(2024 - يىلى 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى)
رەقەملىك سودا رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، خەلقئارا سودا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى. رەقەملىك سودىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن تۆۋەندىكى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.
بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ
شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارا ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رەقەملىك سودىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاشقى سودا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش، رەقەملىك جۇڭگو، سودا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش.
يېڭىلىق يارىتىشنى مۇھىم مەزمۇن قىلىش، بىخەتەرلىكنى ئاساس قىلىش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سىستېمىلىق تۈزەش، نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالدىن يولغا قويۇش، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە، رەقەملىك سودىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئاساسلىق نىشان: 2029 - يىلىغا بارغاندا، رەقەملەشتۈرۈپ تاپشۇرۇشقا بولىدىغان مۇلازىمەت سودا كۆلىمى مۇقىملىق ئاساسىدا ئاشۇرۇلۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت سودا ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %45تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈلىدۇ؛ رەقەملىك سودا ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، رەقەملىك سودا تەرەققىياتىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزم ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىدۇ، رەقەملىك ساھەنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلۈپ، خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد - سودا قائىدىسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇش ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىدۇ. 2035 - يىلىغا بارغاندا، رەقەملەشتۈرۈپ تاپشۇرۇشقا بولىدىغان مۇلازىمەت سودا كۆلىمىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت سودا ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %50تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈلىدۇ؛ تەرتىپلىك، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك رەقەملىك سودىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلىپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىدۇ.
ئىككىنچى، رەقەملىك سودىنىڭ ئىنچىكە ئايرىلغان ساھەلىرى ۋە تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىلىدۇ
(1) رەقەملىك مەھسۇلات سودىسى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ. رەقەملىك ئەمەلىي قوللىنىش ھالىتى ۋە ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش كۈچەيتىلىپ، رەقەملىك مەزمۇن ئىشلەش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، چېگرا ھالقىغان رەقەملىك تاپشۇرۇش يوللىرى يېتىلدۈرۈلۈپ ۋە كېڭەيتىلىپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچى ئاشۇرۇلىدۇ.
(2) رەقەملىك مۇلازىمەت سودىسى سىجىل ئەلالاشتۇرۇلىدۇ. رەقەملىك پۇل مۇئامىلە، تور مائارىپى، يىراقتىن داۋالاش، رەقەملەشتۈرۈپ تاپشۇرۇلىدىغان كەسپىي مۇلازىمەت قاتارلىق رەقەملىك مۇلازىمەت سودىسىنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، داڭلىق ماركا ۋە ئۆلچەم تەسىر كۈچى ئاشۇرۇلىدۇ. بۇلۇتتا سىرتقا ھۆددىگە بېرىش، سۇپىدا بۆلۈنمە ھۆددىگە بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتنى سىرتقا ھۆددىگە بېرىش يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسى تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، مۇلازىمەتنى سىرتقا ھۆددىگە بېرىشكە تۈرتكە بولۇنۇپ، رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش تېزلىتىلىدۇ.
(3) رەقەملىك تېخنىكا سودىسى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ. ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا يېڭىلىق يارىتىش كۈچەيتىلىپ، خەۋەرلىشىش، نەرسە تورى، بۇلۇت ھېسابلاش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رايون - بۆلەك زەنجىرى، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش قاتارلىق ساھەلەردىكى تاشقى سودا تېز تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ.
(4) رەقەملىك زاكازلىق سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇنىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، تىجارەتچى، يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت سودىگىرى قاتارلىق تۈرلۈك ئاساسىي گەۋدىلەرنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىشكە ئىلھام بېرىلىپ، داڭلىق ماركا يارىتىش تېزلىتىلىدۇ. چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىپ، «چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا + كەسىپ بەلبېغى»نىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىلىدۇ. رەقەملىك ساھەدىكى ئىچكى - تاشقى سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئالغا سىلجىتىلىدۇ.
(5) رەقەملىك سودا تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرى يېتىلدۈرۈلىدۇ ۋە زورايتىلىدۇ. بىرقەدەر كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە تەسىر كۈچكە ئىگە بىر تۈركۈم رەقەملىك سودا باشلامچى كارخانىلىرى يېتىلدۈرۈلىدۇ. سىرتقا يۈزلىنىش دەرىجىسى يۇقىرى، ئۆزگىچە رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى رەقەملىك سودا كارخانىلىرى پائال يېتىلدۈرۈلىدۇ. چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ماس تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ئېكولوگىيە بەرپا قىلىنىپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە رەقەملىك كەسىپلەر توپى بەرپا قىلىنىدۇ. رەقەملىك سۇپا كارخانىلىرىنىڭ تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىغا مەدەت بېرىلىپ، تەرەققىياتنى يېتەكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىش، خەلقئارا رىقابەتتىكى ئىجابىي رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ.
