تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودا مىقدارى 5 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشتى

تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 11 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنىگىچە، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودىسى مىقدارى 5 مىليارد 298 مىليون كىلوۋات سائەتكە يىتىپ، بۇلتۇرقى پۈتۈن يىللىق سودا كۆلىمىنىڭ 3.6 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.

ئوخشاش مەزگىلدە، شىنجاڭنىڭ ئۆلكىلەر ئارا يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودىسى كۆلىمى 3 مىليارد 222 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى پۈتۈن يىللىق سودا كۆلىمىنىڭ 3.14 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى؛ ئۆلكە ئىچىدىكى يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودا كۆلىمى 2 مىليارد 76 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى پۈتۈن يىللىق سودا كۆلىمىنىڭ 4.85 ھەسسىسىگە توغرا كېلىپ، بىردەك تارىختىكى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى ئىككى بازارنىڭ بايلىقنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سودا مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودا كۆلىمىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭ ئىچىدىكى بازاردا، يۇقىرى نىسبەتتىكى يېڭى ئېنېرگىيەنى بازارغا كىرگۈزۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، «يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ پۈتۈن سودا تۈرىگە قاتنىشىشىدىكى 24 سائەتلىك ئەگرى سىزىق» سودىسىنى ۋە خىزمەت كۈنى بويىچە ئۇدا بازار ئېچىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ كۈچ چىقىرىشتىكى داۋالغۇش ئالاھىدىلىكىگە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلاشتى. نۆۋەتتە يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ۋە يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى كىنىشكىسى مۇلازىمەت پونكىتىدىن 29نى قۇردى.

سىياسەت جەھەتتە، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئىشلىتىش ھەرىكەت لايىھەسىنى يولغا قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيە ئىشلىتىدىغان نۇقتىلىق ئورۇنلارنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ئىستېمال نىسبىتىنى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، توك ئىشلەتكۈچىلەرنى ئاساس قىلغان يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئىستېمالىنى مەنبەدىن تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى باشلامچىلىق بىلەن ئورناتتى.

سىرتقا يەتكۈزۈش بازىرى جەھەتتە، ھۆكۈمەت ئارا كېلىشىم + بازارلاشقان گۇرۇپپا سىرتقا يەتكۈزۈش سودا مېخانىزمىغا تايىنىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى يېڭى ئېنېرگىيە سەپلىمە يۈرۈشلۈك ئوت ئېلېكتىر سودىسىنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، تۇنجى قېتىم يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودىسى شەكلى ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئارا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيە چوڭ بازىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يولدىن تولۇق پايدىلىنىپ «يەتكۈزەلەيدىغانلىرىنى تولۇق يەتكۈزدى».

نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئوخشاش بولمىغان ئۆلكىلەرنىڭ ئېلېكتىر يۈكى ئالاھىدىلىكى، بايلىق ئۈستۈنلۈكى پەرقىدىن پايدىلىنىپ، توك يەتكۈزۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئۇزۇن ـ قىسقا مەزگىلنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ توك يەتكۈزۈش يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قازدى، بۇ يىل تۇنجى قېتىم «يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بېيجىڭغا يەتكۈزۈش» «يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى فۇجيەنگە يەتكۈزۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 21 ئۆلكىگە كېڭەيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.