«شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى (11 ـ مەيدان) ئۆتكۈزۈلدى
بايىنغولىن ئوبلاستى تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ مۇھىم ئېشىش قۇتۇپىنى بەرپا قىلىدۇ
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋېي يۇڭگۇي، دۇ جيەنخۇي خەۋەر قىلىدۇ: «بىز ئىسلاھات ئېڭى، تەپەككۇرى، ئۇسۇلى ئارقىلىق كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، <14 ـ بەش يىل>نىڭ ئاخىرىدا نېفىت ـ گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، يېشىل كانچىلىق ۋە يېڭى ماتېرىيالدىن ئىبارەت 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك كەسىپ توپىدىن ئىككىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈپ، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم ـ كېچەك، يېڭى ئېنېرگىيەدىن ئىبارەت 50 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك كەسىپ توپىدىن ئىككىنى ۋە 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك كەسىپ توپىدىن بىر قانچىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ مۇھىم ئېشىش قۇتۇپىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىمىز» دېدى 11 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى (11 ـ مەيدان)دا، بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى جۇ دايۇڭ.
بايىنغولىن ئوبلاستى مەملىكەت بويىچە قۇرۇقلۇق كۆلىمى ئەڭ چوڭ ۋىلايەت دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون بولۇپ، «خۇاشيادىكى بىرىنچى ئوبلاست» دەپ ئاتىلىدۇ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور.
شۇ كۈنى، «تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، خاس كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، جۇ دايۇڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بايىنغولىن ئوبلاستىدىن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىپ، ئۈلگە بولۇشنى تەلەپ قىلدى، بىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، بۇرچنى ئادا قىلىمىز. بايىنغولىن ئوبلاستى ئاپتونوم رايوننىڭ بايىنغولىن ئوبلاستىنى جەنۇبىي شىنجاڭنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش، چاقىلىق يېڭى شەھىرى يىرىك پىلان قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سىياسەت پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، زەنجىر بەرپا قىلىش، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نېفىت ـ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، يېشىل كانچىلىق ھەم يېڭى ماتېرىيال، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم ـ كېچەك، يېڭى ئېنېرگىيە، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئىبارەت «بەش چوڭ ئەۋزەل كەسىپ توپى»نى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، قۇرۇلمىسى ئىلمىي، خاسلىقى روشەن، يادرولۇق رىقابەت كۈچى كۈچلۈك بولغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىدۇ.
بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كۆپ خىل قېزىلما بايلىقى پۈتۈن شىنجاڭ ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتتە ئېچىش ئەۋزەللىكىگە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستى ئىستراتېگىيەلىك كان ئىزدەش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىق زاپىسىنى يەنىمۇ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، كالىي تۇزىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان بايلىق مىقدارى شىنجاڭ بويىچە %98نى ئىگىلەپ، مەملىكەت بويىچە 2 ـ ئورۇندا تۇرىدۇ؛ فىتورىتنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان بايلىق مىقدارى شىنجاڭ بويىچە %99نى ئىگىلەپ، شىنجاڭ بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇرىدۇ؛ لىتىي، بېرىللىي رۇدىسى، مول تۆمۈر رۇدىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان بايلىق مىقدارى بىردەك شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرىدۇ. كەلگۈسى بىر مەزگىلدە، بايىنغولىن ئوبلاستى ئاپتونوم رايوننىڭ چاقىلىق يېڭى شەھىرى بەرپا قىلىش پۇرسىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، سىلىتسىي ئاساس قىلىنغان، لىتىي ئاساس قىلىنغان، فىتور ئاساس قىلىنغان كانچىلىق يېڭى ماتېرىياللىرىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھەم پولات ـ تۆمۈر كەسىپ زەنجىرى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭدا مۇھىم يېڭى ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇش نىشانىغا قاراپ قەدەم تاشلايدۇ.
بايىنغولىن ئوبلاستى شىنجاڭدىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق ئۈچ چوڭ رايوننىڭ بىرى، شۇنىڭ بىلەن بىللە مەملىكەت بويىچە مۇھىم ئەلا سۈپەتلىك تاۋار پاختا بازىسى، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم ـ كېچەك كەسىپ توپىنىڭ تەرەققىياتى بالدۇر باشلانغان، ئاساسىي شارائىتى ياخشى، بايلىق ئەۋزەللىكى يېتەرلىك بولۇپ، پاختا توقۇمىچىلىق، خىمىيەۋى تالا توقۇمىچىلىقى، ۋىسكوزا كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرگەن، پاختا، چىگە، يېڭى رەخت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان.
«كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، بىز يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپلىرى توپىنى كۈچەپ يېتىلدۈرىمىز، تەرەققىي قىلدۇرىمىز.» جۇ دايۇڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايوننىڭ «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4 ـ لىنىيەسى چاقىلىقتىن باشلىنىپ، سىچۇەن ـ چۇڭچىڭدا ئاخىرلىشىدۇ، بايىنغولىن ئوبلاستى بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەم ھازىرغا پايدىلىق، ھەم ئۇزاق كەلگۈسىنى كۆزلەيدىغان بىر تۈركۈم يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرىنى پىلانلاپ يولغا قويدى، نۆۋەتتە پائال ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى.
بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كورلا نەشپۈتى، چاقىلىق چىلىنى، بۈگۈر ئاق ئۆرۈكى قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى دۆلەت ئىچى ـ سىرتىغا داڭلىق. بايىنغولىن ئوبلاستى دىققەتنى زامانىۋى تېرىقچىلىق، خاس باغۋەنچىلىك، كۆلەملىك باقمىچىلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلەت دەرىجىلىك زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسىدىن بىرنى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسىدىن ئۈچنى ۋە مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك كەسپىدە كۈچلۈك بازاردىن ئالتىنى قۇرۇپ، بەلگىلەنگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىسىدىن 129نى يېتىلدۈرۈپ، پاختا، خاس زىرائەت، مېۋە پىششىقلاشنى يېتەكچى قىلغان، ئاشلىق ـ ياغ، يېمەكلىك پىششىقلاش، چارۋا مەھسۇلاتلىرىنى تايانچ قىلغان پىششىقلاش كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈردى.