تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

نۇرغا ئىشىنەمسىز؟

14 مىڭ 500 پارچە بەش تەرەپلىك قۇياش ئەينىكىنىڭ

 ھەربىر پارچىسىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 48 كىۋادرات مېتىر بولۇپ

 خۇددى غايەت زور ئاپتاپپەرەس گۈل بەرگىسىگىلا ئوخشايدۇ

خۇددى مەركەزداش چەمبەردەك ھەيۋەتلىك مەركىزىي ئىسسىقلىق سۈمۈرۈش مۇنارىنى زىچ چۆرىدەپ تۇرىدۇ

بۇ «ئاپتاپپەرەس»لەر قۇياش ئوربىتىسىغا ئەگىشىپ ئايلىنىپ

 پارلاق قۇياش نۇرىنى ئىسسىقلىق سۈمۈرۈش مۇنارىنىڭ چوققىسىغا دەل جايىدا قايتۇرىدۇ

بۇنىڭدىن قۇدرەتلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ھاسىل بولىدۇ

بۇ جاي

 قومۇل شەھىرى ئاراتۆرۈك ناھىيەسى نوم بازىرىغا جايلاشقان جۇڭگو ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى قومۇل 50 مېگاۋاتلىق رۇڭيەن مۇنارى ئىسسىقلىق ئېلېكتىر ئىستانسىسىدۇر

ئۇ بىر قۇرۇلۇش مۆجىزىسى بولۇپلا قالماي

تېخىمۇ مۇھىمى ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتتىن پايدىلىنىش

 تەبىئەت بىلەن ئىناق بىللە ئۆتۈشنىڭ جانلىق كارتىنىسىدۇر

فوتوگراف ۋۇ جىڭ ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە كۆرۈش بۇلۇڭى ئارقىلىق

بۇ «چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى»نىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل يۆگىمە رەسىمىنى

كۆپ نۇقتىدىن سۈرەتكە تارتتى


بۇ مەنزىرە كىشىلەرنى ھۇزۇرلاندۇرۇپلا قالماي

يەنە «نۇر»غا يوشۇرۇنغان چەكسىز كۈچ-قۇدرەتكە چوڭقۇر ئىشەندۈرىدۇ

«كۆرۈش سەزگۈسىدىكى شىنجاڭ (视觉新疆)» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.