11 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ساموئا زۇڭلىسى فىئامى بىلەن كۆرۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار فېڭ شىنرەن، ساۋ جيايۆ) 11 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ساموئا زۇڭلىسى فىئامى بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ساموئا تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى ئىچىدە تۇنجى تۈركۈمدە يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ساقلاپ، باشتىن ـ ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالدى. جۇڭگو تەرەپ دۆلەتلەرنى چوڭ ـ كىچىك دەپ ئايرىماي بىردەك باراۋەر بولۇشنى، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدا ئىشقا ئاشۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ ساموئا تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوغداپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ئاساستا ئىزدىنىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ساموئا تەرەپ بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، داۋاملىق تۈردە جەنۇب ـ جەنۇب ھەمكارلىقى رامكىسى ئىچىدە ساموئانىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، ئىقتىساد ـ سودا، سېلىنما، دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن كۈچنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىشنى كېڭەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، ياشلار قاتارلىق ئادىمىيەت ساھەلىرىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ ساموئا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىگە قارىتا «تۆتكە تولۇق ھۆرمەت قىلىش» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىگە ياردەم بېرىشتە قوشۇمچە سىياسىي شەرت قويمايدۇ، باشقىلارغا زورلاپ تاڭمايدۇ، قۇرۇق ۋەدە بەرمەيدۇ. جۇڭگو تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىگە قاراتقان سىياسىتىدە ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇپ، شەخسىي غەرىزى يوق، ئۈچىنچى تەرەپكە قاراتمايدۇ، جۇغراپىيەلىك تالىشىش ۋە تەسىر كۈچ دائىرىسى بىلەن شۇغۇللانمايدۇ. جۇڭگو تەرەپ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى ئالدىن ھەمكارلىشىش ساھەسى قىلىپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» ھەم ئۇنىڭ «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق، لېكىن پەرقلىق بولغان مەسئۇلىيەت پىرىنسىپىنى قوغداپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىق ۋە يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.
فىئامى مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قالتىس رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو غايەت زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەر ئۈچۈن ئۈلگە تىكلىدى، ساموئا تەرەپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش، بولۇپمۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىقلارغا ئالاقىدار دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان ساموئاغا قىممەتلىك ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، ساموئا تەرەپ جۇڭگونىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىگە بەرگەن ياردىمىگە ھېچقانداق قوشۇمچە سىياسىي شەرت قويماي، ئەزەلدىن دېگىنىگە جەزمەن ئەمەل قىلىپ، دېگىنىنى قىلغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. ساموئا تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قوللايدۇ. ساموئا تەرەپ جۇڭگونى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ قىلىپ، كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى ئورتاق تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ساموئا مۇستەقىل دۆلىتىنىڭ قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.