مەنبە: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى
ئەسقەر ھەسەن نەق مەيداندا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ قۇتقۇزۇش جەريانىدىكى كەچۈرمىشىنى ھەمبەھرىلىمەكتە.
سۈرەت/تارىم نېفىتلىكى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى
11-ئاينىڭ 27-كۈنى، جۇڭگو قىزىل كىرېست باش جەمئىيىتى شاڭخەيدە 2024-يىللىق «ئەڭ گۈزەل قۇتقۇزۇش خادىملىرىنى ئىزدەش» پائالىيىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 2024-يىللىق «ئون چوڭ ئەڭ گۈزەل قۇتقۇزۇش خادىمى»نىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭدىن كەلگەن ئەسقەر ھەسەن تاللاندى.
ئەسقەر ھەسەن تارىم نېفىتلىكى يىڭمەي نېفىت-تەبىئىي گاز ئېلىشنى باشقۇرۇش رايونىنىڭ خىزمەتچىسى. 2023-يىلى باھار بايرىمىدا، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ خەينەن ئۆلكىسى سەنيا شەھىرىدە دەم ئېلىۋاتقان مەزگىلدە، يەردە 20 مىنۇتقا يېقىن يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىپ يۈرەك سوقۇشى توختاپ قالغان بىر قىزغا يۈرەك، ئۆپكىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۆزى ئىگىلىگەن جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ، قىزنىڭ نەپەسلىنىشى ۋە يۈرەك سوقۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەسلىگە كەلتۈرگەن، شۇنداقلا كېيىنكى كەسپىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرگەن.
ئەسقەر ھەربىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئىزچىل خىزمەتداشلىرىنىڭ نەزەرىدىكى «تىرىك لېي فېڭ»، شۇنداقلا دوستلىرىنىڭ نەزەرىدىكى قىزغىن ئادەم. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايونلۇق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى»، ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق «ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش نەمۇنىچىسى»، ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ 2023-يىللىق «ئەڭ گۈزەل قۇتقۇزۇش خادىمى» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن.
جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتى دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، دۆلەت رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ ئۇدا ئۈچ نۆۋەتلىك «ئەڭ گۈزەل قۇتقۇزۇش خادىملىرىنى ئىزدەش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، ئۆزئارا قۇتقۇزۇشتىكى تىپىك شەخسلەرنى تاللاپ تۇرغۇزۇپ، تەسىرلىك ئىش ئىزلارنى تەشۋىق قىلىپ، تونۇشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇشتىن ئىبارەت. پائالىيەتتە نامزاتلارنىڭ كەڭ دائىرىلىكلىكىگە، ئىش ئىزلىرىنىڭ تەسىرىگە، تىپلارنىڭ ئۈلگىلىك بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىلىپ، خەتەرلىك پەيتتە ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇۋاتقان قۇتقۇزۇش خادىملىرىغا ئېھتىرام بىلدۈرۈلدى، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتتە ياردەم قولىنى سۇنىدىغان جىددىي قۇتقۇزۇش قەھرىمانلىرىغا ئايلىنىشى ئۈمىد قىلىندى.
بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان 2024-يىللىق «ئون چوڭ ئەڭ گۈزەل قۇتقۇزۇش خادىمى» ئەسقەر ھەسەن ۋە دۇڭ گودۇەن، جياڭ جيارۇڭ، لى جيازې، شېن جۈن، جاۋ ۋېي ۋە لى خەيشيا، جۇڭ شياۋئەن، جىن چېن قاتارلىق مېترو قۇتقۇزغۇچىلار توپى، لۈ جىخۇي قاتارلىق يېزا-كەنت قۇتقۇزغۇچىلار توپى، پەن شيۇڭ قاتارلىق ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى قۇتقۇزغۇچىلار توپى، شياڭچيۇ ۋېڭمۇ قاتارلىق تېببىي پەن ئوقۇغۇچىلىرى قۇتقۇزغۇچىلار توپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مەنبە: جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتى، تارىم نېفىتلىكى، ئانار بۇلۇت تېرمىنالى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى