تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

چىرا: بوستانلىق ئىلگىرىلەپ، قۇم چېكىندۈرۈلۈپ، قۇم دېڭىزى چىلانزارلىققا ئايلاندى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر تاڭ يۇڭ فوتوسى، خەۋىرى) ئاپتوموبىل ھەيدەپ دۆلەت يولى 315-لىنىيەسىنىڭ چىرا ناھىيەسى بۆلىكىدە يۈرگەندە، تاشيولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تۇتاش كەتكەن «قىزىل دېڭىز»نى پات-پات كۆرگىلى بولىدۇ، كەڭ كەتكەن چىلان قۇرۇتۇش مەيدانىدا، قىپقىزىل چىلانلار تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن بولۇپ، چىلان ئۆستۈرگۈچىلەرنىڭ چىلانلارنى ئاپتاپقا سېلىش، يەشىككە قاچىلاش، يۆتكەپ توشۇش بىلەن ئالدىراش  بولۇپ كەتكەنلىكى كۆزگە چېلىقىدۇ.

   چىرا ناھىيەسى گىرۋەكنى قاشالاپ قۇمنى تىزگىنلەش جەريانىدا، جەمئىي 160 مىڭ مو يەرگە چىلان كۆچىتى تىكىپ، مۇستەھكەم بىر يېشىل توسۇق بەرپا قىلىپ، قۇملۇقنىڭ ھۇجۇمىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى ئاھالىلەرگە ئەمەلىي ئۈنۈم ئېلىپ كېلىپ، باغۋەنچىلىك كەسپى يادرو قىلىنغان قۇملۇق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

 دۆلەت يولى 315-لىنىيەسىنىڭ چىرا ناھىيەسى بۆلىكىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى مىڭ مولۇق چىلان قۇرۇتۇش مەيدانى (11-ئاينىڭ 29-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

11-ئاينىڭ 29-كۈنى، چىرا ناھىيەسىدىكى دېھقانلار چىلان قۇرۇتۇش مەيدانىدا چىلان توشۇماقتا.

11-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئاپتوموبىل ھەيدەپ يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان مېھمانلار چىلان قۇرۇتۇش مەيدانىدىن چىلان سېتىۋالماقتا.

11-ئاينىڭ 29-كۈنى، دېھقانلار چىلان قۇرۇتۇش مەيدانىدا قۇرۇتۇلغان چىلانلارنى يەشىكلەرگە قاچىلىماقتا.

11-ئاينىڭ 29-كۈنى، چىرا ناھىيەسى ئاقىل مېۋىچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ خىزمەتچىلىرى قۇرۇتۇش سېخىدا مەشغۇلات قىلماقتا.

11-ئاينىڭ 29-كۈنى، چىرا ناھىيەسى ئاقىل مېۋىچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ خىزمەتچىلىرى چىلانلارنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ساتماقتا.

11-ئاينىڭ 29-كۈنى، چىرا ناھىيەسى ئاقىل مېۋىچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ خىزمەتچىلىرى چىلاننىڭ قۇرۇتۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.