تالاسىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق
غوزا سېسىش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىپ، بىرلىك ھوسۇلىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ
2024-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئاقسۇ شەھىرى ليۇيۈەن بازىرى شياڭخې كەنتىدىكى دېھقانلار بىر گەۋدىلەشكەن تۈجۈپىلەپ ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېۋەز تېرىماقتا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى
شىنجاڭ پاختىسى
ھەر يىلى
تەخمىنەن 2500 سائەتتىن 3500 سائەتكىچە بولغان «ئاپتاپقا قاقلىنىش»تىن بەھرىمەن بولالايدۇ
2018-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، ماناس ناھىيەسى بېيۋۇچا بازىرى سەنچاكوۋ كەنتى لۈيۈەن يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ 6700 مو كېۋەزلىكىدە ئارقا-ئارقىدىن كېۋەز تېرىلىشقا باشلىدى، بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان تۆت تىراكتور ئېتىزدا دەل جايىدا مەشغۇلات قىلماقتا.
خې لۇڭ فوتوسى
بۇنىڭدىن باشقا
كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقىنىڭ چوڭ بولۇشى
كېۋەزنىڭ قۇرۇق ماددا جۇغلانمىسى ۋە ئىقتىسادىي ھوسۇل مىقدارىنىڭ شەكىللىنىشىگە پايدىلىق
يەنە مول، كۆپ خىل يورۇقلۇق بايلىقىمۇ
ھەر خىل كېۋەزنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق
2022-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى دافېڭ بازىرى داتۇگۇلى كەنتىدە، چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كېۋەزلىككە كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دېھقانچىلىق دورىلىرىنى چاچماقتا.
تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى
تىيانشان ۋە كوئېنلۇن تېغىدىكى قار-مۇزنىڭ ئېرىشىدىن ھاسىل بولغان سۇنى
«سۇلار ئىچىدىكى ئېسىلزادە» دېيىشكە بولىدۇ
بۇ
شىنجاڭ پاختىسىنى يېتەرلىك
مۇقىم ھەم ئەلا سۈپەتلىك سۇ مەنبەسى بىلەن تەمىنلىدى
2021-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى، بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان چوڭ ئات كۈچىلىك ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شى 12-تۇەن 22-ليەننىڭ كېۋەزلىكىگە يېڭى كېۋەز تېرىماقتا.
سۈن گوچۈەن فوتوسى
دۆلىتىمىز
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پاختا ئىستېمال دۆلىتى
2-چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى
2021-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى، پاختا يىغىش ماشىنىسى شايار ناھىيەسىنىڭ نۇرباغ يېزىسى جېنشىڭ كەنتىدە پاختا يىغماقتا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى
شىنجاڭدىكى بىرىنچى چوڭ «گۈل» بولۇش سۈپىتى بىلەن
كېۋەز تېرىقچىلىقى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان
2022-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى، پاختا يىغىش ماشىنىسى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ بازىرى توڭچىكە كەنتىدىكى كېۋەزلىكتە پاختا يىغماقتا.
ۋاڭ جىپېڭ فوتوسى
2023-يىلى شىنجاڭدا ئەمەلىي تېرىلغان كېۋەز كۆلىمى
36 مىليون 163 مىڭ موغا
پاختا ھوسۇلى 5 مىليون 112 مىڭ توننىغا يېتىپ،
پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ %90تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى
2023-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى، پاختا يىغىش ماشىنىسى قۇتۇبى ناھىيەسى ۋۇگۇڭتەي بازىرى شياۋچۈەن كەنتىدىكى بىر كېۋەزلىكتە يېڭى پاختا يىغماقتا.
ما گۇاڭيۈەن فوتوسى
2024-يىلى شىنجاڭنىڭ كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى
تەخمىنەن 35 مىليون 560 مىڭ مو بولۇپ
پاختا ھوسۇلى مىقدارىنىڭ 5 مىليون 260 مىڭ توننىغا يېتىشى مۆلچەرلەندى
2023-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئىشچىلار شىنجاڭ (سانجى) ئاسىيا-ياۋروپا خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت باغچىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ خۇارۇڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خۇاخۇڭ پاختىچىلىق كەسپىي نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىسكىلاتىدا ساپ پاختىنى ئامبارغا كىرگۈزدى.
