شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11-ئاينىڭ 28-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى يەنشيا، جاڭ چيەنچيەن خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ 11-ئاينىڭ 28-كۈنى دۆلەت پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، مالىيە مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىلىرى، دۆلەت ئورمانچىلىق-ئوتلاق ئىدارىسى يېقىندا بىرلىشىپ «يېزا ئىگىلىكى سۇغۇرتىسى بويىچە دەل جايىدا سۇغۇرتىلاش، تۆلەم بېرىشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى سۇغۇرتىسى بويىچە سۇغۇرتىلاش، تۆلەم بېرىش، ئېلىشقا تېگىشلىك سۇغۇرتا ھەققىنى باشقۇرۇش، سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەت تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈردى.
ئۇقتۇرۇشتا سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ ھۆددە ئېلىش ئۇچۇرلىرىنى دەل جايىدا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىنىپ، كوللېكتىپ تۈردىكى كەسىپ ۋە كۆلەملىك تىجارەت سۇبيېكتى تۈرىدىكى كەسىپلەرگە قارىتا ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەكشۈرۈش ئۆلچىمى تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇقتۇرۇشتا تۆلەم بېرىش مېخانىزمى ۋە ئۆلچىمى بىرلا ۋاقىتتا مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا، ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق تارماقلىرىنىڭ مۇھىم سۇغۇرتا ئۆلچىمىنىڭ زىيىنىنى باھالاپ بېكىتىش تېخنىكىسىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ۋاقتىدا يېڭىلاپ، زىياننى بېكىتىشنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچىلىكلىكىنى ئۆستۈرۈش تەلەپ قىلىندى.
ئۇقتۇرۇشتا تۆلەم بېرىش مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش تەلەپ قىلىنىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىكى سۇغۇرتىسى بويىچە ئالدىن تۆلەم تۆلەش مېخانىزمى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىلدى، سۇغۇرتا شىركەتلىرى ئالدىن تۆلەم بېرىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېلىشقا تېگىشلىك سۇغۇرتا ھەققىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىش تەلەپ قىلىنىپ، شارائىتى بار ئۆلكىلەرنىڭ ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرىنىڭ سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك شۆبە شىركەتلىرى بىلەن بولغان راسچوت ئەندىزىسىگە تۈرتكە بولۇشىغا ئىلھام بېرىلدى.
سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى كۈچەيتىش جەھەتتە، ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ھەرقايسى جايلاردىكى مالىيە، يېزا ئىگىلىكى-يېزا، ئورمانچىلىق-ئوتلاق، سۇغۇرتا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلار سانلىق مەلۇماتلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، يەر ھۆددە ئېلىش ۋە ئوبوروت قىلىش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كارانتىن قىلىش قاتارلىق سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشى كېرەك. بازار تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش جەھەتتە، ئۇقتۇرۇشتا سۇغۇرتا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ھەرقايسى قاتلام، دەرىجىدىكى سۇغۇرتا شىركەتلىرىنى ئۇنىۋېرسال باھالاپ، سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئۇقتۇرۇشتا يەنە ھەرقايسى جايلارنىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، مالىيە، يېزا ئىگىلىكى-يېزا، ئورمانچىلىق-ئوتلاق تارماقلىرىنىڭ چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى كېڭىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى مۇنداق بىلدۈردى: ئۇقتۇرۇش يېزا ئىگىلىكى سۇغۇرتىسىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېزا ئىگىلىكى سۇغۇرتىسى بويىچە سۇغۇرتىلاش، تۆلەم بېرىشنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى سۇغۇرتىسى بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرىدۇ، بۇ، يېزا ئىگىلىكى سۇغۇرتىسىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.