تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ: بىر يىل ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئىشلىتىلمىسە، سوزۇلما كېسەل داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتى سالاھىيىتى ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىدە «باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدىكى ئامبۇلاتورىيەدە داۋالانغان ئالاھىدە سوزۇلما كېسەل خىراجىتىنى راسچوت قىلىش كېسەل تۈرى دائىرىسىنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ۋە سىياسەت يەشمىسى ئېلان قىلىندى.

   «ئۇقتۇرۇش»تا ئامبۇلاتورىيەدە داۋالانغان ئالاھىدە سوزۇلما كېسەل خىراجىتىنى راسچوت قىلىش تەرتىپى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلدى. ئامبۇلاتورىيە ئالاھىدە سوزۇلما كېسەل تۈرى تەمىناتىنى بېكىتىش جەھەتتە، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار بەلگىلىمە بويىچە سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرىش ئاپپاراتى ياكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرىش ئاپپاراتى ھاۋالە قىلغان 2- دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىغا ئامبۇلاتورىيە ئالاھىدە سوزۇلما كېسەل تۈرى تەمىناتىنى بېكىتىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرىدۇ. سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرىش ئاپپاراتلىرى كېسەل تۈرى تەمىناتىنى بېكىتىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار بەلگىلىمە ۋە تەلەپ بويىچە تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى ھەم بېكىتىش نەتىجىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. سوزۇلما كېسەل دەپ بېكىتىلگەن سۇغۇرتىغا قاتناشقانلاردىن بىر يىل ھەم ئۇنىڭدىن ئارتۇق شۇ سوزۇلما كېسەل تۈرى تەمىناتىنى ئىشلىتىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن راسچوت قىلدۇرمىغانلىرىنىڭ شۇ كېسەل تۈرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتى سالاھىيىتى ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار قايتىدىن بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.