11 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا سىنگاپورنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى لى شيەنلۇڭ بىلەن كۆرۈشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ساۋ جيايۆ، فېڭ شىنرەن) 11 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا سىنگاپورنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى لى شيەنلۇڭ بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ لى شيەنلۇڭنىڭ سىنگاپور زۇڭلىسى بولغان مەزگىلدە سىنگاپورنى يېتەكلەپ كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە ھەم ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو ـ سىنگاپور ھەمكارلىقىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا ئىجابىي باھا بەردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇر بىز بىرلىكتە جۇڭگو ـ سىنگاپور ھەر تەرەپلىمە، يۇقىرى سۈپەتلىك ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇردۇق. كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن سىنگاپور دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقى، ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت ـ سائادەت يارىتىش، رايون تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل سۇجوۋ سانائەت باغچە رايونى ئېچىلغان ۋە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى. 30 يىلدا، سۇجوۋ سانائەت باغچە رايونى «كۆلچەك، ئويمانلىق»تىن «يېڭىلىق يارىتىش شەھىرى»گە ئايلىنىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ جانلىق ئۈلگىسىنى تىكلىدى، شۇنداقلا سىنگاپورنىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش ئىشلىرىغا چوڭقۇر قاتناشقانلىقىنىڭ گۇۋاھچىسى بولدى. جۇڭگو ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. جۇڭگو زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىشتا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ، ئىقتىسادنىڭ ئۇزاققىچە ياخشى بولۇشىنى ساقلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىشەنچى بار. سىنگاپور تەرەپنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقتا داۋاملىق باشلامچى بولۇپ، جۇڭگو ـ سىنگاپور ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق مېخانىزمى يىغىنى سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، چوڭ ـ چوڭ ھەمكارلىق تۈرلىرىنى يۇقىرى سەۋىيەدە ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، رەقەملەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇش تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ سىنگاپور ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈشىنى قارشى ئالىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىس ئالدىدا، ھەرقانداق دۆلەت ئۆزىنىڭلا غېمىدە بولۇپ، باشقىلار بىلەن كارى بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس، ئىتتىپاقلىشىش ـ ھەمكارلىشىش، ئېچىۋېتىش ـ سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇش جاھاندىكى توغرا يول. جۇڭگو تەرەپ سىنگاپور تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، گۇرۇھلار تىركىشىش، بۆلۈنۈش، قارشىلىشىشنى توسۇپ، ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.
لى شيەنلۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇلتۇر 3 ـ ئايدا مەن جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە سىنگاپور ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئورۇن بېكىتمىسىنى ھەر تەرەپلىمە، يۇقىرى سۈپەتلىك ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى جاكارلىدۇق. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشى، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق مېخانىزمى يىغىنىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلىشى نۇرغۇن ئەمەلىي نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. سۇجوۋ سانائەت باغچە رايونى ئېچىلغان ۋە قۇرۇلغان 30 يىلدىن بۇيان، تەرەققىي قىلىپ زامانىۋىلاشقان شەھەر ـ بازارغا ئايلىنىپ، سىنگاپور ـ جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمكارلىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى ۋە ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىسى بولۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە دۇنياغا جۇڭگونىڭ ئۈزلۈكسىز ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئېچىۋېتىش قىياپىتىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتى، سىنگاپور تەرەپ جۇڭگونىڭ كەلگۈسىگە تولۇق ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات، گۈللىنىشنى داۋاملىق ساقلاپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. سىنگاپور تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە پائال قاتنىشىدۇ. ھازىرقى مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتتە، ھەرقايسى دۆلەتلەر يىراققا نەزەر سېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ـ ھەمكارلىققا كۈچەپ، خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، خەلققە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى كېرەك.
ئىككى تەرەپ يەنە جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتى، رايون ۋەزىيىتى قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.