نۇسرەت ۋاجىدىن
كۆپ يىللاردىن بۇيان، «شىنجاڭ گېزىتى» باشتىن - ئاخىر پارتىيە تاراتقۇسىغا خاس مەسئۇلىيەت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، شىنجاڭ سەھنە سەنئىتىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، ئۇنىڭدا يەنە مۇزىكا ھاياتىمدىكى ئىللىق خاتىرىلەر بار. «يۇرتۇم» ناملىق سىمفونىك پوئېما، «تىيانشاندىكى ھەسەن - ھۈسەن» «قەشقەر» ناملىق ناخشا - ئۇسسۇل، «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان» ناملىق مۇزىكىلىق تىياتىر، «قۇملۇق قىزى» ناملىق ئۇسسۇللۇق تىياتىر، ناخشا - ئۇسسۇل، شېئىر، سۈرەت شەكلىدىكى «مۇقام تەسىراتلىرى»... يېزىقتىن سىنغىچە، گېزىتتىن يېڭى تاراتقۇ سۇپىسىغىچە، مېنىڭ مۇزىكا ئەسەرلىرىم ۋە ئىجادىيەت ھېكايىلىرىم «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ مول خەۋەر قىلىش شەكلى ئارقىلىق تارقىتىلىپ، سەھنە سەنئىتى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇردى، شۇنداقلا كۆڭۈل قويۇپ ئىجاد قىلغان ئەسەرلىرىمنىڭ سەنئەت قىممىتى ۋە جەمئىيەت قىممىتىنى يەنىمۇ ئىشقا ئاشۇرماقتا.
«شىنجاڭ گېزىتى» بىلەن بولغان ھېكايەم تىلغا ئېلىنسا، بۇ ھەقتە ئىككى قېتىملىق چوڭقۇر ئەسلىمەم بار.
بىرىنچى قېتىم، 2019 - يىلى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، مەن بەختىمگە يارىشا «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ «70 يىل. شىنجاڭ ئىزنالىرى» يۈرۈشلۈك سۆھبىتىدە زىيارەت قىلىندىم، شۇ قېتىم مەن تەسىراتلىرىمنى كەڭ - كۇشادە بايان قىلدىم، شىنجاڭ مۇزىكا ئىشلىرىدىكى 70 يىللىق تەرەققىيات، ئۆزگىرىش، يېڭىلىق يارىتىش، نەتىجىلەرنى ئەسلەپ ئۆتتۈم، مېنىڭ مۇزىكا ھاياتىم دەل مۇشۇ قاينام - تاشقىنلىق يىللاردا قەدەممۇقەدەم جۇغلىنىپ بارلىققا كەلگەن.
ئىككىنچى قېتىم، 2023 - يىلى 1 - ئايدا، ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم ئۇستازىم ۋەن تۇڭشۇ ئەپەندى ئالەمدىن ئۆتتى، «شىنجاڭ گېزىتى» بۇ ھەقتە پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىشنى پىلانلاپ، جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنى جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قالتىس تۆھپە قوشقان بۇ مىللىي مۇزىكانتنى ياد ئەتتى. باھار بايرىمىنىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن زىيارەت قىلىشقا كېلىشتۇق، مۇخبىرلار بىلەن شىنجاڭ سەنئەت ئورنى مۇقام سەنئەت ئۆمىكىدە كۆرۈشتۈم. مەن ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدا ئوقۇتقۇچۇم ۋەن تۇڭشۇنىڭ ئۆيىدىكى ئىسكىرىپكا ئاۋازى، پىيانىنو ئاۋازىغا مەپتۇن بولۇپ قالغانلىقىمنى، ۋەن تۇڭشۇنىڭ چوڭ كىتاب ئىشكاپىدىكى مۇزىكا توغرىسىدىكى كىتابلىرىغا بولغان تەلپۈنۈشۈمنى، ئۇنىڭ ئاشۇ تارغىنە كىتابخانىدا ماڭا مۇزىكا نەزەرىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەتكەنلىكىگە بولغان مىننەتدارلىقىمنى بايان قىلدىم...
دەل توغرا كېلىپ قالغىنى، زىيارەت قىلىنىۋاتقىنىمدا، دۇتار چالىدىغان بىر ئۆسمۈرنىڭ دادىسى بىلەن بىللە مېنى ئىزدەپ كەلگىنى بولدى − بۇ ئۆسمۈر كەسپىي ئۆگىنىش يولىغا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرغان بولۇپ، سەپەرگە ئاتلىنىشتىن ئىلگىرى مېنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشىمنى ئۈمىد قىلغانىدى. مەن ئۇنىڭ كىچىك تۇرۇپلا ئىچ - ئىچىدىن بېرىلىپ مۇزىكا چېلىۋاتقان ھالىتىنى كۆرۈپ، خۇددى 50 نەچچە يىل ئىلگىرىكى ئۆزۈمنى − ھەر كۈنى كوچىدا، ئۆگزىدە ساز چالىدىغان ئۆسمۈرنى كۆرگەندەك بولدۇم، ئەسلىمەم خۇددى ئۆركەشلىگەن دولقۇندەك مەۋج ئۇردى.
شۇ قېتىمقى زىيارەت، سۈرەتكە ئېلىش تەخمىنەن تۆت سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشتى، باشقىلارغا ئوقۇتقۇچۇم ۋەن تۇڭشۇ توغرىسىدىكى ھېكايىنى سۆزلەپ بەرمىگىلى خېلى ئۇزاق بولغانىدى، مەن بىردىنلا ئوقۇتقۇچۇمنىڭ قەلبىمدە كۆپ، تولىمۇ چوڭقۇر ئىزنالارنى قالدۇرغانلىقىنى بايقىدىم.
ئۇزاق ئۆتمەي، «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ باش بېتىنىڭ باش ئىستونىدا «قۇملۇقتىن دېڭىزغىچە − شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنى قۇتقۇزغان، قوغدىغان ۋەن تۇڭشۇ ئەپەندىنى ئەسلەيمىز» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى «مۇزىكا روھى − جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنى قۇتقۇزغان ۋەن تۇڭشۇ ئەپەندىگە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز» ناملىق مەخسۇس تېمىلىق سىننى ئېلان قىلدى، مەن بۇنى كۆرگەندىن كېيىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. چوڭقۇر، جانلىق، تەپسىلىي ۋە ئېنىق - تەسىرلىك بۇ خاتىرە ماڭا بىر خەلق مۇزىكانتىنىڭ مۇنەۋۋەر مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى خەلق مۇزىكىلىرىنى سىستېمىلىق قېزىش ۋە ئۇنىڭغا ئۈنۈملۈك ۋارىسلىق قىلىش بۇرچىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەتتى.
ئومۇمەن ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا يەتكۈزۈلگەن ئەسەرلەر، قەدىمدىن ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن داڭلىق ئەسەرلەر جەزمەن قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىجاد قىلىنغان، يۈرەك قېنى سەرپ قىلىنغان ئەسەرلەردۇر. مەن ئاممىغا يېقىن، تۇرمۇشقا يېقىن تېخىمۇ كۆپ ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق دەۋر ساداسى ۋە خەلقنىڭ قەلب ساداسىنى ياڭرىتىپ، رەڭدار شىنجاڭ، ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان شىنجاڭنى تىرىشىپ تەسۋىرلەپ، يېڭى دەۋردىكى ئەدەبىيات - سەنئەت گۈلزارلىقىغا يارقىن ۋە گۈزەل تۈس قوشىمەن.
(ئاپتور جۇڭگو مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى)