تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئامېرىكا ـ جۇڭگو ئاۋىياتسىيە مىراسلىرى فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى گېرىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 11 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى ئۈرۈمچىدە ئامېرىكا ـ جۇڭگو ئاۋىياتسىيە مىراسلىرى فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جېف گېرىن باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: رەئىس گېرىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى جۇڭگو شىنجاڭدا زىيارەتتە بولۇپ، ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنىڭ تارىخىي سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزدى، «ئۇچار يولۋاس ئەترىتى دوستلۇق مەكتىپى» مۇناسىۋىتى ئورناتتى، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن كۆپچىلىكنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىمەن. ئۇچار يولۋاس ئەترىتى جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى، جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى قىلغان «ئۇچار يولۋاس ھېكايىسى» ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئەسلىمىسى بولۇپ، ئەستە ساقلاشقا ۋە ۋارىسلىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ بۇلتۇر رەئىس گېرىن ۋە ئۇچار يولۋاس ئەترىتىدىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەرگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇچار يولۋاس ئەترىتى روھىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن زور ئۈمىد كۈتتى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ «ئۇچار يولۋاس دوستلۇقى»نى يەنىمۇ يەتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، ھەر مىللەت ئامما تىنچ مۇھىتتىن ئورتاق بەھرىلەندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈردى، بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق ياراتتى. جۇڭگو شىنجاڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ھالەت بىلەن دۇنياغا پائال قۇچاق ئاچماقتا، بىز ئامېرىكا قاتارلىق يەرشارىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تېخىمۇ كۆپ زاتنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ نەق مەيداندا زىيارەتتە بولۇشىنى ۋە كۆزدىن كەچۈرۈشىنى قارشى ئالىمىز. فوندى جەمئىيەتنىڭ بىز بىلەن بىرلىكتە ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنىڭ يېڭى ھېكايىسىنى داۋاملىق يېزىپ، ئالاقىدار ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان خەلقلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

گېرىن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگوغا كۆپ قېتىم كېلىپ، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈزبەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. بۇ قېتىم جۇڭگو شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشىم، ئاساسلىقى ئامېرىكا ـ جۇڭگو ئاۋىياتسىيە مىراسلىرى فوندى جەمئىيىتىنىڭ رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئۇچار يولۋاس ئەترىتى روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. «ئۇچار يولۋاس ئەترىتى دوستلۇق مەكتىپى» فوندى جەمئىيەت تۈرتكە بولغان نۇقتىلىق تۈر، ئىككى دۆلەت ياش ـ ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى دوستلۇقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

چېن ۋېيجۈن، سۈن خۇڭمېي، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.