قىرانبېك مەكەن
2004 ـ يىلى، 12 يېشىمدا ئاتۇشتىن 1500 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2 ـ ئوتتۇرا مەكتىپىدە ۋاسكېتبول ئارزۇسى يولىنى باشلىدىم.
تەلىيىمنىڭ كەلگىنى شۇكى، 2008 ـ يىلى ئەمدىلا تولۇق 2 ـ يىللىققا چىققاندا ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى تەنتەربىيە مەشىق 1 ـ چوڭ ئەترىتىنىڭ شىنجاڭ ياشلار ۋاسكېتبول كوماندىسىغا تاللاندىم. ئىككى ئايدىن كېيىن، مەن شۇ چاغدىكى شىنجاڭ ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى جياڭ شىڭچۈەنگە ياراپ قېلىپ، ئۇچار يولۋاس كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بولدۇم. شۇ چاغدا، مەن كۆڭلۈمگە پۈتۈن كۈچۈمنى چىقىرىپ شىنجاڭغا شەرەپ كەلتۈرىمەن، يۇرتۇمغا شەرەپ كەلتۈرىمەن دېگەن ئىرادىنى پۈككەنىدىم.
16 يېشىمدىلا كەسپىي توپچى بولدۇم، مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ھەرگىزمۇ تەلىيىمنىڭ كەلگەنلىكىدىنلا ئەمەس، يەنە ئادەتتىكى كىشىلەر بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان نۇرغۇن بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلىگىنىمدىن بولدى. مەكتەپ كوماندىسىنىڭ بىر ئىچكى سەپ توپچىسىدىن كەسپىي كوماندىنىڭ تاشقى سەپ توپچىسىغا ئايلىنىش ئۈچۈن نۇرغۇن تېخنىكىلارنى باشتىن باشلاپ مەشىق قىلىشقا توغرا كېلەتتى، يەنە كۆپ يىللىق توپ ئويناشتىكى بەزى ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلەتتى.
ئەينى چاغدا، ياش توپچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر كۈنكى مەشىقتە مەشىق خاتىرىسى يازاتتىم. ھەر قېتىم قەيەردىن باشلاپ يېزىشنى بىلمىگەندە، گېزىتنى ۋاراقلاپ، ئۇنىڭدىن ئىلھام ئىزدەيتتىم. «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق گېزىت ـ ژۇرناللاردىكى كەسپىي ۋاسكېتبول توغرىسىدىكى خەۋەرلەر مېنىڭ ۋاسكېتبولغا بولغان تونۇشۇمنى يېڭىلىدى، شۇنداقلا كەسپىي ۋاسكېتبول ماھىرى بولۇش نىشانىغا يېقىنلىشىش ئىشەنچىمنى چىڭىتتى. گېزىتتىن كۆرگەن بىر قىسىم مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ تەسىراتلىرىدىن مەن كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشتىم، مەن بۇ سۆزلەرنى مەشىق خاتىرەمگە يېزىپ، قەلبىمدە تېخىمۇ چىڭ ساقلىدىم.
ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتتى، مەن زاپاس ئەزالار قاتارىدا شىنجاڭ ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئۈچ قېتىم 2 ـ بولغانلىقىغا گۇۋاھ بولدۇم، شۇنداقلا كوماندا بىلەن بىللە ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتتىم. 2014 ـ يىلى ئاساسلىق توپچى بولۇش سۈپىتىدە كوماندا بىلەن بېيجىڭ ۋۇكېسۇڭ تەنتەربىيە سارىيىدىكى CBA ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە مەيدانىغا كەلدىم. 2016 ـ يىلى، سەپداشلىرىم مېنى كوماندا باشلىقلىقىغا سايلىدى. شۇ مۇسابىقە پەسلىدە، بىز 2016 ـ يىللىق ئاسىيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چېمپىيونى ۋە 2017 ـ يىللىق CBA ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدۇق ھەم 2017 ـ يىللىق مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئارقا ـ ئارقىدىن بېيجىڭ كوماندىسى، 1 ـ ئاۋغۇست كوماندىسى، شەندۇڭ كوماندىسى، گۇاڭدۇڭ كوماندىسى قاتارلىق كۈچلۈك رەقىبلەرنى يېڭىپ، تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە مەيدانىدا تۇردۇق.
بۇ مۇساپىدە، شىنجاڭ گېزىتخانىسىدىكى نۇرغۇن مۇخبىر، ئۇستازلار ماڭا دىققەت قىلىپ، ئۆسۈپ يېتىلىش ھېكايەمنى خاتىرىلەپ، مېنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆپلىگەن تاراتقۇ ۋە ۋاسكېتبول ساھەسىدىكى كەسپىي زاتلارنىڭ تونۇشى، دىققەت قىلىشى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشىمگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. 2017 ـ يىلى، مەن ئاخىر 16 ياش ۋاقتىمدىكى ئارزۇيۇم − دۆلەت ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇم.
شىنجاڭ كوماندىسىدىن دۆلەت كوماندىسىغىچە، ۋاسكېتبول ھاياتىمدىكى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىم يۇرتۇمنىڭ يېتىشتۈرۈشىدىن، تېخىمۇ مۇھىمى مىڭلىغان ـ ئونمىڭلىغان توپ مەستانىلىرىنىڭ مېنى قوللىغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان، مەن دائىم بىرەر ئىش قىلىپ يۇرتۇمغا ۋە توپ مەستانىلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇشنى ئويلاپ كەلدىم. يېقىندا، بۇ پۇرسەت يېتىپ كەلدى.
بۇ يىل 11 ـ ئايدا، گۇيجوۋ تەيجياڭ ناھىيەسى كەنتلەر ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مەندە 12 مىللەتتىن بولغان توپچىدىن تەشكىللەنگەن «شىنجاڭ چۈەنمىنشىڭ» ۋاسكېتبول كوماندىسىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، كەنتلەر ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ تەجرىبە ئالماشتۇرۇش مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇش ئويى پەيدا بولدى. بۇ ئوي ناھايىتى تېزلا ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىنىڭ قوللىشى ۋە ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى، كۆپچىلىك كۆپنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى چۆرىدەپ بىر يۈرۈش خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە يۇرتىمىزنىڭ سالاپىتىنى ناھايىتى ياخشى نامايان قىلدى.
20 يىلدىن بۇيان، مېنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىش يولۇمدىكى نۇرغۇن ئاچقۇچلۇق پەيتلەرگە «شىنجاڭ گېزىتى» ھەمراھ بولدى. كەلگۈسىدە، «شىنجاڭ گېزىتى» بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئالاقە ئورنىتىدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن، چۈنكى بىزنىڭ گۈزەل شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىش، شىنجاڭلىقلارنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلىش، تەنتەربىيەنىڭ كىشىلەرگە بەرگەن ئاكتىپ كۈچىنى تارقىتىش ئورتاق ئارزۇيىمىز بار.
(ئاپتور قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو دۆلەت ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كوماندا ئەزاسى)