ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى
شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىق يولىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك
ما شىڭرۇي رىياسەتچىلىك قىلدى، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ ئۆگىنىشكە قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 11 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئۆزلەشتۈرۈلۈپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، زىددىيەتنى تۈگىتىش، مۇقىملىقنى قوغداش، خەۋپ ـ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى. چېن ۋېيجۈن، چېن مىڭگو، ۋاڭ لىن پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ماركسىزملىق قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، قانۇنچىللىق يولىدا دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈپ قوللانما. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا مەخسۇس بابتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى يەنىمۇ بېيىتىلدى ۋە راۋاجلاندۇرۇلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، قانۇنچىللىق يولىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى «بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، نىزام چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىشتىن ئىبارەت ھەرقايسى ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى ماسلىشىپ ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قانۇن بويىچە قوغداش تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش خىزمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، چېگرا رايوننى مۇقىملاشتۇرۇش، مۇستەھكەملەش ۋە ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يەرلىك نىزام چىقىرىش ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتى ئەندىزىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەت ـ دىن، ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىش ـ باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە يەرلىك نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ياخشى قانۇن ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياخشى ئىدارە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش تۈزۈم ـ مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاپپاراتلىرى، فۇنكسىيەسى، ھوقۇق چېكى، تەرتىپى، مەسئۇلىيىتىنى قانۇندا بەلگىلەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، مەمۇرىيەت ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، قانۇنچىللاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇن ئىجراسىنىڭ كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدىن ئىبارەت «ھالقىلىق تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش دېلولىرىدا بىرلىككە كەلگەن قانۇننى تەتبىقلاش خىزمەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى ئۆستۈرۈپ، ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدىن ھەر مىللەت ئاممىغا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك قانۇن مۇلازىمىتىنى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا، چەت ـ يىراق رايونلارغا مايىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قانۇنچىللىق تەربىيەسى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ، بولۇپمۇ ياش ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇنچىللىق قارىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىغا ئالاقىدار نىزام چىقىرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قانۇن ئىشلىرى رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشتىكى قانۇن خىزمىتى مېخانىزمى ئورنىتىپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، قانۇن بويىچە كۈرەش قىلىش، قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئەتنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
تيەن شياڭلى، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.