تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سىلانېتس مېيىدىن ئىبارەت بۇ «قاتتىق قىيىنچىلىق»نى يېڭىش

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن

11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، شىنجاڭ جىمىسار دۆلەت دەرىجىلىك قۇرۇقلۇق فاتسىيەلىك سىلانېتس مېيى ئېلىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىن خۇش خەۋەر تارقالدى، بۇ يىل سىلانېتس مېيى ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، دۆلىتىمىزدىكى يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1 مىليون توننىدىن ئاشقان تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك قۇرۇقلۇق فاتسىيەلىك سىلانېتس مېيى ئېلىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بولۇپ قالدى.

سىلانېتس مېيى پەۋقۇلئاددە نېفىت زاپىسى بولۇپ، كاۋاك يوچۇقى بىر تال چاچنىڭ 1/1000 چىلىك چوڭلۇقتا كېلىدۇ، سىڭىپ كىرىش نىسبىتى ئاران 1 - 0.1 مىللىدارسى بولۇپ، بۇ 0.00001 كىۋادرات سانتىمېتىردىن 0.0001 كىۋادرات سانتىمېتىرغا تەڭ، ئۇنى قېزىش ئىنتايىن قىيىن، بۇنى ساھەدىكىلەر بىلەي ئىچىدە «ماي تارتىش» دەپ سۈپەتلەيدۇ، ئۇ نېفىت سانائىتى ساھەسىدىكى «قاتتىق قىيىنچىلىق» ھېسابلىنىدۇ. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ نېفىتلىكى تېخنىكىلىق قىيىن نۇقتىلارنى قەدەممۇقەدەم يېڭىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز مول رايونلارنى دەل جايىدا بۇرغىلاپ تەكشۈرۈپ، سىلانېتس مېيى كەسپىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈردى.

«قاتتىق قىيىنچىلىق»نى يېڭىش

قېزىش ئىنتايىن قىيىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېچىش تەننەرخى يۇقىرى بولغاچقا، ئىلگىرى خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە سىلانېتس مېيى نېفىت زاپىسىنى ئېچىشنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى يوق، دەپ قارالغانىدى.

21 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، يەرشارىۋى نېفىت ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى ۋە ئادەتتىكى نېفىت زاپىسىدىكى نېفىت بايلىقىنىڭ ئازىيىشىنىڭ تەسىرىدە، پەۋقۇلئاددە نېفىت زاپىسىدىكى سىلانېتس مېيى تەدرىجىي دۇنيانىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىردى. «ئەڭ تىپىك بولغىنى ئامېرىكا بولۇپ، سىلانېتس مېيى ئىنقىلابى ئارقىلىق، نېفىت ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتتىن ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتكە ئايلىنىپ، دۇنيانىڭ ئېنېرگىيە خەرىتىسىنى ئۆزگەرتتى» دېدى خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسىنىڭ نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسى تاڭ يۇڭ.

دۆلىتىمىزنىڭ تاشقاتما ئېنېرگىيە ئۈستۈنلۈكىنىڭ ئالاھىدىلىكى − «كۆمۈر مول، نېفىت كەمچىل، تەبىئىي گاز ئاز.» «سىلانېتس مېيى ھازىرقى باسقۇچتا دۆلىتىمىزنىڭ نېفىت بايلىقىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان ئەڭ رېئال تولۇقلىما.» شىنجاڭ نېفىتلىكى جىچىڭ نېفىتلىكى مەشغۇلات رايونىنىڭ تېخنىكا مۇتەخەسسىسى ۋۇ چېڭمېي مۇنداق دېدى: قۇرۇقلۇق فاتسىيەلىك سىلانېتس مېيىنى كۆلەملىك ئېچىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەم دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىق ئۈستۈنلۈكى شارائىتىدىكى مۇقەررەر تاللىشى ھەم ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى «تۈۋرۈكلۈك» رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇقەررەر تاللىشى.

2010 - يىلى، شىنجاڭ نېفىتلىكى سىلانېتس مېيىنى چارلاشنى سىناق قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، جىمىسار ناھىيەسىدە ئورۇنلاشتۇرما قىلغان جى 25 - قۇدۇقتا بېسىم ئارقىلىق يېرىشتىن كېيىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 18.25 توننا نېفىت ئىشلەپچىقىرىلىپ، 22 توننا نېفىت سىناق تەرىقىسىدە ئېلىنىپ، شۇنىڭ بىلەن جىمىسار ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ئىككىلەمچى سىستېمىسىنىڭ لۇساۋگوۋ گۇرۇپپىسىدىكى سىلانېتس مېيى بايقالغان.

ئارقىدىنلا، 2011 - يىلى يەنە بىر قۇدۇق − جى 172 - قۇدۇق قېزىلدى، ھالبۇكى، قۇدۇق قېزىلغاندىن كېيىنكى ئىشلەپچىقىرىش كىشىنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ، كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئاران 1.8 توننا بولدى.

ياكى تىك قۇدۇقنى بۇرغىلىغاندا ماي مول رايوننى بايقاش ئېھتىماللىقى ئاز بولامدۇ؟ شىنجاڭ نېفىتلىكى تەتقىق، تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، جى 172 - قۇدۇقىنى ياندىن بۇرغىلاشنى گورىزونتال قۇدۇق جى 172 − H قۇدۇقىنى بۇرغىلاشقا ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى.

نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش ساھەسىدىكى «مول رايون» دەل نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقى مول توپلاشقان رايوندۇر.

گورىزونتال قۇدۇق «L» شەكلىدە بولۇپ، ئالدى بىلەن بىر بۆلەك تىك قۇدۇق قېزىلىپ، ئاندىن يانتۇ قېزىلىپ، ئارقىدىن توغرىسىغا گورىزونتال كېسىپ ئۆتۈپ، بۇرغا بېشى باشتىن - ئاخىر توغرىسىغا تېشىپ ئۆتۈپ، نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقى مول توپلانغان رايوندىن ئىبارەت بۇ «ئالتۇن نىشان»نى دەل جايىدا پەرقلەندۈرىدۇ.

قۇدۇق ئۆزگەرتىلىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە جى 172 − H قۇدۇقىدا چوڭ ھەجىمدە بېسىم ئارقىلىق يېرىش سىنىقى يولغا قويۇلۇپ، 16 مىڭ 31 كۇب مېتىر سۇ، 1798 كۇب مېتىر كىۋارتىس قۇم قۇيۇلۇپ، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى «تۈمەن كۇب سۇيۇقلۇق، مىڭ كۇب قۇم» قۇيۇلغان بېسىم ئارقىلىق يېرىش ھۈنەر - سەنئەت قۇدۇقىغا ئايلاندۇرۇلدى.

سىلانېتس مېيىنىڭ ئۆزىنىڭ يېرىقتا ھاسىل بولۇشى ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بېسىم ئارقىلىق يېرىشتىكى مەقسەت سۈنئىي يېرىق ھاسىل قىلىپ، ساقلىنىشىنى ئۆزگەرتىپ، تېخىمۇ كۆپ يېرىق شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈندۇر.

بېسىم ئارقىلىق يېرىشنى يولغا قويغاندا، ئالدى بىلەن سۇ ئاساسىي سۇيۇقلۇقى قۇيۇلۇپ، سىلانېتس مېيىنىڭ ئېقىش يولى ئېچىلىدۇ، ئاندىن كىۋارتىس قۇم قۇيۇلۇپ، يول تىرەككە ئىگە قىلىنىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز يەر يۈزىگە ئېقىپ بارىدىغان «يۇقىرى سۈرئەتلىك يول» ياسىلىدۇ.

2012 - يىلى قۇدۇق قېزىلىپ، 4.0 مىللىمېتىرلىق ماي ئېغىزى ئارقىلىق سىناق قىلىنىپ، ئۇدا 14 كۈن سۇيۇقلۇق قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، جى 172 − H قۇدۇقىدا سانائەت نېفىتى ئېقىمى كۆرۈندى، بىر يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 24.5 توننا نېفىت ئىشلەپچىقىرىلدى، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا كۈنىگە ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت 69.46 توننىغا يېتىپ، جۇڭگودىكى سانائەت قىممىتىگە ئىگە تۇنجى سىلانېتس مېيى قۇدۇقى بولۇپ قالدى.

بۇ، شىنجاڭ نېفىتلىكىنىڭ سىلانېتس مېيىنى ئېچىش ئىشەنچنى زور دەرىجىدە چىڭىتتى.

يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بولغان ئىزدىنىش

2013 - يىلى ۋە 2014 - يىلى شىنجاڭ نېفىتلىكى يەنە ئون قۇدۇقنى باشلامچى سىناق قۇدۇقى قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

«ئويلىمىغان يەردىن، بۇ ئون قۇدۇقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تەسەۋۋۇردىكىدەك بولمىدى.» شىنجاڭ نېفىتلىكى جىچىڭ نېفىتلىكى مەشغۇلات رايونى گېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چېن يىۋېي مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مەغلۇبىيەتتىن كېيىن، سىلانېتس مېيىنى ئېچىشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈردۇق، يېنىكلىك بىلەن سىناشقا جۈرئەت قىلالمىدۇق.

2017 - يىلى شىنجاڭ نېفىتلىكى غەيرەتكە كېلىپ يەنە سىناق قىلىپ، جى23، جى25تىن ئىبارەت ئىككى گورىزونتال قۇدۇقنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. يۇقىرى مەھسۇلاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئېچىش - مەبلەغ سېلىشتا بۇرغىلاش بىلەن بىللە يېتەكلەش قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلار قوللىنىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېسىم ئارقىلىق يېرىشمۇ كۆپەيتىلدى.

ئاخىرىدا بۇ ئىككى قۇدۇقتىن يۇقىرى مەھسۇلات ئېلىنىپ، شىنجاڭ نېفىتلىكىنىڭ سىلانېتس مېيىنى ئېچىش ئىشەنچى قايتا تۇرغۇزۇلدى.

2018 - يىلى، شىنجاڭ نېفىتلىكى يەنە 58 - نومۇرلۇق سۇپىدا سەككىز قۇدۇقنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، سۇپا قۇدۇق گۇرۇپپىسى تەشكىللىدى. «بۇ خىل قۇدۇق ئورۇنلاشتۇرۇش ئەندىزىسى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ماي مول رايونغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.» شىنجاڭ نېفىتلىكى جىچىڭ نېفىتلىكى مەشغۇلات رايونى ھۈنەر - سەنئەت تەتقىقات مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لۇ لىنماۋ مۇنداق دېدى: سەككىز قۇدۇقنىڭ گورىزونتال بۆلىكى ئۈچ قاتلامغا بۆلۈنۈپ، ئىستېرېئولۇق قۇدۇق تورى شەكىللەندۈرۈلسە، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تېخىمۇ كۆپ ماي مول رايونغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

جىمىساردىكى سىلانېتس مېيىنىڭ كۆمۈلۈش چوڭقۇرلۇقى 3000 مېتىردىن 4000 مېتىرغىچە بولۇپ، ماي قاتلىمىنىڭ ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى پەقەت 1.5 مېتىر كېلىدۇ. 3000 نەچچە مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى يەر قاتلىمىدا، بۇرغا بېشىنىڭ ئوتتۇرىچە 1.5 مېتىر قېلىنلىقتىكى ماي مول رايوندىن تېشىپ ئۆتۈشىنى پۇختا كونترول قىلىپ، بۇرغا بېشىنىڭ بۇ «ئالتۇن نىشان»نى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈشى ھەرگىزمۇ ئاسان ئىش ئەمەس، گەرچە مەشغۇلات بۇرغىلاش بىلەن بىللە يېتەكلەش تېخنىكىسىنىڭ تۈرتكىسىدە ئېلىپ بېرىلسىمۇ، سەللا بىخەستەلىك قىلىنسا، بۇرغا بېشى قېيىپ كېتىپ، ماي مول رايوندىن چەتنەپ كېتىشى مۇمكىن.

«ئالتۇن نىشان»نى بۇرغىلاپ بايقاش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ نېفىتلىكىدىكى گېئولوگىيە خىزمەتچىلىرى جىنىس پارچىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ قۇدۇق ئۇچۇرلىرىنى خاتىرىلەش ئارقىلىق، بۇرغا بېشىنىڭ يۆنىلىشىنى ئازراق تەڭشەپ ھەم مىنېرال تەركىبىنى تەھلىل قىلىپ، بۇرغا بېشىنى باشتىن - ئاخىر ماي مول رايون ئىچىدە مەشغۇلات قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

قۇدۇق بۇرغىلاش جەريانىدا يەر يۈزىگە چىقىرىلغان لايغا يەر يۈزىگە ئېلىپ چىقىلغان جىنىس پارچىلىرى ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، يەر قاتلىمىنىڭ گېئولوگىيەلىك ئۇچۇر شىفىرى خاتىرىلەنگەن.

«ھەر ئىككى مېتىر بۇرغىلىغاندا بىر قېتىم جىنىس پارچىلىرى سۈزۈۋېلىنىدۇ.» شىنجاڭ نېفىتلىكى جىچىڭ نېفىتلىكى مەشغۇلات رايونى گېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ 2 - دەرىجىلىك ئىنژېنېرى يۆ خۇڭشىڭ مۇنداق دېدى: ئادەتتە يالتىراق نۇردا كۆرسىتىلگەن جىنىس پارچىلىرى ماي قاتلىمى ئىچىدە بولىدۇ، ئەگەر تۇز كىسلاتاسى تېمىتىلغاندىن كېيىن جىنىس پارچىلىرىدىن گاز كۆپۈكچىسى چىقسا، جىنىس پارچىلىرىنىڭ كاربونات ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ، بۇ، بۇرغا بېشىنىڭ مەشغۇلات دائىرىسىدىن چەتنەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

ئۇزاق مەزگىللىك ئەمەلىيەت داۋامىدا، جىچىڭ نېفىتلىكى مەشغۇلات رايونىدا ماي مول رايوندىكى بىر خىل ئالاھىدە جىنىس پارچىسى − ئانورتوز بايقالدى، پەقەت ئانورتوز تەكشۈرۈپ چىقىلسىلا، بۇرغا بېشى ئاساسەن ماي مول رايونىدا بولىدۇ.

تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش

ئادەتتە، ئادەتتىكى نېفىت زاپىسىدىكى نېفىت قۇدۇقلىرى قېزىلغاندىن كېيىن، يەر قاتلىمى بېسىم كۈچىنىڭ تەسىرىدە، نۇرغۇن نېفىت قۇدۇقلىرى ئۆزلۈكىدىن ئېتىلىپ چىقىدۇ، سىلانېتس مېيى قۇدۇقلىرىنىڭ ئادەتتە تەبىئىي ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بولمايدۇ، بېسىم ئارقىلىق يېرىپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئاندىن خام نېفىتنى سىقىپ چىقارغىلى بولىدۇ.

جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونى نېفىت شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى جاۋ شيۇڭخۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: سىلانېتس مېيىنى ئېچىش خىراجىتى يۇقىرى، بۇنىڭ سەۋەبى گورىزونتال قۇدۇق قېزىش ۋە ھەجىملىك بېسىم ئارقىلىق يېرىشتا.

يەككە قۇدۇققا مەبلەغ سېلىش تەننەرخى ئىچىدە سىلانېتس مېيى قۇدۇقىنى بۇرغىلاش ۋە ھەجىملىك بېسىم ئارقىلىق يېرىش %90نى ئىگىلەيدۇ.

شىنجاڭ جىمىسار دۆلەت دەرىجىلىك قۇرۇقلۇق فاتسىيەلىك سىلانېتس مېيى ئېلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى شىنجاڭ نېفىتلىكى بىلەن تۇرپان - قومۇل نېفىتلىكى بىرلىشىپ ئاچقان. ئېچىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ نېفىتلىكى جىچىڭ نېفىتلىكى مەشغۇلات رايونى ۋە تۇرپان - قومۇل نېفىتلىكى شەرقىي جۇڭغار نېفىت ئېلىش باشقۇرۇش رايونى يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى قوللىنىش بىلەن بىللە، يەنە قۇدۇق بۇرغىلاش سۈرئىتىنى تېزلىتىش، بېسىم ئارقىلىق يېرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى قۇدۇقنى تېز ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق سىلانېتس مېيىنى ئېچىشتا تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭ نېفىتلىكى جىچىڭ نېفىتلىكى مەشغۇلات رايونىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان «ئالتۇن نىشان»نى بۇرغىلاپ بايقاش نىسبىتى %43.4تىن %87.2كە كۆتۈرۈلگەن، ئوتتۇرىچە قۇدۇق بۇرغىلاشنى تاماملاش مۇددىتى 91 كۈندىن 32.6 كۈنگە قىسقارغان.

قۇدۇق بۇرغىلاش سۈرئىتىنى تېزلىتىش جەھەتتە، ئەڭ تىپىك بولغىنى بۇ يىل 7 - ئايدا بۇرغىلاش تاماملانغان جى 81 − 32 قۇدۇقى. بۇ قۇدۇقنىڭ تىك قۇدۇق بۆلىكى 3900 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا، گورىزونتال بۆلىكى 1500 مېتىر بولۇپ، بۇرغىلاشنى تاماملاش مۇددىتى پەقەت 16.8 كۈن بولدى. «بۇنداق تېز بۇرغىلاش سۈرئىتىنى ئون يىل ئىلگىرى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى.» چېن يىۋېي مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن قۇدۇق بۇرغىلاش شىركىتىنى كىرگۈزۈپ، ئوخشاش سۇپىدا رىقابەتلەشتۈرۈپ، قۇدۇق بۇرغىلاشنى تاماملاش مۇددىتىدە ئۈزلۈكسىز رېكورتنى يېڭىلىدۇق.

58 - نومۇرلۇق سۇپا شىنجاڭ نېفىتلىكى جىچىڭ نېفىتلىكى مەشغۇلات رايونىدىكى زاۋۇتلاشقان قۇدۇق بۇرغىلاشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى بولۇپ، بۇ سۇپىدا سەككىز قۇدۇق بار. ئادەتتە، قۇدۇق بۇرغىلاش ئەترىتى بىر قۇدۇقنى قېزىپ بولغاندىن كېيىن باشقا جايغا كۆچىدۇ، كۆچۈش مۇددىتى بىر ھەپتىدىن يېرىم ئايغىچە ئوخشاش بولمايدۇ، ھالبۇكى، ئوخشاش بىر سۇپىدا قۇدۇق قازغاندا، بىر قۇدۇق قېزىلىپ بولغاندىن كېيىن سىيرىلما رېلىس ئارقىلىق يەنە بىر قۇدۇققا يۆتكىلىپ داۋاملىق قېزىلىدۇ، بۇنىڭدا كۆچۈش ھاجەتسىز بولۇپ، ھەم يەر ئېلىش تەننەرخى تېجىلىدۇ، ھەم كۆچۈش خىراجىتى ئازىيىدۇ.

ھازىر، رەقەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق جىمىسار سىلانېتس مېيى ئېچىشتا يىراقتىن نازارەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى، بارلىق نېفىت قۇدۇقلىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى، بېسىمى، ئېقىم مىقدارى قاتارلىق پارامېتىرلار مەركىزىي كونترولخانىغا ئەمەلىي ۋاقىتتا يەتكۈزۈلۈپ، سىلانېتس مېيىنى ئادەمسىز ياكى ئاز ئادەم بىلەن ئىشلەپچىقىرىش، باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

دۆلىتىمىزنىڭ سىلانېتس مېيىنىڭ قېزىشقا بولىدىغان زاپىسى دۇنيا بويىچە 3 - ئورۇندا تۇرىدۇ، ئاساسلىقى ئوردۇس، جۇڭغار قاتارلىق بەش چوڭ ئويمانلىق ۋە چايدام، جياڭخەن قاتارلىق سەككىز ئوتتۇرا، كىچىك ئويمانلىققا تارقالغان. تاڭ يۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: جىمىسار سىلانېتس مېيىنى ئېچىشتا شەكىللەندۈرگەن نەزەرىيە، تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش تەجرىبىسى سىلانېتس مېيى كەسپىدە يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.