11-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2024-يىللىق بوۋاقلار ۋە بالىلار كىيىم-كېچەكلىرى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ فورمىسى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى.
ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق لاياقەتسىز مەھسۇلات ساتقان ئورۇندىن بىرى، لاياقەتسىز مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان ئورۇندىن تۆتى بايقالدى. ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاقسۇ جىنچياۋ تاللا بازىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، كورلا شەھەرلىك جيېيا كىيىم-كېچەك زاۋۇتى، شىنجاڭ ياپېي مۇچىڭ كىيىم-كېچەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ يىماۋ توقۇلما بۇيۇملارنى ياساش چەكلىك شىركىتى، جىمىسار ناھىيەسى جياشۈەن سودا چەكلىك شىركىتىدىن ئىبارەت.
سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى تەمىنلىگەن
ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا، نەق مەيداندا 15 سېتىش ئورنىدىن بوۋاقلار ۋە بالىلار كىيىم كېچەكلىرىدىن 30 تۈركۈم قېتىم مەھسۇلات ئەۋرىشكە ئېلىنغان، ساتقۇچى ئورۇنلار ئاپتونوم رايوندىكى 10 ۋىلايەت، ئوبلاستقا، كۆرسىتىلگەن ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ھەرقايسى جايلاردىكى 17 ئىشلەپچىقىرىش ئورنىغا چېتىلغان. نەق مەيداندا 46 ئىشلەپچىقىرىش ئورنىدىن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ فورمىسىدىن 100 تۈركۈم قېتىم ئەۋرىشكە ئېلىنغان، ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى قاپلىغان.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى