□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ
11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئىلەڭگۈچ مۇسابىقىسى تۈرى نەق مەيدانىدا، 71 ياشلىق تىرېنېر لى يۈەنچاۋ 40 نەچچە ياشلىق تەنھەرىكەتچىلەرنى باشلاپ مۇسابىقە مەيدانىغا كىرگەندە، تاماشىبىنلار ئانچە چوڭ ئۈمىد كۈتمىگەنىدى. لېكىن، پېشقەدەم ماھىرلارنىڭ قېتىم - قېتىملاپ ئېگىز ئۇچۇشىغا ئەگىشىپ، قوڭغۇراققا تېگىش قېتىم سانى تەدرىجىي كۆپەيگەندە، پۈتۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلار قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى.
ئىلەڭگۈچ ئادەتتە «ئىلەڭگۈچ ئۇچۇش» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، 2006 - يىلى 1 - تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. بۇ تۈرنىڭ مۇسابىقە مەيدانى تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىللىك توپىلىق يەر ياكى چىملىق بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقى دەرىجىسىگە ئاساسەن ئېگىزلىكى بويىچە مۇسابىقىلىشىش ۋە قوڭغۇراققا تەگكۈزۈش بويىچە مۇسابىقىلىشىش دەپ ئايرىلىدۇ، تەنھەرىكەتچىلەر ئىلەڭگۈچ جازىسىدا سىناپ ئۇچقاندا، ئىمكانقەدەر ئاز ئۇچۇش قېتىم سانى ئارقىلىق ئازايتىپ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان باشقا تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ يەتكەن ئېگىزلىكىگە ياكى قوڭغۇراققا تېگىش قېتىم سانىغا يېتىشى كېرەك.
ئىلەڭگۈچ بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى 18 مۇسابىقە تۈرى ئىچىدە پەقەت ئايال ماھىرلارلا قاتنىشىدىغان بىردىنبىر مۇسابىقە. بۇ، لى يۈەنچاۋنىڭ مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە 6 - قېتىم قاتنىشىشى، ئۇ بۇ قېتىم باشلاپ كەلگەن تۆت تەنھەرىكەتچى ئايرىم - ئايرىم قازاق مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ئۆزبېك مىللىتىدىن بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ كەسپى پېنسىيەگە چىققان تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى، مەدەنىيەت سارىيىنىڭ خىزمەتچىسى، كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىسى ھەم ئوقۇتقۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، بۇ يىل 8 - ئايدا، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا شىنجاڭ قەشقەر، ئالتاي، سانجىدىن قومۇلغا جەم بولۇپ، يىغىلىپ مەشىقلەندى.
«پېشقەدەم تىرېنېر پېشقەدەم تەنھەرىكەتچىلەرنى باشلاپ كەلگەندە، بىزگە ھېچكىمنىڭ ئىشەنچىسى يوقتەك ھېس قىلغانىدۇق.» باقىتگۈل جۇمان كۈلۈپ تۇرۇپ چاقچاق قىلدى. تۆت نەپەر تەنھەرىكەتچىنىڭ ئۈچى 40 نەچچە ياشتا بولۇپ، بۇنى تەنھەرىكەتچىلەر ساھەسىدە مۇتلەق «ئاسار - ئەتىقە دەرىجىلىك» دېيىشكە بولىدۇ.
لى يۈەنچاۋ ئەسلىدە يېنىك ئاتلېتىكا ئۆگەنگەن بولۇپ، ئەينى يىلى ئىلەڭگۈچ تىرېنېرى كەمچىل بولغاچقا كەسىپ ئۆزگەرتكەن. بۈگۈنكى كۈندە گەرچە پېنسىيەگە چىققان بولسىمۇ، يەنىلا شىنجاڭنىڭ ئىلەڭگۈچ تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولماقتا. «بۇ مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىم.» 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، گەرچە تەنھەرىكەتچىلەرگە ھەمراھ بولۇپ بىر كۈن مۇسابىقىگە قاتناشقان بولسىمۇ، لېكىن لى يۈەنچاۋدا قىلچىلىك ھارغىنلىقنى كۆرگىلى بولمايتتى.
«ئۇلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭراق ئىكەنلىكىگە قارىماڭ، جىسمانىي كۈچ جەھەتتە ياش تەنھەرىكەتچىلەرگە يەتمىسىمۇ، بىراق ناھايىتى ياخشى ماسلىشالايدۇ، بۇ نومۇر قوشۇلىدىغان تۈر.» لى يۈەنچاۋ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشقان ئەڭ كىچىك تەنھەرىكەتچى 24 ياش، ئۈچ پېشقەدەم ماھىر يېڭى ئەترەت ئەزاسىنى باشلاپ مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇسابىقىنى تونۇشتۇردى، بۇ، پېشقەدەملەر يېڭىلارنى يېتەكلەيدىغان بىر خىل ئەنئەنە».
باقىتگۈل 2007 - يىلى تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندا، كوماندا ئەزاسى ھۆرنىسا ساۋۇر بىلەن ھەمكارلاشقان، ئىككىسى ئەينى چاغدا 1 - بولۇشتەك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن. «مەن تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تۆت نۆۋەت قاتناشتىم، ئۇ يەتتە نۆۋەت قاتناشتى، ئىككى قېتىم 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتۇق. جىسمانىي كۈچ جەھەتتە بەسلىشىش چوقۇملا بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىز، بىراق بىز بىر - بىرىمىزنىڭ كۈچەش ئادىتىمىز ۋە قېتىم سانىمىزنى ناھايىتى ئېنىق بىلىمىز.» باقىتگۈل مۇنداق دېدى: مۇسابىقە مەيدانىدا، ئەڭ مۇھىمى پىسخىكىلىك ساپا.
ھەر قېتىم مەيداندا كۈتۈپ تۇرغاندا، ئۈچ پېشقەدەم ماھىر ھەمىشە باشقا كوماندىلارنىڭ كوماندا ئەزالىرى بىلەن ئىچقويۇن - تاشقويۇن بولۇپ كېتىدۇ. «نۇرغۇن كوماندىلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ ئىلەڭگۈچ تۈرىنىڭ تېخنىكا ۋە سەۋىيە جەھەتتە ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، شۇڭا پىكىر ئالماشتۇرغىلى كېلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ، تەنھەرىكەتچىلىرىمىزمۇ ناھايىتى قىزغىن، كۆپچىلىك ناھايىتى تېزلا ياخشى دوستلاردىن بولۇپ كەتتى» دېدى لى يۈەنچاۋ.
تاماشىبىنلارنى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدۈرگەن ئاشۇ مەيدان 55 كىلوگىرام (ئۇنىڭدىن يۇقىرى)دەرىجىلىكلەر قوش كىشىلىك قوڭغۇراققا تېگىش مۇسابىقىسىدە، باقىتگۈل بىلەن ھۆرنىسا ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈپ ماھىر سۈپىتىدە مەيدانغا چىقتى. «پەرىزىمچە ئۇلار ئەڭ كۆپ بولغاندا 40 قېتىم قوڭغۇراققا تەگكۈزەلەيدۇ...» ئىككىيلەننىڭ يېشىنى بىلگەندىن كېيىن، تاماشىبىنلار پەس ئاۋازدا مۇنازىرە قىلىشتى.
مۇسابىقە باشلاش بۇيرۇقىنىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، چوڭ ئېكراندا دەرھال بەش مىنۇتلۇق تەتۈر ساناق باشلاندى... ئىككىيلەن تېز سۈرئەتتە كۈچەپ، ئىككى پۇتىدا رىتىملىق تېپىپ، بەدەنلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەرىكەتلەندۈرۈپ، سۈرئەتنى بارغانسېرى تېزلەتتى، ئارقا - ئارقىدىن ياڭرىغان قوڭغۇراققا تەگكەن ئاۋاز بارغانسېرى كۆپ تاماشىبىننى جەلپ قىلدى.
قوڭغۇراققا تېگىش قېتىم سانى 40 قا يەتكەندە، تاماشىبىنلار سۇپىسىنى بىردىنلا ئالقىش ساداسى قاپلىدى؛ قوڭغۇراققا تېگىش قېتىم سانى 60قا يەتكەندە، تاماشىبىنلارنىڭ ھەيرانلىق ئاۋازى تۇرۇپ كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇپ پەسىيىپ، كەيپىيات بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى؛ قوڭغۇراققا تېگىش قېتىم سانى 80دىن ئاشقاندا، نەق مەيدان كەيپىياتقا خۇددى ئوت يېقىلغاندەك بولدى، تاماشىبىنلار بەس - بەستە ئورنىدىن تۇرۇپ، گۈلدۈراس تەنتەنە ساداسى ۋە ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى. «شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى بەك ياخشى بولدى» دېدى لياۋنىڭدىن كەلگەن تاماشىبىن يۈ جىڭجىڭ.
ئاخىرىدا، باقىتگۈل بىلەن ھۆرنىسا 85 قېتىم قوڭغۇراققا تېگىشتەك نەتىجە بىلەن، شۇ كۈندىكى مۇسابىقىدە 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
كەسكىن مۇسابىقە نەق مەيدانىدا، لى يۈەنچاۋ تەنھەرىكەتچىلەرگە ئەڭ يېقىن ئىلەڭگۈچ يېنىدا تۇرۇپ، تەمكىنلىك بىلەن ئىككى قولىنى كەينىگە قىلىپ تۇراتتى، بېشى ئىلەڭگۈچكە ئەگىشىپ ھەرىكەتلىنەتتى... 85 - قېتىم قوڭغۇراققا تەگكەندە، ئۇ تەبەسسۇم قىلغىنىچە يەنىلا ئىلەڭگۈچتە ئۆزىگە قاراپ تۇرغان تەنھەرىكەتچىلەرگە قاراپ بېشىنى يېنىك لىڭشىتىپ، ئاندىن بۇرۇلۇپ مەيداندىن چىقىپ كەتتى.
«كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىدە، 2000 - يىللاردا تۇغۇلغان قىز مەيدانغا چۈشىدۇ، كەلگۈسىدە، شىنجاڭنىڭ ئىلەڭگۈچ تەنھەرىكىتى بۇ يېڭى كۈچلەرگە تايىنىدۇ» دېدى لى يۈەنچاۋ.