□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ
11 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، «مىللەتلەر بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش . تيەنيادا مۇشۇ پەيتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش» باش تېمىسىدىكى 12 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مىللەتلەر بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى سەنيا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى تيەنياخەيجياۋ ساياھەت رايونىدا جەم بولۇپ، ھەر مىللەت تەنھەرىكەتچىلەر دېڭىز بويىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان «مىللەتلەر مەنزىرىسى لىنىيەسى»نى نامايان قىلدى.
«پائالىيەت بەك كۆڭۈللۈك بولۇپ، گۇگۇم چۈشكىچە داۋاملاشتى، بۇنى ھەم رومانتىك، ھەم ئۆرپ ـ ئادەت نامايان قىلىنغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى دېيىشكە بولىدۇ.» شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئىلەڭگۈچ مۇسابىقىسى تۈرى تەنھەرىكەتچىسى باقىتگۈل جۇمان مۇنداق دېدى: باشلىنىشىدىكى قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن تارتىپلا ناھايىتى قالتىس بولدى، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ھەر مىللەت پىدائىيلار ئۇسسۇل ئويناپ، كالا تېرىسى دۇمبىقى چېلىپ كۆپچىلىكنى كۈتۈۋالدى.
قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىكى كىشىلەر توپى ئارىسىدا، سەنيادا داشۆدە ئوقۇۋاتقان ئەلفىرە ئەركىننىڭ ئۆرۈمە چاچلىرى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتاتتى، نۇرغۇن تەنھەرىكەتچى ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن سۈرەتكە چۈشتى. «بىز رېپېتىتسىيە قىلغىلى بىر ئاي بولدى، مەن ئەڭ ياخشى ھالىتىم بىلەن تەنھەرىكەتچىلەرگە مەدەت بېرىمەن، بۈگۈن يۇرتۇمدىن كەلگەن نۇرغۇن تەنھەرىكەتچىنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم، مەن ئويۇن قويۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارنى ئىزدەپ بېرىپ بىللە سۈرەتكە چۈشىمەن» دېدى ئەلفىرە.
باۋتىڭ لىزۇ ـ مياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكى قىزلار يەنە شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرىنى يېتەكلەپ بامبۇك ئۇسسۇلى ئوينىدى. «بىز ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بىر يىلدىن ئارتۇق تەييارلىق قىلدۇق، مەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىتتىپاقلاشقان، كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن بىر چوڭ ئائىلە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم» دېدى لىزۇ قىز ۋاڭ تاۋچۆ.
بۇ يىل شىنجاڭ ئارقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش كوماندىسىدىكى ئابلاپ قاربۇللانىڭ 4 ـ قېتىم مۇسابىقە مەيدانىغا ئاتلىنىشى بولۇپ، «تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 56 مىللەتنى بىر يەرگە جەم قىلدى، خۇددى قەدىناس دوستلار جەم بولغاندەك بولدۇق.» ئابلاپ مۇنداق دېدى: مەن موڭغۇل، زاڭزۇ، مياۋزۇ مىللىتىدىن بولغان نۇرغۇن يېڭى دوست بىلەن تونۇشتۇم، ئوخشاش بىر جايدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى كەيپىياتىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، بۇ مەن ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك.
بۇنىڭدىن باشقا، مىللەتلەر بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە يەنە باغ سەيلىسى ۋە بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش ھالقىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە باغ سەيلىسىدە بارچە گۈللەر ئېچىلغان مىللەتلەر ئۇسسۇلى مەيدانى، دۆلەت مودا ئېقىمى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كوچىسى، تۈرلۈك ئويۇنلار داۋامىدا ئۇچرىشىش، خەلق ئۆرپ ـ ئادىتى كوچا ئويۇنى يىغىلىشى، دولقۇن يېرىش مۇزىكا كېچىلىكىدىن ئىبارەت بەش باش تېمىلىق كۆرگەزمە ئويۇن رايونى تەسىس قىلىندى، يەنە ئورمانلىق مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش رايونى، قۇملۇق ساھىلى مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش رايونىدىن ئىبارەت ئىككى مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ھەمتۈرتكە رايونى بار بولۇپ، ھەربىر رايوندا مول ئويۇن قويۇش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.
باغ سەيلىسى مەزگىلىدە، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى تەنھەرىكەتچىلەر بىلەن خەينەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى تەنھەرىكەتچىلەر قوشماقلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئۆزئارا سوۋغا تەقدىم قىلغاندا، شىنجاڭ تەنھەرىكەتچىلىرى تۆگە قونچاق تەييارلىدى، خەينەن تەنھەرىكەتچىلىرى قۇلۇلە قېپى سۈرەت رامكىسى سوۋغا قىلدى ھەمدە شىنجاڭ تەنھەرىكەتچىلىرىگە شۇ جاينىڭ خاسلىقىغا ئىگە يىپ بىلەزۈك چىگىپ، ئۇلارغا مەدەت بەردى. «كۆپچىلىكنىڭ بىزنىڭ گۈزەل شىنجاڭغا كېلىپ سەيلە ـ ساياھەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز» دەپ كۆپچىلىكنى قىزغىن تەكلىپ قىلدى شىنجاڭلىق تەنھەرىكەتچى رۇقىيەم ئوسمان.
«سوۋغاتنى تاپشۇرۇۋېلىپ ناھايىتى خۇشال بولدۇق، بۇ، دوستلۇقنىڭ گۇۋاھچىسى، بىز ئۇنى ياخشى قەدىرلەپ ساقلايمىز.» خەينەن تاختا ئاياغ بىلەن سۈرئەتتە بەسلىشىش كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى جۇڭ جىنخۇا مۇنداق دېدى: «تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بىللە ئىزدىنىشى، پىكىر ئالماشتۇرۇشى ناھايىتى تەستە قولغا كېلىدىغان پۇرسەت، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ناھايىتى قەدىرلىدى، بۇ قېتىم شىنجاڭ تەنھەرىكەتچىلىرى بىلەن قوشماقلىشىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولدى، بۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ».
«بىز ئىزچىل بىللە ئوينىدۇق، ئۇلار يەنە ماڭا شىنجاڭ ئۇسسۇلىنى ئۆگەتتى، تولىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە قىزغىنلىققا تولغانلىقىنى ھېس قىلدىم.» خەينەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى تيەن شياۋچەن مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭمۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ خەينەنگە كېلىپ سەيلە ـ ساياھەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.
بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش ھالقىسىدا، كۆپچىلىك دېڭىز بويىدىكى كەچكى شەپەق نۇرىدا مىللەتلەر جەزبىدارلىقى مۇجەسسەملەنگەن بىر مەيدان ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئويۇنىدىن ھۇزۇرلاندى، بۇ ئويۇن «تيەنيادا مۇشۇ پەيتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش» دېگەن باش تېمىغا تولىمۇ ماس كەلگەنىدى.
شىنجاڭ مەرۋايىت توپ مۇسابىقىسى تۈرىنىڭ تىرېنېرى ما دۇڭ مۇنداق دېدى: بىر نەچچە كۈن جىددىي مۇسابىقىلەشتۇق، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدىن پايدىلىنىپ تەنھەرىكەتچىلەرنى ئارام ئالدۇرۇپ، روھىي ھالىتىنى ياخشى تەڭشەپ، كېيىنكى مۇسابىقىلەرنى كۈتۈۋالىمىز، «بۇ بىزنىڭ مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تۇنجى قېتىم قاتنىشىشىمىز، بىر قېتىم يېڭىشنى مۆلچەرلىگەنىدۇق، ھازىرغىچە ئىككى قېتىم يەڭدۇق، بىز ناھايىتى مەمنۇن بولدۇق. ئەڭ مۇھىمى كۆپچىلىك نۇرغۇن دوست تۇتۇپ، مەرۋايىت توپ ماھارىتى ئۈستىدە بىللە ئىزدەندى».
مەرۋايىت توپ مۇسابىقىسى تۈرىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى مىرزات كېرەم قۇملۇق ساھىلىدىكى «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» دېگەن بەلگە تاختىسىنى تېپىپ، كوماندا ئەزالىرى بىلەن بىر ـ بىرلەپ سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. «بۈگۈن قۇملۇقتا توپ تەپكەندە، نۇرغۇن جايدىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەر بىلەن تونۇشتۇم، كۆپچىلىك ئۆزئارا ماھارەت ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق. بىز بىللە ئۆسۈپ يېتىلىپ، بىللە ئىلگىرىلەيمىز» دېدى مىرزات.
12 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مىللەتلەر بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنىڭ باش تەشكىللىگۈچىسى ۋۇ يەن مۇنداق تونۇشتۇردى: مىللەتلەر بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالاھىدە پائالىيىتى بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى جانلىق چۈشىنىش ۋە ھېس قىلىشنى مەقسەت قىلغان.