تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 - يىغىنى يېپىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 - يىغىنى يېپىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى 60 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، بۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارخىپ قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ مۈلكىنى باشقۇرۇش نىزامى> قاتارلىق توققۇز يەرلىك نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تېخنىكا بازىرى نىزامى> قاتارلىق يەتتە يەرلىك نىزامنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كۆكدالا شەھىرىدىكى ئۈچ بازارنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى ۋاقتىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى قارارى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي جازا قانۇنى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش توغرىسىدىكى قارارى>نى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارى» ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئوت مۇداپىئە نىزامى» «ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئائىلىۋى مېھمانخانىلارنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇش نىزامى» «قومۇل شەھىرىنىڭ چۆل ئېكولوگىيە ـ مۇھىتىنى قوغداش نىزامى» «قومۇل دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنى قوغداش نىزامى» «تۇرپان شەھىرىنىڭ توي ـ تۆكۈن ۋە ئۆلۈم ئىشلىرىدىكى كونا ئۆرپ ـ ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش بەلگىلىمىسى» «قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يېمەك ـ ئىچمەك مۇلازىمىتى كەسپىدە مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بەلگىلىمىسى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى، «2024 ـ يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ ـ پەن ـ مەدەنىيەت ـ سەھىيە كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 ـ يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى قاراپ چىقىشقا تاپشۇرغان ۋەكىللەر بەرگەن تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

يىغىندا يەنە كادىرلارنى تەيىنلەش ـ قالدۇرۇش ئىشلىرى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

يىغىندا، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن دۆلەت خىزمەتچىلىرىگە تەيىننامە تارقىتىپ بېرىلدى ھەم ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ مىڭشەن، لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، دىلشات قىدىرخان، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەن شى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداش قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

يىغىندىن كېيىن، «خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى» دېگەن تېمىدا مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئۆتكۈزۈلدى.

11 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 42 ـ قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنىدا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا تاپشۇرۇلىدىغان تەكلىپلەر قارار قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.