ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، جەمئىيەت بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇھاكىمە قىلىندى
كەنتلەرنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى
ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 11 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جەمئىيەت بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، دۆلەتنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئومۇمىي لايىھەسى ۋە كەنتلەرنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايون قاتلىمىدىن ئاساسىي قاتلامنى باھالاشنى ئىخچاملاش، ئەلالاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس ئېنىقلاش، قېلىپلاشتۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى خىزمىتىگە بولغان سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدە يېقىنقى مەزگىلدە يۈز بەرگەن نەچچە قېتىملىق چېكىدىن ئاشقان دېلو ساۋاقلىرىنى چوڭقۇر قوبۇل قىلىپ، يىل ئاخىرى، يىل بېشىدىكى شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىك، مۇقىملىق خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ۋە ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ پۇختا، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ساقلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن ـ ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ھەرقايسى كۈچلەرنىڭ ماس ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى كەم ـ كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چېگرا پورتلىرىدا كىرىش خاراكتېرلىك خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، زور يوشۇرۇن خەۋپ ـ خەتەرنى بىخ ھالىتىدە قەتئىي تۈگىتىش كېرەك. جەمئىيەتتىكى زىددىيەت، خەۋپ ـ خەتەرنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈگىتىپ، «زىددىيەت، خەۋپ ـ خەتەرنى تۈگىتىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش» بويىچە مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئۆيلىنىش ـ مۇھەببەتلىشىش ۋە ئائىلە، قوشنىلار ئارىسىدىكى ماجىرا، قانۇنغا چېتىلىدىغان، دەۋاغا چېتىلىدىغان، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان، يەرگە چېتىلىدىغان، ئاممىغا چېتىلىدىغان پۇل مۇئامىلە، ئۆي ـ جاي، ئۆي ـ جاي مۇلازىمىتى قاتارلىقلارغا ئائىت تۈرلۈك زىددىيەت ـ ماجىرالارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ھەل قىلىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق ئورۇن ۋە ئادەم زىچ سورۇنلاردا چارلاپ ئالدىنى ئېلىش، چارلاپ تىزگىنلەشنى، توپلىشىش خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چېكىدىن ئاشقان دېلولارنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى قەتئىي پۇختا ساقلاپ، «ئۈچنى باشقۇرۇشتا ئۈچ جەزمەن بولۇش» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى، بولۇپمۇ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنىڭ 1 ـ جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، دىققەتنى كۆمۈرلۈك، كان، قاتناش ـ تىرانسپورت، قىشلىق ئىسسىنىش، ساليۇت ـ پوجاڭزا، خىمىيە سانائىتى ئىشلەپچىقىرىشى قاتارلىق ساھەلەر ۋە سوغۇق ئېقىم، قېلىن قار قاتارلىق ناچار ھاۋارايىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپنى دائىملىق بىرمۇبىر تەكشۈرۈش ۋە بىخەتەرلىك بويىچە نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، زور، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق سىستېمىسى ۋە يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تاسادىپىي ۋەقەلەر ۋە ئىككىلەمچى، ھاسىلىي ۋەقەلەرنى ئۇنىۋېرسال كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ـ ساقچىغا مەلۇم قىلىش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلاشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قاتناش، خەۋەرلىشىش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى جىددىي تاقابىل تۇرۇش كاپالەت سىستېمىسىنى پۇختىلاپ، كەسپىي كۈچ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن ـ تېخنىكا كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالاقىدار ئورۇنلار دۆلەتنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تەلىپىگە سېلىشتۇرۇپ، تىرىشىپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، خەلقنىڭ بەختلىك، ئامان ـ ئېسەن بولۇشىغا مۇناسۋەتلىك بولۇش يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەنتلەرنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەركەزنىڭ تەكشۈرۈش ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىگە سېلىشتۇرۇپ، كەنتلەرنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش كېرەك. سىياسىي تەكشۈرۈش ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالى، ئاممىنىڭ يېنىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرى قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ نازارەت قىلىشقا قاتنىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى پۇختا ئىشلەپ، ئىنچىكە ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرۇپ، ۋىلايەت، ناھىيەلەرنىڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ كەنتلەرنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە، ئاممىنىڭ ئەتراپىغىچە ئۇزارتىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قاتلامنى باھالاشنى ئىخچاملاش، ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايون قاتلىمىدىن ئېنىقلاش ئۆلچىمى ۋە تۈرلۈك قاتتىق تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن جايلاردا ئېنىقلاش، قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئېنىقلاش، قېلىپلاشتۇرۇش بىلەن دەل جايىدا، ئەمەلىي باھالاشنى، يۈكنى يېنىكلىتىش، بېسىمنى يېنىكلىتىش بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىز قوغلاپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئۆتكىلىنى چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلامنى مۇرەككەپ باھالاشتىن قۇتۇلدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.