بىز دائىم دەيدىغان «سوغۇقتىن پۇت ئاغرىش» ئەمەلىيەتتە تىز بوغۇمى سۆڭەك خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغى بولۇپ، تىز بوغۇمىدىكى چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ. ئاساسلىق كىلىنىكىلىق ئىپادىسى تىز بوغۇمى ئاغرىش، ئىششىش، شۇنداقلا ھەرىكىتى چەكلىمىگە ئۇچراش بولۇپ، ئاساسلىق پاتولوگىيەلىك ئىپادىسى تىز بوغۇمى كۆمۈرچىكى تالالىشىش، ئۇپراش، سويۇلۇش قاتارلىقلارغا ئەگىشىپ كەلگەن سىيلىق پەردىگە قان تولۇش سۇلۇق ئىششىق ھەم سۆڭەك ئارتۇقچە ئۆسۈپ قېلىش قاتارلىقلار. ھازىر، گەرچە سۆڭەك خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغىنىڭ كۆرۈلۈشىنىڭ پۈتۈنلەي ئالدىنى ئالغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن بەزى تەدبىرلەر ئارقىلىق سۆڭەك خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغىنىڭ كۆرۈلۈشىنى ئازايتقىلى ياكى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ.
«جۇڭگودا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى