تىيانشان تورى−شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ كورلا تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 27-كۈنى، چەرچەن ناھىيەسىنىڭ شياۋۋەندىكى مەلۇم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىسىدا، شىنجاڭنىڭ قۇرۇق چىلىنى تاللىنىپ، پىششىقلىنىپ، ئېغىرلىقى ئۆلچىنىپ، ئوراپ قاچىلىنىپ پېچەتلىنىپ، ئېكسپورت قىلىنىدىغانغا تەييار بولغان. يېقىندا، بۇ شىركەت 2.08 توننا قۇرۇق چىلاننى ئاۋسترالىيەگە ئېكسپورت قىلغان بولۇپ، بۇ، شىنجاڭنىڭ قۇرۇق چىلىنىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاۋسترالىيەگە ئېكىسپورت قىلىنىشى ئىكەن.
«چىلان قاتتىق بولغان سۈپەت تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ھەمدە ئوراپ قاچىلاشتىن ئۆتۈپ، تاموژنىنىڭ ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشىدە لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئاۋسترالىيەگە ئېكسپورت قىلىنىدۇ». بۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش شىركىتىنىڭ مەسئۇلى جياڭ دېجۈن مۇنداق دېدى: بۇ يىل شىركىتىمىز يەنە ياپونىيە، شىۋىتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى بىر قىسىم كارخانىلار بىلەن مۇددىئا توختامى ئىمزالاپ، شىنجاڭ چىلىنىنىڭ مەملىكەت سىرتىدىكى بازىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى.
شىنجاڭ چىلىنىنىڭ ئۆستۈرۈلۈش كۆلىمى، ھوسۇلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى چىلان بازىرىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ، شۇنداقلا دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا بازاردا ناھايىتى ياقتۇرۇشقا ئېرىشكەن. كۆپ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ چىلان كەسپىدە ئىلمىي ئۆستۈرۈش، ئىنچىكە پىششىقلاش، ماركا قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان تىجارەت ئەندىزىسى تەدرىجىي شەكىللىنىپ، خام ماتېرىيال سېتىشتىن مەھسۇلات سېتىش، ماركا سېتىشقىچە بولغان كۆپ مەنبەلىك ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. چاقىلىق چىلىنى، قومۇل چىلىنى ۋە ئاقسۇ چىلىنى قاتارلىقلارنى دۆلەت جۇغراپىيەلىك بەلگە قوغدىلىدىغان مەھسۇلات قىلىش ئارقا-ئارقىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىنىپ ھەم تەستىقلىنىپ، شىنجاڭنىڭ چىلان كەسپىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سېلىندى.
2024-يىلى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مېۋىلىگەن چىلان كۆلىمى 369 مىڭ 300 مو بولۇپ، چىلاننىڭ ئومۇمىي ھوسۇلى (قۇرۇق چىلان)نىڭ 133 مىڭ 300 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.18 ئېشىشى مۆلچەرلەندى. چاقىلىق ناھىيەسى، چەرچەن ناھىيەسى بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى چىلان ئىشلەپچىقىرىش ئەۋزەل رايونى بولۇپ، كۈل رەڭ چىلان ئاساس قىلىنىدۇ. 2023-يىلىدىن ھازىرغىچە، كورلا تاموژنىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنغان چىلان جەمئىي 49.4 توننىغا، مال قىممىتى 120 مىڭ دوللارغا يەتكەن.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى