چېن مىڭگو شىنجاڭ ساقچى شۆيۈەنىدە ئىدىيەۋى ـ سىياسىي دەرس سۆزلىدى
مەڭگۈ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن خەۋەر قىلىدۇ: 11 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئىدىيەۋى ـ سىياسىي دەرس سۆزلەش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى ـ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي ـ قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىڭگو شىنجاڭ ساقچى شۆيۈەنىدە ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيەۋى ـ سىياسىي دەرس سۆزلىدى.
چېن مىڭگو «پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنايلى» باش تېمىسىدا، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا چۈشىنىش، ئىگىلەش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ سىياسىي ـ قانۇن خىزمىتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەر، يېڭى دەۋردە ساقچىلىق كەسپى بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقان ياشلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىد قاتارلىق جەھەتلەردىن ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
چېن مىڭگو مۇنداق تەكىتلىدى: ساقچىلىق كەسپى بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقان ياشلار ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، «گۇڭئەن پارتىيەنىڭ بولۇش» «ساقچى شۆيۈەنى پارتىيەنىڭ بولۇش»تىن ئىبارەت سىياسىي خاراكتېرنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، ساقچى بولۇش يولىدىكى بىرىنچى قەدەم، بىرىنچى پەيتتىلا ساداقەتمەنلىك ئۇلىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى يۈكسەكلىكنى ساقلاپ، مەڭگۈ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك؛ ئاڭلىق ھالدا دەۋر بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە تەڭ قەدەمدە مېڭىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، مىننەتدارلىقنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىرادىسى، كۈرەش ئىرادىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق مۇساپىسىگە سىڭدۈرۈشى كېرەك؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلۈكىنى تولۇق تونۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قىزغىن ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىش كېرەك.
بۇ مەزگىلدە، چېن مىڭگو ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى، «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى ھەم ساقچى ئىشلىرى ئەمەلىي مەشىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.