تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

بۈگۈندىن باشلاپ قاتناش ئەسلىگە كېلىدۇ!

ئالتاي-قۇمقاناس تاشيولىدا قاتناشقا چەك قويۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش

كەڭ ساياھەتچى دوستلار:

ئالدىنقى مەزگىلدە، ئالتاي-قۇمقاناس تاشيولىدا ئۇدا قار يېغىپ يولنى توسۇپ قويدى. نۆۋەتتە، قار تازىلاپ قاتناشقا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىپ، قاتناش شارائىتى ھازىرلاندى، 2024-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى رەسمىي قاتناش باشلىنىدۇ. ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز:

ئالتاي شەھىرىدىن قۇمقاناسقا بارىدىغان يۆنىلىشتە تاق يۆنىلىشلىك يول يۈرۈش ۋە ۋاقىتقا، رايونغا بۆلۈپ يول يۈرۈش ئەندىزىسى قوللىنىلىدۇ. ئاپتوموبىللار شياۋدۇڭگوۋ تەكشۈرۈش پونكىتىدىن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دىن باشلاپ ئۆتسە بولىدۇ، قۇمقاناسقا بارىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئاپتوموبىللىرى سائەت 13تىن كېيىن قاتنىسا بولمايدۇ؛ يېكاشيا دالا قار باغچىسىغا بارىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئاپتوموبىللىرى سائەت 18دىن كېيىن قاتنىسا بولمايدۇ؛ يېكاشيادىن قۇمقاناسقىچە بولغان بۆلەكتە سائەت 15تىن كېيىن ئاپوتوموبىللار قاتنىسا بولمايدۇ.

ئەگەر ناچار ھاۋارايى ۋە تەبىئىي ئاپەت يۈزبەرسە، قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋاقىتلىق يول باشقۇرۇش، كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئالتاي ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىگە قاراشلىق شۆدۇدۇ ئابونىچىلار تېرمىنالى، ئالتاي نۆل ئارىلىق، ئالتاي قاتناش ساقچىلىرى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق ئېلان قىلىدۇ.

يۈرۈش بىخەتەرلىكى جەھەتتە: ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەن ساياھەتچىلەر قىشلىق چاق ئورنىتىلغان، تۆت چاق تەڭ تارتىدىغان دالا ئاپتوموبىلىنى ھەيدىشى، شوپۇرلار بەلگىلىك قار-مۇزلۇق يولدا ھەيدەش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇشى، ئاپتوموبىل ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولۇشىنى ساقلىشى كېرەك. ئالتاي-قۇمقاناس تاشيولىغا كىرىشتىن بۇرۇن ماينى، توكنى لىق قاچىلاپ، ماي (توك مىقدارى) يېتىشمەي مۇساپىگە تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىشى، ئارىلىق ساقلىشى، جىددىي تورمۇزلاشتىن، جىددىي ئايلىنىشتىن، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەشتىن، نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سېلىشتىن ۋە چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئالتاي-قۇمقاناس تاشيولى بويى چېگرا باشقۇرۇش رايونى بولۇپ، بۇ يولدا قاتنايدىغانلار ئالدىن ئالتاي شەھەرلىك مەمۇرىي مۇلازىمەت زالى، لاستى چېگرا ساقچىخانىسى، بۇرچىن ناھىيەلىك مەمۇرىي مۇلازىمەت زالىغا بېرىپ، چېگرا يول خېتى بېجىرىشى ھەم ئالتاي-قۇمقاناس تاشيولىنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزىدىكى تەكشۈرۈش ۋە تىزىملاش خىزمىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىشى كېرەك. ئالتاي-قۇمقاناس تاشيولىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسى سوغۇق، ئومۇمىي مۇساپىسى 209.45 كىلومېتىر كېلىدۇ، كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ قېلىن كىيىم-كېچەك، يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك سۇنى يېتەرلىك تەييارلىۋېلىشىنى سورايمىز.

ئالتاي ۋىلايەتلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى

2024-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى

مەنبەسى: ئالتاي نۆل ئارىلىق

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.