شىنخۇا ئاگېنتلىقى، فىنوم پېن، 11 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋۇ چاڭۋېي) جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش ۋەكىللەر ئۆمىكى 11 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى كامبودژانىڭ فىنوم پېندا «شىنجاڭ ياخشى جاي» تەشۋىق قىلىش ـ تونۇشتۇرۇش يىغىنى ھەم سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى.
كامبودژا خەلق پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كامبودژا ـ جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ئەيساڭ ئوۋ ھەمدە كامبودژا پارلامېنتى، كېڭەش پالاتاسى، ئەدەبىيات ـ سەنئەت مىنىستىرلىقى، ساياھەت مىنىستىرلىقى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، بېلىقچىلىق مىنىستىرلىقى، ئالىي مەكتەپ، ئاقىللار ئامبىرى، كارخانا، خۇاچياۋ ـ خۇارېنلار، تاراتقۇ قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەزىز مېھمانلاردىن تەخمىنەن 100 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ سۆزىدە شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولۇش، تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاق ـ ئىناق بولۇش، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەشتىن ئىبارەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ئۆزگىرىشلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي»نى كۆپ نۇقتىدىن بايان قىلدى.
جۇڭگونىڭ كامبودژادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ ۋېنبىن سۆزىدە جۇڭگو ـ كامبودژا ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ئالاقىلىشىش مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن كامبودژانىڭ يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ ياخشى ئىستىقبالىغا نەزەر سالدى، ئىككى تەرەپنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يەرلىكنىڭ تۆھپىسىنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتى، سۇچىلىق نازارىتى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىكى ئالاقىدار خادىملار مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس تېمىلارنى تەشۋىق قىلدى، تونۇشتۇردى. نەق مەيداندا يەنە سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارغا زامانىۋى شىنجاڭنىڭ گۈزەل قىياپىتى نامايان قىلىندى.