ئۈچىنچى، رەقەملىك سودىنى تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش ئالغا سىلجىتىلىدۇ
(6) رەقەملىك ساھەنىڭ بازار ئىجازىتى كەڭ قويۇۋېتىلىدۇ. ئىجازەتتىن بۇرۇنقى پۇقراۋى مۇئامىلە بىلەن پاسسىپ تىزىملىك بىرلەشتۈرۈلگەن باشقۇرۇش ئەندىزىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تېلېگراف، ئالاقە تورى، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئېچىۋېتىشنى تەرتىپلىك كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولۇنۇپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ رەقەملىك ساھەگە مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ. بازار ئىجازىتى توسۇقى چوڭقۇر بۇزۇپ تاشلىنىپ، رەقەملىك سودا ساھەسىدىكى چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ چېگرا ئىچىدە مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىشىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ.
(7) سانلىق مەلۇماتلارنىڭ چېگرا ھالقىپ يۆتكىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ ۋە قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. سانلىق مەلۇماتلارنىڭ چېگرادىن چىقىش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، ئالاقىدار مېخانىزم، تەرتىپلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ چېگرادىن چىقىش بىخەتەرلىكىنى باھالاش قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ ۋە تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلىدۇ. مۇھىم سانلىق مەلۇمات ۋە شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولاي، بىخەتەر بولغان سانلىق مەلۇمات چېگرا ھالقىپ يۆتكىلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىنىپ، سانلىق مەلۇماتنىڭ چېگرا ھالقىپ تەرتىپلىك يۆتكىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
(8) رەقەملىك سودىنى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش سۇپىسى بەرپا قىلىنىدۇ. رەقەملىك مۇلازىمەت ئېكسپورت سۇپىسى ۋاسىتىسى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇلۇپ، رەقەملىك سودا توپلىنىش رايونى بەرپا قىلىنىدۇ. خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇلۇپ، رەقەملىك ساھەدىكى تۈرلۈك ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىنى شارائىتى بار رەقەملىك مۇلازىمەت ئېكسپورت سۇپىسى ۋاسىتىسى، ئەركىن سودا سىناق رايونى ۋە ئەركىن سودا پورتىدا ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش ۋە بېسىم سىنىقىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىلىدۇ. جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى، جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسى، يەرشارىۋى رەقەملىك سودا كۆرگەزمىسى قاتارلىق سۇپىلارنىڭ رولى ياخشى جارى قىلدۇرۇلۇپ، رەقەملىك سودا ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش ئالغا سىلجىتىلىدۇ.
تۆتىنچى، رەقەملىك سودىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ
(9) رەقەملىك سودا خەلقئارا قائىدىسىنى تۈزۈشكە پائال قاتنىشىدۇ. دۇنيا سودا تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك ۋە رايون رەقەملىك سودىسىغا ئالاقىدار قائىدىلەرنى تۈزۈشكە پائال قاتنىشىپ، ئوچۇق، ئادىل، ھەققانىي بولغان، كەمسىتىش بولمىغان رەقەملىك تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىلىدۇ. «رەقەملىك ئىقتىساد ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» (DEPA) ۋە «ئومۇميۈزلۈك ۋە تەرەققىي قىلغان تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» (CPTPP)گە قاتنىشىش مۇساپىسى پائال ئالغا سىلجىتىلىدۇ. ئىقتىسادنى رەقەملەشتۈرۈشكە ئۇيغۇنلاشقان خەلقئارا باج قائىدىسىنى تۈزۈشكە قاتنىشىپ، باج پايدا تەقسىماتى تېخىمۇ مۇۋاپىق بولغان، باج يۈكى تېخىمۇ ئادىل بولغان رەقەملىك سودىغا ئالاقىدار باج تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارا سودا قانۇنى كومىتېتى، خەلقئارا بىرلىككە كەلگەن خۇسۇسىي قانۇن جەمئىيىتى ۋە گائاگا خەلقئارا خۇسۇسىي قانۇن يىغىنىنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد - سودا قائىدىسى سۆھبىتىگە قاتنىشىدۇ.
(10) رەقەملىك سودا خەلقئارا ھەمكارلىقى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. رەقەملىك ساھە خەلقئارا ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات، چېگرا ھالقىغان راسچوت، كۆچمە چىقىم قاتارلىق ساھەلەردىكى خەلقئارا ھەمكارلىق كۈچەيتىلىپ، رەقەملىك ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر قاتارلىقلار بىلەن بولغان رەقەملىك سودا ھەمكارلىقى كۈچەيتىلىدۇ.
(11) رەقەملىك ئىشەنچ سىستېمىسى بەرپا قىلىش تېزلىتىلىدۇ. رەقەملىك سودا ئىسپات بېرىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، رەقەملىك ئىشەنچ ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلارنى ئېچىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىي قوللىنىش، كېڭەيتىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، رەقەملىك ئىشەنچ ئېكولوگىيەسى يېتىلدۈرۈلىدۇ. رەقەملىك گۇۋاھنامە، ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قاتارلىقلارنى خەلقئارادا ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشقا تۈرتكە بولۇنىدۇ. سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى، سانلىق مەلۇمات مۈلكى، رەقەملىك ئىناۋەت قاتارلىق 3 - تەرەپ مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلقئارالاشقان تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.
