تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ھەممە كەنتتە «قانۇنچىللىق كىچىك ھويلىسى» بار

ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئاغۇ يېزىسىدا:​

ھەممە كەنتتە «قانۇنچىللىق كىچىك ھويلىسى» بار

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

«مەنلا سۆزلىسەم بەك مەنىسىز بولىدىكەن، كۆپچىلىك سوئال سوراڭلار، مەن جاۋاب بېرەي.» 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، بىر مەيدان قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى ئاتۇش شەھىرى ئاغۇ يېزىسى تۆۋەن مەھەللە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئىسمائىل قاسىمنىڭ ھويلىسىدا قىزغىن قانات يايدۇرۇلدى. ئاتۇش شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى ئاغۇ ئەدلىيە ئورنىنىڭ خىزمەتچىسى ئەخمەتجان تىلىۋالدى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى قاتارلىق قانۇن بىلىملىرىنى چۈشەندۈردى، ئۇنىڭ سۆزلىرى ئاددىي ھەم جانلىق بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى بېرىلىپ ئاڭلىدى ھەم بەس - بەستە سوئال سورىدى.

«مېنىڭ ئۆيۈم كەنتتىكى <قانۇنچىللىق كىچىك ھويلىسى>» دېدى ئىسمائىل پەخىرلەنگەن ھالدا مۇخبىرغا. 2023 - يىلى 1 - ئايدا، ئاغۇ يېزىسى دىققەتنى قانۇنچىل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، توققۇز مەمۇرىي كەنتتە «قانۇنچىللىق كىچىك ھويلىسى» بەرپا قىلدى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئىسمائىل بۇنى بىلگەندىن كېيىن دەرھال ئۆزىنى تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ھويلام چوڭ، كەنتتىكىلەرنى مېۋە، ئىسسىق چاي بىلەن تەمىنلەشنى خالايمەن، ئۇلارغا ئەگىشىپ قانۇن بىلىملىرىنى كۆپرەك ئۆگىنىمەن، كۆپچىلىك تالاش - تارتىشقا يولۇققاندا مەنمۇ كېلىشتۈرۈشكە قاتناشسام بولىدۇ».

ئاغۇ يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزاسى دۇڭ فەنكې مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيىتى كۆپەيدى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ زىددىيەت - ماجىرالارمۇ كۆپەيدى، قانۇن مۇلازىمىتىگە بولغان ئېھتىياجمۇ كۆپەيدى، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈچلىرى ۋە خەلق مۇرەسسەچىلىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيى ئالدىغىچە بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا قانۇن بىلىملىرى ۋە قانۇن مۇلازىمىتىگە ئېرىشىشىگە قولايلىق ياراتتى.

«سەن نېمانداق ئۆزۈڭنى سورىمايسەن، ساڭا سېسىق پۇرىمىغان بىلەن ماڭا سېسىق پۇرايدىكەن.» «بۇنىڭ نەرى سېسىق، بۇرۇنقى ھاجەتخانىنىمۇ سېسىق دېمەيتىڭغۇ.» بۇ يىل 8 - ئايدا، كەنت ئاھالىلىرى ھويلىسىغا گەندە كۆلچىكى ياسىدى. بىر كەنت ئاھالىسى ھەمىشە گەندە كۆلچىكىنىڭ قاپقىقىنى يېپىشنى ئۇنتۇپ قالاتتى، پۇرىقى قوشنىسىغا پۇراپ، ئىككى ئائىلە ئوتتۇرىسىدا ماجىرا يۈزبەردى، ئۇلار «قانۇنچىللىق كىچىك ھويلىسى»غا كېلىپ دېيىشمەكچى بولدى. «ھەممىمىز يۇرتداش، قوشنىلار ئارا ئىناق ئۆتۈش گۈزەل ئەخلاق، كىچىككىنە ئىشنى دەپ قېيىدىشىپ يۈرمەڭلار.» ئىسمائىلنىڭ كېلىشتۈرۈشى بىلەن ئىككىيلەن قول ئېلىشىپ ئەپلىشىپ قالدى.

بۇ يېزىنىڭ يۇقارقى مەھەللە كەنتىدىكى «قانۇنچىللىق كىچىك ھويلىسى» كەنت كادىرى، قانۇندىن خەۋىرى بار مۇنىرە روزىنىڭ ئائىلىسىگە قۇرۇلدى. مۇنىرە چىقىشقاق، سەۋرچان، يەنە كېلىپ قانۇن بىلىملىرىدىن ئازراق خەۋىرى بار ئىدى، كەنتتىكى ئاياللار ئائىلە ماجىراسى ۋە ھېسسىيات قىيىنچىلىقىغا يولۇققاندا، ھەمىشە ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ دەردىنى تۆكۈپ، ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ياخشى كۆرەتتى.

