تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىلىم ئاساسىنى پۇختىلاپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىلىم ئاساسىنى پۇختىلاپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

سەي چى ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا يېڭى دەۋردىكى ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشى پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى نەزەرىيە قۇرۇلۇشىدىكى ئۇل قۇرۇلۇش، ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇش. 20 يىلدىن بۇيان، قۇرۇلۇشتا باشتىن ـ ئاخىر مەركىزىي خىزمەت چۆرىدىلىپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىنىپ، زور بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى بارلىققا كەلتۈرۈلۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىش، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولى جارى قىلدۇرۇلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىستېمىلاشتۇرۇش، ئىلمىي قائىدىلەشتۈرۈش تەتقىقاتىدىكى بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىلىم ئاساسىنى پۇختىلاپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئەمەلىيىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ مۇستەقىل پەلسەپە ـ ئىجتىمائىي پەن بىلىملىرى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى ساپالىق نەزەرىيە ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى 11 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

سەي چى سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشىنىڭ ئورنى ھەم رولى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈلۈپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىشتىكى ۋەزىپە ـ تەلەپلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى سەمىمىي ئۈمىدى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېڭى دەۋر قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلەندى.

سەي چى مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىدىيە ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇش، نەزەرىيە ئارقىلىق پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئېلان قىلىپ، ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى بېيىتىشتىكى يۆنىلىش خاراكتېرلىك، نېگىزلىك مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشىنىڭ يۆنىلىشى، نىشانى، ئاساسىي پىرىنسىپى، تۈپ ۋەزىپىسى، نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى سىستېمىلىق چۈشەندۈردى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىش بىلەن ئۆزلەشتۈرۈشنى تۇتاشتۇرۇشىمىز، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

سەي چى مۇنداق تەكىتلىدى: ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشىدا يېڭىلىق يارىتىشتا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، سىستېمىلاشتۇرۇش، ئىلمىي قائىدىلەشتۈرۈش تەتقىقاتىدىكى بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە تەسىر قىلىش كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرى تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگودىكى كونكرېت ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە دەۋر قىممىتىنى چوڭقۇر قېزىپ، «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»نى تەتقىق قىلىش ۋە ئىگىلەشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، نەزەرىيە ئىجادىيىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، مەۋقەنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، بەلگە خاراكتېرلىك ئۇقۇم، ئىجادىي نەزەرىيەنى سىستېمىلىق تاللاپ چىقىپ يەكۈنلەپ، مۇستەقىل پەلسەپە ـ ئىجتىمائىي پەن بىلىملىرى سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم ـ مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رىغبەتلەندۈرۈش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ياخشى بولغان ئىلىم ئېكولوگىيەسى يارىتىپ، كۈچلۈك بىرتۇتاش پىلانلايدىغان، ئىلمىي باشقۇرىدىغان، يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

لى شۇلېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. شېن يىچىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت ـ ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى مەسئۇل يولداشلار، قۇرۇلۇش مەسلىھەتچىلىكى كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ۋەكىللىرى، نەزەرىيە خىزمىتى سۇپىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسسىس، ئالىملار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

مەركەز تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، قۇرۇلۇشنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورۇنلار، مەركەز تەشۋىقات، مەدەنىيەت ئورۇنلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، قۇرۇلۇش مەسلىھەتچىلىكى كومىتېتىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى ۋە مۇتەخەسسىس ـ ئالىملار، يەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈملىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.