ما جۈن:
جاڭجياجۇاڭ كەنتىدىكى «ئەسكەر ياچېيكا شۇجىسى»
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر گاڭ لىچياڭ
باش قىش مەزگىلىدە، فۇكاڭ شەھىرىنىڭ چېڭگۇەن بازىرى جاڭجياجۇاڭ كەنتىگە بېرىپ، قاتار ـ قاتار ئاھالىلەر بىناسىنىڭ رەتلىك، پاكىز، كۆركەم ئىكەنلىكىنى، كوچىلارنىڭ تەكشى، تۈپتۈز ئىكەنلىكىنى، كوچا بويلىرى، كۆكەرتىلگەن يەردىكى ھەر خىل دەل ـ دەرەخلەرنىڭ قېنىق تۈسكە كىرىپ، قىپقىزىل، ساپسېرىق يوپۇرماقلىرىنىڭ گىرەلىشىپ رەڭدار رەسىملەردەك گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلىپ، پۈتۈن كەنتنى نۇرلاندۇرغانلىقىنى كۆردۇق. كەنت ئاھالىلىرى مۇنداق دېيىشتى: كەنتنىڭ بۈگۈنكى يېڭى قىياپىتى كەنتتىكى «ئەسكەر ياچېيكا شۇجىسى» − ما جۈننىڭ تۆھپىسىدىن بولدى.
مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش
كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ تەرەققىياتنى كۆزلەش
چېڭگۇەن بازىرى فۇكاڭ شەھىرىنىڭ شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان بولۇپ، پۈتۈن بازاردىكى 22 كەنت ئىچىدە، شەھەر رايونىغا يېقىن بولغان جاڭجياجۇاڭ كەنتىنىڭ ئىلگىرى كىشىنى جەلپ قىلغۇدەك ھېچقانداق يېرى يوق ئىدى. ئۇ چاغلاردا، ئازراق يولى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسى سىرتقا چىقىپ تىرىكچىلىك قىلىشنى ئويلايتتى.
2003 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدا، «مۇنەۋۋەر ئەسكەر» گۇۋاھنامىسىنى قوينىغا سېلىپ، ما جۈن يۇرتىغا قايتىپ تاكسى شوپۇرى بولۇپ، يىلىغا 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى.
يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىدىغان كىشىلەرگە ئېھتىياجلىق ئىدى. 2014 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، چېڭگۇەن بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما جۈننى ئىزدەپ سۆزلەشتى: «كەنتكە قايتىپ كېلىڭ، جاڭجياجۇاڭ كەنتى كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش تۈرىنى ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، تەرەققىيات پۇرسىتى كەلدى!» ئۇنىڭ سۆزلىرى قىزغىن ھەم ئۈمىدكە تولغانىدى.
2015 ـ يىلىنىڭ بېشىدا، ما جۈن جاڭجياجۇاڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا سايلاندى. بۇ چاغدا كەنتتىكى كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش تۈرى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىۋاتقان بولۇپ، چېقىش ـ كۆچۈرۈش تولۇقلىمىسى قاتارلىق ئىشلارغا چېتىلغاچقا، تۈرلۈك مەسىلىلەر ئارقا ـ ئارقىدىن كۆرۈلۈۋاتقانىدى. بۇنىڭغا قارىتا، ما جۈن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نۇقتىسىدىن كۆپرەك ئويلىشىپ، ئامالنىڭ بارىچە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «ئويلىغان يېرىدىن چىقىپ»، تۈر قۇرۇلۇشىنى تەكشى، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتى.
2016 ـ يىلى ئەتىيازدا، جاڭجياجۇاڭ كەنتىنىڭ كونا ئورنىدا قەد كۆتۈرگەن مىڭدۇ لۈيۈەن ئولتۇراق رايونىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى تۇرالغۇ بىنالىرى قەرەلىدە پۈتۈپ، 206 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى خۇشال ھالدا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى.
ما جۈن خىزمەتكە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىش ۋە يۇرتىنى قىزغىن سۆيۈشكە تايىنىپ، پارتىيە تەشكىلاتى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى. 2018 ـ يىلى 8 ـ ئايدا ما جۈن تولۇق ئاۋاز بىلەن جاڭجياجۇاڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلاندى.
شۇنىڭدىن كېيىن، ما جۈن «بىردە ياخشى، ئىككىدە كۈچلۈك بولۇش» ئۆلچىمى بويىچە، يېزىلاردىكى ئىگىلىك باشقۇرۇش قابىللىرى، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ماھىرلىرى، مۇنەۋۋەر ياش پارتىيە ئەزالىرى قاتارلىقلارنى كەنت «ئىككى كومىتېت»ىغا قوبۇل قىلىپ، بەنزىنى كۈچەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدەندى.
كەسىپ يېتىلدۈرۈش
ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش
كونا بىر قەۋەتلىك ئۆيلەردىن يېڭى بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى ياخشىلاندى. كەسىپ تەرەققىياتىنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؟ ما جۈن نەزەرىنى مىڭدۇ لۈيۈەن ئولتۇراق رايونى تۈرىگە يانداپ سېلىنىدىغان سودا بىناسىغا قاراتتى.
ئومۇمىي كۆلىمى 5600 كىۋادرات مېتىرغا يېقىنلىشىدىغان سودا بىناسىنىڭ ئەينى چاغدىكى بازار قىممىتى 30 مىليون يۈەنگە يېقىنلىشاتتى، ھالبۇكى كەنت كوللېكتىپىنىڭ ھېساباتىدا دەل شۇنىڭغا يەتكۈدەك يەر ئېلىش پۇلى بار ئىدى. كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەنت ئاھالىلىرىدىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، ئاخىرىدا «مۈلۈك قالدۇرۇپ، مەبلەغ قالدۇرماسلىق» پىرىنسىپى بويىچە سودا بىناسىنى سېتىۋېلىشنى قارار قىلىپ، سودا ئۇنىۋېرسال بىناسى سېلىپ سىرتقا ئىجارىگە بەردى.
بىنا بولسىلا پۇل تاپقىلى بولىدۇ دېگىلى بولمايتتى، ئەگەر ئىجارىگە بېرەلمىسە، ھەر يىللىق پار پۇل ئۈچۈنلا كەنت 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل چىقىم قىلاتتى، سودىگەر چاقىرىش بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ قالدى.
قوشنا ناھىيە ـ شەھەرلەردىكى سودا بىنالىرىنىڭ سودىگەر چاقىرىش، تىجارەت باشقۇرۇش ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ، يەنە ئۆز كەنتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ما جۈن كەنت «ئىككى كومىتېت»ى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرىنى تەشكىللەپ، قايتا ـ قايتا كېڭىشىپ، جاڭجياجۇاڭ كەنتى سودا بىناسىغا سودىگەر چاقىرىش ئېتىبار تەدبىرلىرىنى تۈزدى. ما جۈن كەنت ئاھالىلىرىنى سودا بىناسىدا دۇكان ئېچىپ ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇردى، ئەمما ئۆزىنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوست ـ بۇرادەرلىرى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بەنزىسى ئەزالىرىنىڭ بۇ يەردە تىجارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلمىدى. «كادىرلار خەلقتىن مەنپەئەت تالاشماسلىقى كېرەك» دېدى ما جۈن.
ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن. ئاشكارا خېرىدار چاقىرىپ ھۆددىگە بېرىش، سىرتقا ئىجارىگە بېرىش، مەبلەغ سېلىپ پاي قوشۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، 2019 ـ يىلىغا بارغاندا، جاڭجياجۇاڭ كەنتى مىڭدۇ لۈيۈەن سودا بىناسىغا جەمئىي 13 سودىگەر ماكانلاشتى، شۇ يىلى كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى كىرىمى 340 مىڭ يۈەن كۆپەيدى. بۇ يىل، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى كىرىمىنى 500 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇشتىن ئۈمىد بار. بۇنىڭ بىلەن جاڭجياجۇاڭ كەنتى شەھەر ئەتراپى تىپىدىكى مۇلازىمەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ياخشى ۋاسىتىگە ئىگە بولدى، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىشتىمۇ پۇختا ئاساسقا ئىگە بولدى.
بۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالمىدى. ھازىر، جاڭجياجۇاڭ كەنتىگە جايلاشقان فۇگاڭ لۈيۈەن سودا بىناسى جىددىي سېلىنىۋاتىدۇ، كېلەر يىلى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ. ما جۈن مۇنداق دېدى: بۇ سودا بىناسىغا كەنت پاي ئىگىلىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپى يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەتراپتىكى كەنتلەرنى بىرلىشىپ تىجارەت قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇنى خاسلىقى روشەن، بازىرى ئاۋات سودا بىناسى قىلىپ بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى بۇ يەردە كەسىپنى گۈللەندۈرۈپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
بۇ بىرقانچە يىلدا، ما جۈن كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنى يېتەكلەپ، شەھەر ئەتراپى تىپىدىكى ئىقتىساد، كەسىپ زەنجىرىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدى، جاڭجياجۇاڭ كەنتى قەدەممۇقەدەم داۋانلاردىن ئېشىپ ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىغا ماڭدى. 2023 ـ يىلى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 20 مىڭ يۈەنگە يەتتى.
خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش
ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت «ھالقىلىق تۇتقا»نى تۇتۇش
ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. جاڭجياجۇاڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى خې جىڭ بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە.
«ئەگەر ما شۇجى بىلەن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمى بولمىسا، مەن ھەرگىزمۇ ھازىرغىچە بەرداشلىق بېرەلمىگەن بولاتتىم» دېدى خې جىڭ. بىرنەچچە يىل ئىلگىرى، خې جىڭ داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئىزچىل مۇۋاپىق خىزمەت تاپالمىغانىدى، ئاپىسىنىڭ سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون نەچچە يىل بولغان بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانىدى.
ما جۈننىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، خې جىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنى ئەۋەتكەن ئورۇن − دۆلەت ئېلېكتىر تورى فۇكاڭ توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىگە كىرىپ خىزمەت قىلىپ، ھەر ئايدا 4000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىمگە ئىگە بولدى، بۇنىڭ بىلەن بۇ ئائىلىنىڭ مۇقىم ئىقتىسادىي مەنبەسى بار بولدى.
جاڭجياجۇاڭ كەنتى شەھەر ئەتراپى كەنتى بولۇپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغانلار كۆپرەك ئىدى. ھەر ھەپتىسى، ماجۈن كەنت ئاھالىلىرى ۋىيشىن توپىدا ئەڭ يېڭى ئادەم ئىشلىتىش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلدى.
ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۈچۈن بىرەر ماھارەت بولۇشى كېرەك، جاڭجياجۇاڭ كەنتى «كەنت ئاھالىلىرى زاكاس قىلىش، خىزمەت ئەترىتى تەشكىللەش، مۇتەخەسسىسلەر سۆزلەش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، سىياسەت، ماھارەت، پەن ـ تېخنىكا، قانۇن، ساغلاملىق قاتارلىق مەخسۇس تېمىلار بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلار كەچلىك مەكتىپىنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە قۇردى. بۇ بىرنەچچە يىلدا، كەنتتە ھەربىر ئائىلىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار بولۇش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
كەنت پارتىيە ياچېيكىسى يەنە «قوش ئالاقىلىشىش، قوش يېتەكلەش، قوش باھالاش، بىرگە مۇلازىمەت قىلىش» پائالىيىتىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار 30 ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ يار ـ يۆلەك بولۇپ، قىيىن ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشكە كۈچ سەرپ قىلدى.
قىشتىكى ئىللىق قۇياش نۇرىدا، جاڭجياجۇاڭ كەنتىدە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، يۇقىرى ئۆرلەيدىغان كۈچ ئۇرغۇماقتا.