تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

قاردىن كېيىن ھاۋا ئېچىلىپ، شياۋخەيزى سۇلۇق يېرىگە ئاق شايى يېپىلدى

   11-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قۇتۇبى ناھىيەسىدە قار ياغدى. 

   قار گۈللىرى ئۇچقۇنداپ، زېمىنغا يېنىك چېچىلىپ، شياۋخەيزى سۇلۇق يېرىنى قار-مۇز سېھرلىك ماكانىغا  ئايلاندۇردى.

   كۆل يۈزىنىڭ بىر قىسمى مۇز تۇتۇپ، «يېرىمى كۆل، يېرىمى ئەينەك» گۈزەل مەنزىرە شەكىللىنىپ، كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى.

   توپ-توپ ياۋا ئۆردەكلەر كۆل يۈزىدە ئەركىن-ئازادە ئوزۇق ئىزدىگەچ ئويناۋاتاتتى، خۇشال سىيمالار جىمجىت سۇلۇق يەرگە ھاياتىي كۈچ ۋە جۇشقۇنلۇق بېغىشلىغانىدى.

   فوتوگراف تاۋ ۋېيمىڭ بۇ گۈزەل مەنزىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ۋە خاتىرىلەشكە مۇيەسسەر بولدى.

«كۆرۈش سېزىمىدىكى شىنجاڭ» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.