11-ئاينىڭ 27-كۈنى، شۇ جايدىكى ئامما نىيە ناھىيەسى خوۋخېبا قۇملۇقىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش رايونىغا جىگدە كۆچىتى تىكمەكتە.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر تاڭ يۇڭ فوتوسى ۋە خەۋىرى) 11-ئاينىڭ 27-كۈنى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان نىيە ناھىيەسى خوۋخېبا قۇملۇقىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش رايونىدا، يەرلىكتىكى 200گە يېقىن ئامما ياتقۇزۇپ بولۇنغان ئوت-چۆپ كاتەكچىسىگە جىگدە كۆچىتى تىكتى، بۇ، نىيە ناھىيەسىنىڭ 46 كىلومېتىرلىق قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، گىرۋەكنى قاشالاش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، گىرۋەكنى قاشالاش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملىگەنلىكى ھېسابلىنىدۇ.
11-ئاينىڭ 27-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار نىيە ناھىيەسى خوۋخېبا قۇملۇقىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش رايونىدا تېمىتىپ سۇغىرىش ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرمەكتە.
11-ئاينىڭ 27-كۈنى، شۇ جايدىكى ئامما نىيە ناھىيەسى خوۋخېبا قۇملۇقىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش رايونىغا جىگدە كۆچىتى تىكمەكتە.
11-ئاينىڭ 27-كۈنى، ماشىنا-ئۈسكۈنىلەر نىيە ناھىيەسى خوۋخېبا قۇملۇقىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش رايونىدا قۇم بارخانلىرىنى تۈزلىمەكتە.
11-ئاينىڭ 27-كۈنى، نىيە ناھىيەسىنىڭ خوۋخېبا قۇملۇقىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش رايونىدا، قۇياش ئېنېرگىيەلىك يورۇقلۇق ۋولت سۇ پومپىسىنى توك بىلەن تەمىنلىدى.
11-ئاينىڭ 27-كۈنى، تۆمۈريول كۆۋرۈكى بويىنىڭ نىيەدىن كېرىيەگىچە بولغان لىنىيەگە شۇ جايدىكى ئامما دەسسىگىلى بولىدىغان ئوت-چۆپ كاتەكچىسى قۇم توسۇقى ياتقۇزماقتا.
نىيە ناھىيەسى خوۋخېبا قۇملۇقىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش رايونىغا ياتقۇزۇلغان ئوت-چۆپ كاتەكچىسى قۇم توسۇقى(11-ئاينىڭ 27-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
نىيە ناھىيەسىدىكى قۇملۇقنىڭ چېتىدىكى ئورمان، ئوتلاق، سۇلۇق يەر يوق بوش قالغان رايوننىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 46 كىلومېتىر كېلىدۇ، شۇ جاي «بىيولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش + قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل قۇم تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇردى. نۆۋەتتە نىيە ناھىيەسى گىرۋەكنى قاشالاش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى، گىرۋەكنى قاشالاش قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئەتراپتىكى ئاممىغا ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىمۇ ياخشىلىنىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى