تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قەشقەر داشۆ 2025-يىلى يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلاردىن 373نى كىرگۈزىدۇ، كونكرېت ئىش ئورنى بۇ يەردە

    11-ئاينىڭ 27-كۈنى، قەشقەر داشۆ ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قەشقەر داشۆ 2025-يىلى يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلاردىن 373نى كىرگۈزىدىكەن، بۈگۈندىن باشلاپ تەكلىپ قىلىنىشنى خالايدىغانلار ئىش ئورنىغا ماس كېلىدىغان شۆيۈەنلەر بىلەن تىزىملىتىش ئىشلىرى توغرىسىدا ئالاقىلاشسا بولىدىكەن.

    قەشقەر داشۆنىڭ بۇ قېتىمقى قوبۇل قىلىش ئۇبيېكتى ئىككى تۈرگە ئايرىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىشتات ئىچىدە ئىختىساسلىقلارنى پۈتۈن ۋەزىپىلىك كىرگۈزۈش: مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنىغا جەمئىي 120 نەپەر خادىم قوبۇل قىلىنىدۇ، كىرگۈزۈش قاتلىمى ئالاھىدە ئىختىساسلىقلار، پەن باشلامچىلىرى، مۇنەۋۋەر پىروفېسسور، ئىلىم تايانچلىرى(كوللېكتىپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە مۇنەۋۋەر ياش ئوقۇتقۇچىلار(دوكتور)؛ مەكتەپ سىرتىدىن ئىختىساسلىقلارنى جانلىق كىرگۈزۈش: مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئوقۇتقۇچى ئىش ئورنىغا جەمئىي 253 نەپەر خادىم قوبۇل قىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى 93 نەپەر، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچى 96 نەپەر، قوشۇمچە دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچى 64 نەپەر.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.