شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ساھەسىدە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ۋەزىيىتى نامايان بولۇپ، تور سودا سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.3 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە توردا پارچە سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.2 ئاشقان. توردا پارچە سېتىش سوممىسى ئىچىدە، ئەمەلىي بۇيۇم تىپىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى ۋە مۇلازىمەت تىپىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.2 ۋە %18.1 ئاشقان.
ئەمەلىي بۇيۇم تىپىدىكى مەھسۇلاتلارنى توردا پارچە سېتىش جەھەتتە، يېمەكلىك - ساغلاملىق بۇيۇملىرى، ئۈنچە - مەرۋايىت، زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى ۋە 3C رەقەملىك مەھسۇلاتلار قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئىپادىسى گەۋدىلىك بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى 24 مىليارد 960 مىليون يۈەن، 4 مىليارد 80 مىليون يۈەن ۋە 2 مىليارد 230 مىليون يۈەن بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە يېمەكلىك - ساغلاملىق بۇيۇملىرى كەسپىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، %64.1كە يەتتى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇلازىمەت تىپىدىكى مەھسۇلاتلارنى توردا پارچە سېتىشتىمۇ كۈچلۈك ئېشىش ۋەزىيىتى نامايان بولدى. توردىكى يېمەك - ئىچمەك، توردىكى ساياھەت ۋە تۇرمۇش مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسىپلەر مۇلازىمەت تىپىدىكى مەھسۇلاتلارنى توردا پارچە سېتىش بويىچە سەرخىللارغا ئايلىنىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم %58.8، %21.3 ۋە %12.2 بولدى. بۇ كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى ئىستېمالچىلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە شىنجاڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ رەقەملىشىپ تىپىنى ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە پائال ئاۋاز قوشۇپ، يېزىلارنىڭ زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېشىشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشىدىن نەپ ئالغاچقا، شىنجاڭنىڭ يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى كۈچلۈك قۇۋۋەت قويۇپ بەردى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى توردا پارچە سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19 ئاشقان، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.3 ئاشقان.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، شىنجاڭنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودىسىدا ئالدىنقى ئون ئايدىمۇ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق توردا پارچە سېتىش سوممىسى 6 مىليارد 150 مىليون يۈەن، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق توردا پارچە سېتىش مىقدارى 148 مىليون پارچە، بىۋاسىتە كۆرسىتىش 84 مىڭ مەيدان قېتىم بولۇپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرگەن ئادەم سانى 1 مىليارد 140 مىليون قېتىمغا يەتتى. بۇ سانلىق مەلۇمات شىنجاڭنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ جانلىنىش دەرىجىسىنى نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە ئىستېمالچىلارنىڭ شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى ياقتۇرىدىغانلىقى ۋە ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.