(12) رەقەملىك ساھە بىخەتەرلىكى بويىچە ئىدارە قىلىش كۈچەيتىلىدۇ. مەنئى قىلىنىدىغان، چەكلىنىدىغان ئىمپورت - ئېكسپورت تېخنىكا مۇندەرىجىسى ئەلالاشتۇرۇلىدۇ ۋە تەڭشىلىدۇ. يەرشارىۋى رەقەملىك تېخنىكا، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئوچۇق، بىخەتەر، مۇقىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇنىدۇ. تۈرلۈك كەسپىي سوت مەھكىمىسى، سوت كوللېگىيەسىنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، رەقەملىك ساھە خەلقئارا سودا ئىشلىرىدىكى تالاش - تارتىشلارنى ھەل قىلىدىغان مېخانىزمنىڭ كۆپخىللاشقان تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇنىدۇ.
بەشىنچى، تەشكىلىي كاپالەت كۈچەيتىلىدۇ
(13) تەشكىلىي رەھبەرلىك كۈچەيتىلىدۇ. پارتىيەنىڭ رەقەملىك سودا خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلىدۇ ۋە كۈچەيتىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، بۇ پىكىرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئالاقىدار تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەقەملىك سودا تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. سودا مىنىستىرلىقى باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك سودىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، رەقەملىك سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاقىدار يۈرۈشلۈك ھۆججەتلەرنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك.
(14) قانۇن - نىزام ۋە ئۆلچەم تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ. رەقەملىك سودا ساھەسىگە ئالاقىدار قانۇن چىقىرىش ئالغا سىلجىتىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى قانۇنچىللىق بىلەن چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق بىرتۇتاش پىلانلىنىپ ئالغا سىلجىتىلىدۇ. شارائىتى بار جايلارنىڭ رەقەملىك سودا بويىچە يەرلىك نىزام چىقىرىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. رەقەملىك سودىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش تېخنىكا تەشكىلىي قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، رەقەملىك سودا ساھەسى بويىچە ئۆلچەم بېكىتىش، ئۆزگەرتىش تېزلىتىلىدۇ.
(15) ئىستاتىستىكا سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. رەقەملىك سودا ئىستاتىستىكىسىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، رەقەملىك سودا ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتى دەل ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىدۇ. ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلار، نۇقتىلىق دۆلەتلەر ھەم تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن ئىستاتىستىكا جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇشقا مەدەت بېرىلىدۇ. جۇڭگونىڭ رەقەملىك سودا تەرەققىيات دوكلاتى ۋە ئالاقىدار كۆرسەتكۈچلەر تۈزۈپ ئېلان قىلىنىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ.
(16) كۆپ يول ئارقىلىق قوللاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش كۈچەيتىلىدۇ. رەقەملىك تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى قوللاش كۈچەيتىلىپ، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش ھەم باشقا ساھەلەر بىلەن بولغان يۇغۇرما ئىجادىي تەرەققىيات ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. مۇلازىمەت سودىسىنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش فوندىنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، جەمئىيەت كاپىتالى رەقەملىك سودا ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلىنىدۇ.
(17) بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش كۈچەيتىلىدۇ. سانلىق مەلۇمات بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قائىدىسى تەتقىق قىلىنىدۇ ۋە بەرپا قىلىنىدۇ. مەنبە كودى، ھېسابلاش ئۇسۇلى، مەخپىيەتلىكى ئاشۇرۇلغان شىفىرلىق ئاچقۇچ، سودا مەخپىيىتى ھەمدە باشقا خاس ئۇچۇرلارغا قارىتا قانۇن جەھەتتىن قوغداش كۈچەيتىلىدۇ. رەقەملىك مەھسۇلاتلارنى پەرقلەندۈرۈشكە تېز تۈرتكە بولۇنىدۇ. رەقەملىك سودا ساھەسىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئاممىۋى مۇلازىمىتى كۈچەيتىلىدۇ. رەقەملىك سودىغا ئالاقىدار تاۋار ماركىسىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋە قوغداش كۈچەيتىلىدۇ. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى مەملىكەت سىرتىدا قوغداش ۋە تالاش - تارتىشلارنى ھەل قىلىش يوللىرى كېڭەيتىلىدۇ.
(18) ئىختىساسلىقلار ئەقلىي كۈچ تىرىكى كۈچەيتىلىدۇ. رەقەملىك سودىغا ئالاقىدار تەربىيەلەش كۈچەيتىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ كەسپىي ساپاسى ئۆستۈرۈلىدۇ. رەقەملىك سودا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئالاقىدار نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت تەتقىقاتى كۈچەيتىلىدۇ. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رەقەملىك سودىغا ئالاقىدار پەنلەرنى تەسىس قىلىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ. رەقەملىك سودا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، يېڭىلىق يارىتىدىغان سەرخىل ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كۈچەيتىلىپ، مەكتەپ بىلەن كارخانا، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنىڭ ھەمكارلىقى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، كارخانىلارنىڭ كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىشىگە مەدەت بېرىلىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى)