تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئافرىقا ئەرەب دۆلەتلىرى ياش سىياسىيونلار كۆزدىن كەچۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 11 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭدا زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئافرىقا ئەرەب دۆلەتلىرى ياش سىياسىيونلار كۆزدىن كەچۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن دوستانە پىكىر ئالماشتۇردى.

ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن كۆزدىن كەچۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە، شىنجاڭ مىسلىسىز تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى. رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭغا دۆلەت ئومۇملۇقىدا ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بەلگىلەپ، شىنجاڭ ئۈچۈن گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى. شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلدى. بولۇپمۇ، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە دىن سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەمىزنى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلدۇق. شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تىرىشچانلىقى ۋە نەتىجىلىرى ئەمەلىي بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدى، بۇ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئايان، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش پارلاق ئىستىقبالى خەلقئارادىكى قىسمەن كۈچلەرنىڭ ھۇجۇم قىلىشى، بوھتان چاپلىشى سەۋەبلىك ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. جۇڭگو شىنجاڭ باشتىن ـ ئاخىر ئېچىۋېتىلگەن. ھەرقايسى ياش سىياسىيونلارنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، ئەرەب دۇنياسىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مىسىر ۋەتەن كەلگۈسى پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى، ئاۋام پالاتاسىنىڭ 1 ـ مۇئاۋىن پالاتا باشلىقى ئەھمەد سائادىدىن مۇنداق بىلدۈردى: ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگو ئىككى تەرەپ ئوخشىشىپ كېتىدىغان قىممەت ئىدىيەسىگە ئىگە، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ، ئورتاق ھالدا تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى، خىرىسقا تاقابىل تۇردى. بۇ قېتىم جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ، ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى قاتارلىق جايلاردا ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ دىننىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرگەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلىدۇق. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەرەب دۆلەتلىرى − جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە ئۈزلۈكسىز يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايمىز.

مىسىر، كومورو، جىبۇتى، لىۋىيە، ماۋرىتانىيە، ماراكەش، سۇدان، تۇنىس قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ياش سىياسىيونلار ۋەكىللىرى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

چېن ۋېيجۈن، مەمتىمىن قادىر، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار يولداش، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.