خې لۇڭ فوتوسى
ھازىرغا قەدەر
ئاپتونوم رايون بويىچە پاختىنى ماشىنىلاشتۇرۇپ يىغىش نىسبىتى %85تىن ئېشىپ
ئادەم كۈچى زور دەرىجىدە ئازاد قىلىندى
2022-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى، پاختا يىغىش ماشىنىسى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ بازىرى توڭچىكە كەنتىدىكى كېۋەزلىكتە پاختا يىغماقتا.
ۋاڭ جىپېڭ فوتوسى
دۆلىتىمىزدە ئىلگىرى
ئۇزۇن تالالىق پاختا تېرىلمىغان
ئالاھىدە توقۇمىچىلىق سانائىتىگە كېرەكلىك خام ئەشيانىڭ ھەممىسى ئىمپورت قىلىشقا تايىنىپ كەلگەنىدى
2024 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، ئىشچىلار شىنجاڭ (سانجى) ئاسىيا-ياۋروپا خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت باغچىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ خۇارۇڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خۇاخۇڭ پاختىچىلىق كەسپىي نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىسكىلاتىدا تايلانغان پاختىنى توشۇماقتا.
خې لۇڭ فوتوسى
نۆۋەتتە
شىنجاڭ دۆلەت ئىچىدىكى بىردىنبىر كۆپ مىقداردا ئۇزۇن تالالىق پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان رايون
2023-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى، تەتقىقاتچىلار سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا جايلاشقان جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى غەربىي قىسىم يېزا ئىگىلىك تەتقىقات مەركىزى كېۋەز سورتىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش بويىچە مەملىكەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ شىنجاڭ مەركىزىدە گېن تۈزۈش ئارقىلىق كېۋەز سورتى تۈپىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزەتمەكتە.
خې لۇڭ فوتوسى
بۇنىڭدىن باشقا
شىنجاڭ يەنە يۇقىرى پەن-تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ
تەبىئىي رەڭلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىپ
ياخشى تەرەققىيات ئىستىقبالىنى نامايان قىلدى
2022-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاختا يىغىش ماشىنىسى شايار ناھىيەسى قايلور بازىرىدىكى بىر كېۋەزلىكتە پاختا يىغماقتا.
ليۇ يۈجۇ فوتوسى
شىنجاڭ پاختىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكىنى خۇلاسىلەپ باقايلى
تەبىئىي شارائىتى ئەۋزەل، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 16 سائەتتىن ئاشىدۇ
بىر تۈركۈم ئەلا سۈپەتلىك ئۇرۇق بايلىقى يېتىشتۈرۈش، يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا، شورغا، سوغۇققا چىداملىق، ماشىنىدا يىغىۋېلىشقا ماس كېلىدۇ
كېۋەز تېرىقچىلىقىدىكى كۆپ تۈرلۈك تېخنىكا خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەن
شىنجاڭنىڭ ماشىنىلاشتۇرۇپ پاختا يىغىش نىسبىتى يۇقىرى
كۆلەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك
ئۇزۇن تالالىق پاختىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپ، تۈرلۈك سۈپەت كۆرسەتكۈچلىرى دۆلەت ئۆلچىمىدىن ئاشقان
2021-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇر بازىرى بەخت مەھەللىسىدىكى ئاھالە كېۋەزلىكتە پاختا تېرىشنى بىۋاسىتە كۆرسەتمەكتە.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى
سۈپىتى ئالاھىدە بولغاچقا
ئىزچىل ئالقىشلىنىپ كەلمەكتە
شىنجاڭ پاختىسىنىڭ «ياخشى»لىقى ئاللىقاچان كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى
ئۇ پەقەت جۇڭگونىڭ پەخرى بولۇپلا قالماي
پۈتۈن يەرشارى توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ ئەتىۋارلىق بايلىقى
مەلۇم ماركىنىڭ «توپتىن چېكىنىشى» توسالغۇ بولمايدۇ!
«شىنجاڭ پاختىسى» دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى تاللاش!