− تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇش ئىلھامى (1)
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شۈ چىڭگۇاڭ
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش تارىخىي مۇساپىسىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق يېڭى تارىخىي تۆھپە ياراتتى − تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى چۆرىدىگەن ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3046 كىلومېتىر كېلىدىغان يېشىل قۇم توسۇش مۇداپىئە بەلبېغى تۇتاشتۇرۇلدى!
بۇ، ئىنسانلارنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش تارىخىدىكى ئاجايىپ مەنزىرە، بۇ، ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش روھى ياراتقان ئاجايىپ مۆجىزە، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى. 2023 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ باياننور شەھىرىدە چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىشىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
يېشىللىق بەرپا قىلىپ، مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى توسۇپ، چاڭ ـ توزاننى تىزگىنلىدى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە مەركەزلىك ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، كۆلەملىك قۇم تىزگىنلەش قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، يېشىللىقلار ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىلىپ، كېڭەيتىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقى بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى.
ئىدىيە ئارقىلىق يېتەكلەش
چۆللىشىش «يەرشارىنىڭ راك كېسىلى» دەپ ئاتىلىدۇ، چۆللىشىشنى تىزگىنلەش ئىنسانلارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان بىر تۈرلۈك دۇنياۋى قىيىن مەسىلە. «دۇنياۋى قىيىن مەسىلە»نى ھەل قىلىش ئىلمىي ئىدىيەنىڭ يېتەكلىشىگە موھتاج.
«چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، <ئۈچ شىمال> قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدىغان ئالىيجاناب ئىش».
بۇ، چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ تارىخىي نەزەر دائىرىسى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن ـ ئاخىر قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېڭى دەۋردە جۇڭگونىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش يېڭى مۆجىزىسىنى تىرىشىپ يارىتىشقا يېتەكلىدى.
شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى چۆللەشكەن، قۇملاشقان تۇپراق كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تارقىلىشى ئەڭ كەڭ، زىيىنى ئەڭ ئېغىر ئاپتونوم رايون، تەكلىماكان قۇملۇقى بولسا جۇڭگودىكى قۇم ـ بوران ھەرىكىتى ئەڭ كۈچلۈك ۋە قۇم ـ بوران ئاپىتى ئەڭ ئېغىر رايون بولۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىدە ۋەزىپە ئېغىر، مەنزىل يىراق. باش شۇجى شى جىنپىڭ 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا ئالايىتەن مۇنداق تەكىتلىدى: «قۇم تىزگىنلەش، سۇ تىزگىنلەش ۋە ئورمان، ئوتلاقنى قوغداش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قانات يايدۇرۇش كېرەك».
باھار شامىلىنىڭ ئۆزى بۇيرۇق. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى كۆلەم جەھەتتە مىسلىسىز بولغان سالماق ۋە سۈرئەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك باشلىنىپ، بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرمىلار ئارقا ـ ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بىر قاتار قاتتىق تەدبىر، ئەمەلىي تەدبىرلەر زىچ يولغا قويۇلدى.
2023 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش ھەم چۆللىشىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش يىغىنى ئېچىلدى؛ بىر ئايدىن كېيىنلا، خېشى كارىدورى − تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى نەق مەيدان ئالغا سىلجىتىش يىغىنى كېرىيە ناھىيەسىدە ئېچىلدى، كېرىيە ناھىيەسىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشتا ئىش باشلاشنى بەلگە قىلىپ، شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ ئاتاكا سىگنالىنى ياڭراتتى؛ بۇ يىل 6 ـ ئايدا گىرۋەكنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇش ھەل قىلغۇچ جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، شىنجاڭنىڭ «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ھەم تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى نەق مەيدان ئالغا سىلجىتىش (تەربىيەلەش) يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنى چۆرىدىگەن ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستقا قارىتا توققۇز تۈرلۈك سىياسەت جەھەتتىن قوللاش تەدبىرى تۈزۈلۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى...
تۇرىدۇ يەر ئايلىنىپ، كۈنلەر ئۆتەر يورغىلىشىپ. شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىكى، مۈشكۈللۈكى، تەكرارلىنىشچانلىقى ۋە ئېنىقسىزلىقىنى تولۇق تونۇپ، يىرىك پىلان تۈزۈش، تۈر پىلانلاش، ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان قۇملۇق ئايلانما يېشىل ئېكولوگىيە توسۇقى بەرپا قىلدى.
بوشلۇق جەھەتتىكى ئېلىشىش
سېرىق قۇم بىلەن يېشىللىقنىڭ تىركىشىشى ئۆز نۆۋىتىدە بوشلۇق جەھەتتىكى ئېلىشىش. تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى شىنجاڭ خەلقىنىڭ ھاياتلىق بوشلۇقى، ئېكولوگىيە بوشلۇقى، ياشاش بوشلۇقىنى كېڭەيتىش جېڭى بولۇپ، قىيىنلىق دەرىجىسى دۇنيادا ئاز ئۇچرايدۇ، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا، جەزمەن شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىدىن ئۇسۇل ئىزدەش ۋە جاۋاب تېپىش كېرەك.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تىزگىنلەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك» «رايونلار بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي رايون پاسىلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، قۇملۇقنىڭ چېتى بىلەن ئىچكىرىسىنى، شامال ئېغىزى بىلەن شامالغا قارشى ئېغىزنى، قۇم مەنبەسى رايونى بىلەن يول بويى رايونلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى يولغا قويۇپ، نۇقتا، لىنىيە، دائىرە بىرلەشتۈرۈلگەن ئېكولوگىيە مۇھاپىزەت تورى بەرپا قىلىش كېرەك.» شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ «ھالقىلىق تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن يېشىللىقنى كۆپەيتىپ قۇم تىزگىنلىدى.
− سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تىزگىنلەشتە چىڭ تۇردى. قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش قۇرۇلۇشىدا، شىنجاڭ تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇق بولسا ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە تىزگىنلەش، سىستېمىلىق تىزگىنلەش، مەنبەدىن تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇش قىلىش، پۈتۈن ئامىللىق تىزگىنلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، بىيولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش، قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش، يورۇقلۇق ۋولت + قۇم تىزگىنلەش قاتارلىق ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش يولىنى ئېچىپ، دۇنيانىڭ چۆللىشىشنى تىزگىنلىشى ئۈچۈن «شىنجاڭ تەجرىبىسى»نى تەقدىم قىلدى.
− تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلدى، قىيىن ئىشلارنى قىلدى. بۇ مەيدان مىسلىسىز مۇشەققەتلىك توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە، شىنجاڭ تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، «مەركەز بىرتۇتاش پىلانلاش، ئۆلكە باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، شەھەر ـ ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش» خىزمەت مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەمۇرىي پاسىلنى بۇزۇپ تاشلاپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك يۇغۇرۇلۇپ تەڭ كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئورنىتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتىكى ئۇلۇغۋار ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.
− خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «كۆكەرتىش بىلەن بېيىشنىڭ تەڭ گۈللىنىشى»نى ئىشقا ئاشۇردى. كېرىيە ناھىيەسى قۇملۇق ئېكولوگىيەسىنى تىزگىنلەش بىلەن قۇملۇق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، توشقانزەدىكىگە ئالاقىدار كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشى ئۈچۈن يېڭى يول ئاچتى... بىر پارچە قۇملۇق تىزگىنلەنسە، شۇ جايدىكى پۇقرالار بېيىيدۇ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار قۇملۇق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، خاس تېرىقچىلىق، خاس باقمىچىلىق، قۇملۇق ساياھىتى قاتارلىق كەسىپ ھالەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش بىلەن خەلقنى بېيىتىش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شۇ جايدىكى ئاممىغا ھەقىقىي بەخت ياراتتى.
بىپايان تەكلىماكانغا نەزەر سالساق، ھەممە يەرنى سېرىق قۇم قاپلاشتىن يېشىللىققا پۈركىنىشكىچە، ئادەم بىلەن قۇم ئېلىشىشتىن ئادەم بىلەن قۇم ئىناق ئۆتۈشكىچە، ئادەم بىلەن قۇمنىڭ كۈچ سىنىشىشى ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى، بۇنىڭدىكى «مەنىۋى كۈچ» ئىنتايىن مۇھىم.
مەنىۋى جەھەتتىكى تىركىشىش
سېرىق قۇم بىلەن يېشىللىقنىڭ تىركىشىشى ئۆز نۆۋىتىدە مەنىۋى جەھەتتىكى ئېلىشىش.
بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئېھتىياتچان بولغاندا، ھامىنى سېرىق قۇم يېشىللىققا پۈركىنىدۇ. نىڭشيادىكى «قۇم تىزگىنلەش قەھرىمانى» ۋاڭ يوۋدې، گەنسۇ بابۇشا ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى «ئالتە بوۋاي»، سەيخەنبا ئورمانچىلىق مەيدانى كۆزىتىش مۇنارىدا ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولغان ئەر ـ خوتۇن... بۇ ئاددىي ھەم قەيسەر سىيمالار دۆلىتىمىزنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش كۈرىشىدىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك، قامەتلىك ئوبرازنى تىكلىدى. دۇنيانىڭ قۇم تىزگىنلىشىدە جۇڭگوغا قاراش كېرەك، جۇڭگونىڭ قۇم تىزگىنلىشىدە شىنجاڭغا قاراش كېرەك، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى قۇم تىزگىنلەشكە قارشى كۈرەش قىلىش روھى ئەزەلدىن كەم بولۇپ باقمىدى.
بۇ، توغراق روھىنىڭ داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىنىشى.
كۆكيار چۆللۈكىنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىدىن چەرچەن ناھىيەسىنىڭ خېدۇڭ قۇم تىزگىنلەش بازىسىغىچە، يەر ـ جاھاننى قاپلىغان سېرىق قۇم ئالدىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ماكانىنى قوغداش ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، «جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەش، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، ئۆزىنى بېغىشلاش»تەك توغراق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، 40 نەچچە يىلدىن بۇيان ئەۋلادمۇئەۋلاد تىرىشىپ ئىشلەپ، قۇرغاقچىلىق، سۇ كەمچىل بولۇشقا قارشى كۈرەش قىلىپ، يەر ـ جاھاننى قاپلىغان قۇم ـ بورانغا قارشى كۈرەش قىلىپ، دۇنيا بويىچە 2 ـ چوڭ كۆچمە قۇملۇقتا يىمىرىلمەس ئېكولوگىيە توسۇقى ۋە مەنىۋى ئابىدە تىكلىدى.
بۇ، ئىلمىي روھنىڭ كۈچلۈك ئەۋج ئالدۇرۇلۇشى.
تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا قارىغۇلارچە ئىش قىلىشقا بولمايدۇ، جەزمەن قۇم تىزگىنلەش قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك. قۇم ـ بوران كۆچۈش ھەرىكىتى كۆپ يۈزبېرىدىغان قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدىكى رايونلاردا، گىرۋەكنى قاشالاپ تىزگىنلەشنى يولغا قويۇپ، ئىھاتە ئورمىنى ئوت ـ چۆپ بەلبېغى بەرپا قىلىپ، قۇملۇقنىڭ كېڭىيىشىنى توسۇش؛ بوستانلىق ئوراپ تۇرغان قۇم ـ بوران مەنبەسىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، قۇم ـ بوران زىيىنىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش؛ بوستانلىقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سالا ئېتىز، ئورمان تورى كەمچىل بەلباغ ۋە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشتىكى بوش قالغان رايونلاردا يوقىتىش جېڭى قىلىش − ئىلمىي قۇم تىزگىنلەش روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە كۆك ئاسمان، زۇمرەت سۇ، يېشىللىقنى تېخىمۇ كۆرگىلى، بىۋاسىتە ھېس قىلغىلى بولىدىغان بولدى.
بۇ، ھەمكارلىشىش روھىنىڭ تولۇق نامايان قىلىنىشى.
كېرىيە ناھىيەسى تيەندۇڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى «پەلەمپەيسىمان ئېتىز» ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش بىلەن ئۆسۈملۈك ئارقىلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇشنى بىرلەشتۈردى؛ جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى نىيە ناھىيەسىدە ئۈستىگە ئالغان قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇپ گىرۋەكنى قاشالاش تۈرىنىڭ ئەتراپىدا قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەشنى يولغا قويدى، ئىچكى تەرىپىدە بوراندىن مۇداپىئەلىنىش ئورمان بەلبېغى بەرپا قىلدى... بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، تېز سۈرئەتتە ھەرقايسى تەرەپلەردىكى بايلىق ۋە كۈچنى توپلىدى، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلات ۋە مەدەنىيەت ـ مائارىپ ساھەلىرى بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلار زىچ ئۇيۇشۇپ، كۆپ تارماق ھەمكارلىشىدىغان، كۆپ يول ئارقىلىق مەبلەغ سېلىنىدىغان، كۆپ تەرەپ قاتنىشىدىغان يېڭى دەۋر قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.
تارىخقا مەسئۇل بولغانلىق خەلققە مەسئۇل بولغانلىق. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇش باياشات بولغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى بوشاشماي ئالغا سىلجىتساقلا، بىز چوقۇم تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تۆھپىسىنى قوشالايمىز.