تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نېمە ئۈچۈن جۇڭگو، چېگرا رايونلار بولغانلىقى ئۈچۈن

− مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى چېگرا رايون ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ۋېي جيەننى زىيارەت

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جيا چۇنشيا

«نېمە ئۈچۈن جۇڭگو، چېگرا رايونلار بولغانلىقى ئۈچۈن. غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى، ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى، بېيتىڭ قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى قاتارلىق ئارخېئولوگىيەلىك ئىزلار تارىختىكى مەركىزىي سۇلالىلەرنىڭ شىنجاڭ رايونىنى باشقۇرغانلىقىغا گۇۋاھ بولماقتا؛ گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى تاڭچاۋدۇن قەدىمىي شەھىرىدىكى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ھويلا، تاڭ سۇلالىسىدىن خۇيخۇ ۋە يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولغان بۇددا ئىبادەتخانىسى، نېستورىيان دىنى ئىبادەتخانىسى ۋە قۇچۇ خۇيخۇلىرىدىن يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولغان رىمچە ئاممىۋى مۇنچا قاتارلىقلارنىڭ بايقىلىشى ئەينى چاغدىكى جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ گۈللەنگەنلىكىنى نامايان قىلىپ بەردى.» 11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە تەرەققىياتى: جۇڭگونىڭ تارىختىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتلىرىنىڭ شىنجاڭ رايونىنى ئىدارە قىلىشى» بويىچە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى چېگرا رايون ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ۋېي جيەننىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا ئارخېئولوگىيە نۇقتىسىدىن نەزەر» دېگەن ئاساسىي مەقسەت سۆزى مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغىدى.

مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ۋېي جيەن ئۆزىنىڭ شىنجاڭ ئارخېئولوگىيەسى بىلەن 30 يىلغا يېقىن شۇغۇللانغانلىقىنى ئېيتتى. 1995 - يىلى، ئەينى چاغدا ئىچكى موڭغۇل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان ئۇ تۇنجى قېتىم كورلىغا كېلىپ، كىروراننى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىلمىي يىغىنىغا قاتناشقان. ئىككى يىلدىن كېيىن، ئۇ غەربىي شىمال داشۆسىنىڭ باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش تۈرىگە قاتناشقان. 2013 - يىلى ۋە 2014 - يىلى، ئۇ كوللېكتىپنى باشلاپ شىنجاڭدىكى كەسىپداشلار بىلەن بىللە، ئالتاي، ئىلىدا ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ۋە قېزىش ئېلىپ بارغان. «بۇ يىللاردا، شىنجاڭدىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشتا ئىنتايىن مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، مەسىلەن، خەن، تاڭ سۇلالىلىرىنىڭ ھەربىي، مەمۇرىي قۇرۇلمىسى سىستېمىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتە تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يارقىن نۇقتىلار نامايان بولۇپ، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ غەربىي يۇرتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرغانلىقى ۋە ئىدارە قىلغانلىقىنى دەلىللىدى» دېدى ئۇ.

2018 - يىلىدىن ھازىرغىچە، ۋېي جيەن كوللېكتىپنى باشلاپ شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىدىكى كەسىپداشلار بىلەن بىرلىكتە، گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى تاڭچاۋدۇن قەدىمىي شەھىرىدە ئۇدا يەتتە يىل ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشنى قانات يايدۇردى. تاڭچاۋدۇن قەدىمىي شەھىرىنىڭ شەھەر ئورنىنىڭ شەكلى، تۈزۈلۈشى، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە يىل تەرتىپىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئېنىقلاش ئاساسىدا، ئارخېئولوگلار تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قۇچۇ خۇيخۇ دەۋرىدىن غەربىي لياۋ ۋە يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولغان تۈرلۈك خارابىلىكلەرنى ئېنىقلاپ چىقىپ، زور مىقداردىكى ساپال بۇيۇملار، فارفۇر بۇيۇملار ۋە ئوخشاش بولمىغان دەۋر ئۇسلۇبىدىكى تام رەسىملىرى قاتارلىق ئەمەلىي بۇيۇم مىراسلىرىنى قېزىپ چىقتى.

«بۇ يىل بىز ئاساسلىقى شەھەر ئورنىنىڭ مەركىزىدىكى بۇددا ئىبادەتخانىسى ئەتراپىدىكى خارابىلىكلەرنى ئېنىقلاپ، فوسىشەن دەرۋازىسى، يان ساراي ھەم يان ئۆي قاتارلىق ئىمارەتلەرنى بايقاپ، بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنىڭ جايلىشىش قۇرۇلمىسى ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردۇق.» ۋېي جيەن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن باشقا يەنە شەھەر ئورنىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ھەم شەرقىي قىسمىدىكى ئۈچ جايدا ئۆي ئورنى بايقالدى، ئۆي ئورنىنى قېزىش بىزنى شەھەر ئىچىدىكى ھەرقايسى رايونلارنىڭ فۇنكسىيەسىدىكى پەرقىگە قارىتا تېخىمۇ ئېنىق تونۇشقا ئىگە قىلدى، شۇنداقلا شەھەر ئورنىنىڭ جايلىشىش قۇرۇلمىسى ۋە مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى مۇھاكىمە قىلىشىمىزنى يېڭى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىدى.

«تاڭچاۋدۇن قەدىمىي شەھىرى خارابىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە تاڭ سۇلالىسىدىن يۈەن سۇلالىسىگىچە بولغان مەزگىلدە كۆپ مىللەتنىڭ يۇغۇرۇلغانلىقى، كۆپ خىل دىننىڭ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقى، كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ سىڭىشكەنلىكىدەك تارىخىي پاكىتنى دەلىللىدى، تېخىمۇ مۇھىمى يىپەك يولىدىكى شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى، كۆپ مىللەت يۇغۇرۇلغان بۈيۈك بىرلىك ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىيات مۇساپىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش ھەمدە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنىڭ شەكىللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىش جەريانى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى جانلىق ھەم پۇختا ئەمەلىي بۇيۇم، ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى» دېدى ۋېي جيەن.

قانداق قىلىپ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تارىخ بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش ۋېي جيەن ئىزچىل ئويلىنىپ كېلىۋاتقان مەسىلە. «جۇڭگو ئارخېئولوگىيە ئىلمى 100 يىللىق تەرەققىياتنى كۈتۈۋېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرى ئارخېئولوگىيەنىڭ ئەمەلىي بۇيۇم، ماتېرىيال تەتقىقاتىنى ۋاسىتە قىلىشتەك ئارتۇقچىلىقىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي بۇيۇم ئارقىلىق ئادەمنى تەتقىق قىلىپ، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چۈشىنىپ، تارىخشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ يېڭى يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت تىرىكى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك» دېدى ۋېي جيەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.