شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەننىڭ دۆلەت نېفىت - تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنىگىچە، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 2 - لىنىيەسى، 3 - لىنىيەسىنىڭ باش پونكىتى بولغان قورغاس گاز قىسىش پونكىتى جەمئىي يەتكۈزگەن ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گازى 500 مىليارد كۇب مېتىردىن ئېشىپ، تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان دۆلەت ئىچى تەبىئىي گاز بازىرى ئېھتىياجىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىگەن.
قورغاس گاز قىسىش پونكىتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گازىنى جۇڭگوغا كىرگۈزۈشتىكى تۇنجى پونكىت، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 2 - لىنىيەسى، 3 - لىنىيەسىنىڭ ئورتاق «باشلامچى پونكىت»ى ۋە پۈتۈن لىنىيە بويىچە يۈرۈشتۈرۈشتىكى «يۈرىكى» ۋە «ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بۆلۈمچىسى». بۇ پونكىت ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلتۈرۈلگەن دۆلەت ھالقىغان تەبىئىي گاز ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى كۆمۈردىن ئېلىنغان گازنى قوبۇل قىلىش، ئۆلچەش، بېسىم ئاشۇرۇش ۋە سىرتقا يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، 2009 - يىلى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، قورغاس گاز قىسىش پونكىتىنىڭ جەمئىي بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈش ۋاقتى 5000 كۈندىن ئېشىپ، جەمئىي يەتكۈزگەن ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گازى 500 مىليارد كۇب مېتىردىن، جەمئىي يەتكۈزگەن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى كۆمۈردىن ئېلىنغان گاز 22 مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىردىن ئاشتى.
پاكىز ئېنېرگىيەنى ئورنىغا دەسسىتىش ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان مۇھىت قوغداش ئۈنۈمىدىن قارىغاندا، 522 مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گازنى سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا 696 مىليون توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، 764 مىليون توننا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى، 25 مىليون توننا گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىدى، 379 مىليون توننا چاڭ - توزان ھەم 6 مىليون 270 مىڭ توننا ئازوت ئوكسىدىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئازايتتى، ئۇنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش ئۈنۈمى 2 مىليارد 373 مىليون گېكتار كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمان بەرپا قىلغانغا باراۋەر بولۇپ، مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش، دۆلىتىمىز ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى.
قورغاس گاز قىسىش پونكىتىنىڭ تەبىئىي گاز كومپرېسسور گۇرۇپپىسى ئومۇمىي قۇۋۋىتى 240 مېگاۋاتتىن ئاشىدۇ، يەككە پونكىت گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى ئاسىيا بويىچە باش ئورۇندا تۇرىدۇ، يۈرۈشۈۋاتقان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ بېسىمى 12 مېگا پاسكالغا يېتىدۇ، سېكۇنتىغا 2000 كۇب مېتىردىن ئارتۇق تەبىئىي گازغا قۇۋۋەت قوشالايدۇ، كۈندىلىك ئەڭ يۇقىرى گاز يەتكۈزۈش مىقدارى 160 مىليون كۇب مېتىردىن ئاشىدۇ. پونكىت - مەيدان خىزمەتچىلىرى يىل بويى بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ، گاز قىسىش پونكىتىنىڭ ئۈسكۈنە - ئەسلىھەلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاسراپ، تەبىئىي گاز كومپرېسسور گۇرۇپپىسى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئاسراش - قوغداشنى يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق پارامېتىر ۋە ئاچقۇچلۇق ئۈسكۈنىلەرنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، بۇلۇت سۇپىسى ساۋمياۋ قىلىش شەكلىدىكى لازېر نۇرلۇق مېتان تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى، چارلاپ تەكشۈرۈش ماشىنا ئادىمى، ئىشلەپچىقىرىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەھلىل قىلىش قاتارلىق تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 2 - لىنىيەسى، 3 - لىنىيەسىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر كۈنى 100 مىليون كۇب مېتىردىن ئارتۇق تەبىئىي گازنىڭ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بىخەتەر، مۇقىم يەتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
قورغاس گاز قىسىش پونكىتى يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى تەبىئىي گاز پونكىت - مەيدانلىرىدىكى يېقىلغۇ ئارقىلىق قوزغىتىلىدىغان كومپرېسسور گۇرۇپپىسىنىڭ ئېشىنچا ئىسسىقلىقىدىن توك چىقىرىش تۈرىنى قۇرۇپ چىقىپ، چوڭ تىپتىكى گاز يەتكۈزۈش مەيدان - پونكىتلىرىدىكى يېقىلغۇ ئارقىلىق قوزغىتىلىدىغان كومپرېسسور گۇرۇپپىسىنىڭ بىۋاسىتە بۇلغىما قويۇپ بەرمەسلىك نىشانىنى تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 65 مىليون كىلوۋات سائەتتىن ئارتۇق توك چىقىرىپ، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشنى «قورغاس لايىھەسى» بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ پونكىت يەنە 15 مىليون كىلوۋات سائەت يېشىل توك سېتىۋېلىپ، دۆلەت تۇرۇبا تورى گۇرۇھى غەربىي قىسىم تۇرۇبا يولى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تۇنجى «يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىستېمال ئىسپاتى»غا ئېرىشتى.
ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى غەربتە تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان چېگراسىدىن باشلىنىپ، ئۆزبېكىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە قازاقىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىنى كېسىپ ئۆتۈپ، جۇڭگو شىنجاڭ قورغاس پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگۈزۈلۈپ، قورغاس گاز قىسىش پونكىتى ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 2 - لىنىيەسى، 3 - لىنىيەسى تۇرۇبا يولى بىلەن تۇتىشىدۇ، بۇ، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى قۇرۇقلۇق يولىدىن كىرگۈزۈلگەن تەبىئىي گاز دۆلەت ھالقىغان ئېنېرگىيە يولى ھېسابلىنىدۇ.