ئالدىنقى مەزگىلدە، كەنت ئاھالىسى گۇ XXنىڭ ئاچىسى توي قىلغاندا، گۇ XX كۆپرەك پۇل قويماقچى بولغاندا، ئېرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، ئىككىسى ئۇرۇشۇپ قالدى، گۇ XX ئاچچىقىدا ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كەتتى. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، گۇ XXنىڭ قېيىنئانىسى مۇنىرەنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭغا ئامال قىلىپ كېلىنىنى نەسىھەت قىلىپ قايتۇرۇپ كېلىشنى ئېيتتى. «جەمئىي ئىككى قېتىم مۇرەسسە قىلىپ، خوتۇنىغا ئېرىنىڭ پۇل تېپىشىنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈردۇق، ئېرىگىمۇ خوتۇنىنىڭ تۇغقاندارچىلىق ھېسسىياتىنى بىلدۈرۈش ئېھتىياجىنى چۈشەندۈردۇق، ئاخىرىدا ئىككىيلەن بىر - بىرىدىن كەچۈرۈم سوراپ، بىللە ئۆيىگە قايتتى» دېدى مۇنىرە.

بەزى زىددىيەت - ماجىرالار قانۇن مەسىلىسىگە چېتىلغاچقا، ھەل قىلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، ئەدلىيە ئورنىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى، كەنت كادىرلىرى، قانۇن ئاقىللىرى، سودىيەلەر، كەنت قانۇن مەسلىھەتچىسى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن مۇرەسسە «سەرخىللار ئۆمىكى» «قانۇنچىللىق كىچىك ھويلىسى»غا «كۈچ قوشتى». ئاغۇ يېزىسىدا توققۇز «قانۇنچىللىق كىچىك ھويلىسى» قۇرۇلغاندىن بۇيان، 130دىن ئارتۇق زىددىيەت - ماجىرانى ھەل قىلدى.

«كۆپچىلىكنىڭ بىلىدىغان قانۇن بىلىملىرى كۆپەيدى، قانۇنغا رىئايە قىلىش ئېڭى كۈچەيدى، ماجىرالارمۇ ئازايدى.» دوستلۇق كەنتىدىكى «قانۇنچىللىق كىچىك ھويلىسى» كەنت ئاھالىسى تۇرسۇنجان يۈسۈپنىڭ ئائىلىسىگە قۇرۇلدى. تۇرسۇنجان ئىلگىرى توققۇز يىل كەنت ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىدا ياردەمچى ساقچى بولغان بولۇپ، چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى مەست بولۇپ ئۇرۇشۇشتىن كېلىپ چىققان ماجىرا تۈرىدىكى ئەھۋاللار بىرقەدەر كۆپ ئىدى، ھازىر بۇنداق ئىشلارنى ناھايىتى ئاز ئاڭلايدىغان بولدۇق».

بۈگۈنكى كۈندە، تۇرسۇنجان خوتۇنى بىلەن بىللە شەھەر رايونىدا ئۆپكە - ھېسىپ سېتىپ، «پۇلغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار»غا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى، ئۇ كەنت ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى تەشۋىق قىلغان ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش بىلىملىرىگە ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلەتتى، ئۆيىگە قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى ئاڭلىغىلى كەلگەن قوشنىلارغا زېرىكمەي چۈشەندۈردى. «كەنتىمىزدە تىجارەت قىلىدىغانلار بىرقەدەر كۆپ، كۆپچىلىك جاپا تارتىپ تاپقان پۇللىرىنى ئالدامچىغا بېرىپ قويسا بولمايدۇ» دېدى تۇرسۇنجان.

«قانۇنچىللىق كىچىك ھويلىسى» ئىشىك ئالدىدىلا بولغاچقا، كەنت ئاھالىلىرى بۇ يەرگە يىغىلىپ پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرەتتى، شۇڭا قانۇنچىللىق تەشۋىقاتى، قانۇن مۇلازىمىتى، خەلق مۇرەسسەسى قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغاندىن باشقا، «قانۇنچىللىق كىچىك ھويلىسى»مۇ خەلق ئەھۋالىنى ئىگىلەيدىغان سورۇنغا ئايلاندى.

تۆۋەن مەھەللە كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يىخاۋ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: كەنتتە نۇرغۇن ياشلار، ئوتتۇرا ياشلىقلار سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتىدۇ، ئۆيدە قالغان ياشانغانلار يەرنى ئوبوروت قىلىش ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن كەنت قۇرغان ھەمكارلىق كوپىراتىپى 200 نەچچە ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ 1200 مو يېرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تېرىدى، بۇ يىل 3 - ئايدا «تۆتنى كېڭىشىش، ئىككىنى ئاشكارىلاش» ئارقىلىق ھەر مو يەرنىڭ باھاسىنى 400 يۈەن قىلىپ بېكىتتۇق.

كېيىن يەنە بەزى كەنت ئاھالىلىرى ئىسمائىل ئائىلىسىنىڭ «قانۇنچىللىق كىچىك ھويلىسى»دا پىكىر ئالماشتۇرغاندا، بۇ يەرنىڭ ئوبوروت ھەققىنىڭ سەل تۆۋەن بولۇپ قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بۇ پىكرىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، بۇ كەنت يەنە بىر قېتىم «تۆتنى كېڭىشىش، ئىككىنى ئاشكارىلاش» ئارقىلىق، ھەر مو يەرنىڭ باھاسىنى 500 يۈەنگە ئۆستۈردى.

ئاتۇش شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ سۈيچۇن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاتۇش شەھىرى ھەرقايسى يېزا - كەنتلەردە «قانۇنچىللىق كىچىك ھويلىسى» قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، دەل جايىدا، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ئۇسۇلى ئارقىلىق يېزىلاردا ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئاخىرقى ئۇچىنى راۋانلاشتۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.