تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

​پەيزاۋات قوغۇنى، پەيزاۋات شىنمېيسى تىزىملىككە كىردى

جۇڭگو يېشىل يېمەكلىك تەرەققىيات مەركىزى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى​

پەيزاۋات قوغۇنى، پەيزاۋات شىنمېيسى تىزىملىككە كىردى

□پەيزاۋات ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن ئالمىرە ياسىن

11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، جۇڭگو يېشىل يېمەكلىك تەرەققىيات مەركىزى ئېلان قىلغان ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ پەيزاۋات قوغۇنى، پەيزاۋات شىنمېي ئىشلەپچىقىرىش بازىسى يېشىل يېمەكلىك خام ئەشياسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلگەن بولۇپ، مەملىكەت بويىچە يېشىل يېمەكلىك خام ئەشياسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

مەملىكەت بويىچە يېشىل يېمەكلىك خام ئەشياسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى يېشىل يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىدىغان جاينىڭ مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلگەن، يېشىل يېمەكلىك تېخنىكا ئۆلچىمى، پۈتۈن جەريانلىق سۈپەت كونترول سىستېمىسى قاتارلىق تەلەپلەر بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ۋە باشقۇرۇشنى يولغا قويغان، بازا باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئورناتقان، تاكامۇللاشتۇرغان ھەم ئۈنۈملۈك يۈرۈشتۈرگەن، بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە بولغان ھەم جۇڭگو يېشىل يېمەكلىك تەرەققىيات مەركىزى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان تېرىقچىلىق رايونى ياكى باقمىچىلىق سورۇنىنى كۆرسىتىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پەيزاۋات ناھىيەسى ئىلمىي ئۆستۈرۈش ۋە پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق، پەيزاۋات قوغۇنى، پەيزاۋات شىنمېيسىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بازارنى ئۈزلۈكسىز ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلىدى. نۆۋەتتە، پەيزاۋات قوغۇنى تېرىلغۇ كۆلىمى مۇقىم ھالدا 250 مىڭ مودىن كۆپرەككە، ھوسۇلى 600 مىڭ توننىدىن كۆپرەككە يەتتى؛ پەيزاۋات شىنمېيسىنى ئۆستۈرۈش كۆلىمى 570 مىڭ مو، مېۋىگە كىرگەن كۆلەم 410 مىڭ مو، شىنمېي ئۆستۈرۈش كۆلىمى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەخمىنەن %50ىنى، ھوسۇلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.

پەيزاۋات ناھىيەسى يېشىل خام ئەشيا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بەرپا قىلىش خىزمەت نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، كۆلەم ئەۋزەللىكى زور، كەسىپ تەرەققىيات ئاساسى ياخشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشى بولغان بازىلارنى تاللاپ بەرپا قىلىش بىرلىكى قىلىپ، تەشكىلىي مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش، تەشۋىق قىلىش ۋە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، ئۆلچەملەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، پەيزاۋات قوغۇنى، پەيزاۋات شىنمېيسىنى ئاساس قىلغان 700 مىڭ مودىن ئارتۇق ئەلا سۈپەتلىك مېۋە بازىسى قۇرۇپ، باغنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى، مەمۇرىي، تېخنىكا جەھەتتىن قوش لىنىيەلىك ھۆددىگە ئېلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، دەرەخ سورتىنى ياخشىلاش، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، مېۋىلىك باغلاردا ئوت - چۆپنى كونترول قىلىش، رېتسىپلىق ئوغۇتلاش قاتارلىق ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىمەھەللە بازىرى، تېرىم بازىرى، مىشا يېزىسى، شاپتۇل بازىرىنى ئاساس قىلغان ئەلا سۈپەتلىك شىنمېي ئىشلەپچىقىرىش بەلبېغىنى شەكىللەندۈرۈپ، غولتوغراق بازىرى، گۈللۈك يېزىسى، ئۆدەكلىك يېزىسى قاتارلىق يېزا - بازارلارنى ئاساس قىلغان ئەلا سۈپەتلىك پەيزاۋات قوغۇنى ئىشلەپچىقىرىش مەركەزلەشكەن رايوننى شەكىللەندۈردى، بۇنىڭ بىلەن «كۆپ يېزىدا بىر كەسىپ، بىرقانچە كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش»تىن ئىبارەت كەسىپ تەرەققىيات ئەندىزىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى.

پەيزاۋات قوغۇنى، پەيزاۋات شىنمېي كەسپى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش، كىچىكلىكتىن زورىيىشتەك تەرەققىيات مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈردى. جۇڭگو مېۋە ئوبوروت جەمئىيىتى جېجياڭ داشۆ جۇڭگو يېزا تەرەققىيات تەتقىقات ئورنى يېزا ئىگىلىك داڭلىق ماركىسى تەتقىقات مەركىزى بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئېلان قىلغان «2024 - يىللىق جۇڭگو مېۋە داڭلىق ماركىسى قىممىتىنى باھالاش دوكلاتى»دا، پەيزاۋات شىنمېيسى 2 مىليارد 945 مىليون يۈەنلىك داڭلىق ماركا قىممىتى بىلەن 2024 - يىللىق جۇڭگو مېۋە رايونى ئاممىۋى داڭلىق ماركا قىممىتى تىزىملىكىگە كىردى، 836.25 نومۇر بىلەن 2024 - يىللىق جۇڭگو مېۋە جۇغراپىيەلىك بەلگىسى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى رايونى ئاممىۋى داڭلىق ماركا شەرەپ تىزىملىكىگە، پەيزاۋات قوغۇنى 827.30 نومۇر بىلەن 2024 - يىللىق جۇڭگو مېۋە جۇغراپىيەلىك بەلگىسى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى رايونى ئاممىۋى داڭلىق ماركا شەرەپ تىزىملىكىگە كىردى. داڭلىق ماركىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، پەيزاۋات ناھىيەسى «پەيزاۋات شىنمېيسى» جۇغراپىيەلىك بەلگىسى ئىسپاتى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش خىزمىتىگە پائال تۈرتكە بولدى ھەم 2020 - يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا رويخەتكە ئالدۇردى، ئارقىدىن «پەيزاۋات شىنمېيسى» جۇغراپىيەلىك بەلگىسى 2023 - يىلى 10 - ئايدا مەملىكەت بويىچە 2 - تۈركۈمدىكى جۇغراپىيەلىك بەلگىدىن پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە نۇقتىلىق ئالاقىلىشىش، يېتەكچىلىك قىلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، پەيزاۋات شىنمېيسىنىڭ داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشىنى پۇختا قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.