تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

91 خىل يېڭى دورا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى


    دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېڭى نۇسخىدىكى دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسىنى تەڭشەش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىمقى تەڭشەشتە جەمئىي 91 خىل دورا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن بولۇپ، ئۆسمە كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان دورىلار، دىيابېت كېسىلى قاتارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورىلار، ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورىلار، يۇقۇملىنىشقا قارشى دورىلار، جۇڭيى تەييار دورىلىرى، روھىي كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورىلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كىلىنىكىدا ئورنىنى ئالغان ياكى ئۇزاق مەزگىل ئىشلەپچىقىرىلمىغان، تەمىنلەنمىگەن 43 خىل دورا يۆتكەپ چىقىلدى. 
  
    دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۇدا يەتتە يىل داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسىنى تەڭشەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. بۇ قېتىمقى تەڭشەشتىن كېيىن، مۇندەرىجىدىكى دورىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 3159 خىلغا كۆپىيىپ، ئۆسمە، سوزۇلما كېسەللىك، ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر، بالىلارغا ئىشلىتىلىدىغان دورا قاتارلىق ساھەلەرنىڭ كاپالەت سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ. يېڭى نۇسخىدىكى دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسى 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.